+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-9-15 09:19 518 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
英伟达 400 亿收购 Arm,这将对整个 IT 行业产生巨大的影响
پەن-تېخنىكا ساھەسىدە چوڭ بىر ئىش يۈز بەردى، ھەمدە تېز سۈرئەتتە ھەرقايسى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا باش بېتىگە چىقتى. ئامېرىكىدىكى داڭلىق گرافىك بىر تەرەپ قىلىش ئۆزىكى (GPU) شىركىتى Nvidia دۇنياغا داڭلىق ئۆزەك تېخنىكا شىركىتى Arm نى 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى باھا بىلەن سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
كېلىشىمگە ئاساسەن، Nvidia نەق پۇل ۋە پاي چېكى شەكلى ئارقىلىق Arm ئانا شىركىتى ياپونىيە SoftBank شىركىتىدىن سېتىۋالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى توختام سوممىسى ۋە 1 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى Arm خىزمەتچىسىگە بېرىلىدىغان پاي چېكىمۇ بار.
بۇ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسپى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ سودا بولۇپ ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك ماگناتى بارلىققا كەلدى!
بۇ پۈتكۈل IT كەسپىگە غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا كەسپىگە غايەت زور يوشۇرۇن تەسىر كۆرسىتىدۇ.

arm.jpg

ساھە ئارقا كۆرۈنۈشى
ئۆزەك جەھەتتىكى كەسىپ ئەندىزىسىنى ئاددىي تەسۋىرلەپ باقايلى.
Nvidia بولسا GPU (گىرافىك بىر تەرەپ قىلغۇچ) نىڭ كەشپىياتچىسى، ئىزچىل GPU نىڭ باشلامچىسى بولۇپ كەلگەن.  شۇنداقلا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھېسابلاشنىڭ باشلامچىسى.
ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا ئۇلار تېز سۈرئەتتە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، سانلىق مەلۇمات مەركىزى، بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىق پەن-تېخنىكىنىڭ يادرولۇق ساھەلىرىگە كۈچىدى. ئۇنىڭ CEO سى خۇاڭ رېنشۈن كېرمىنىي جىلغىسىدا خاسىيەتلىك ئادەم دەپ ئاتالغان جۇڭگولۇق چىياۋمىننىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ كەينىدە نۇرغۇن رىۋايەتلەر بار.
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش بولسا Nvidia يېقىنقى بىر نەچچە يىللىق يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش، بولۇپمۇ بۇ بىر نەچچە يىلدا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، Nvidia ئۆزىكىنىڭ گىرافىكلىق بىر تەرەپ قىلىش ساھەسىدىكى ئاتامان ئىنتېلغا بىۋاستە جەڭ ئېلان قىلىشقا باشلىدى. Nvidia نىڭ GPU مەھسۇلاتلىرى شۇنچىلىك كۈچلۈك بولۇپ، ھەتتا بەزىلەر ئۇلارنىڭ دەسلەپكى مەھسۇلاتلىرىدا ئۇنىڭدىن چىققان ئىسسىقلىق مىقدارى بىلەن بىر تۇخۇمنى پىشۇرغان.
بۇ بىر قانچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، Nvidia بازار قىممىتى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەكنىڭ ئىلگىرىكى مۇتلەق چوڭ ئاتامانى ئىنتېل (intel) دىن ئېشىپ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك شىركىتىنىڭ مۆلچەر قىممىتى ئەڭ يۇقىرى شىركەت بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، پاي چېكى بەش يىلدا 18 ھەسسە ئۆستى.

5f5f46e48e9f091b993389c5_1024.jpg

Arm ناھايىتى غەلىتە بىر شىركەت، Arm ئەنگلىيەدىكى كامبىرىج شەھىرىدە بارلىققا كەلگەن، ئامېرىكىنىڭ بېركلېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ « ئىخچام بۇيرۇق توپلىمى كومپيۇتېرى (RISC) » دېگەن تېخنىكىسىنى قوللانغان، ئەمما بىر ئۆزەك تېخنىكىسى شىركىتى Arm بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەزەلدىن ئۆزەكنى باشقىلارغا سېتىپ بەرمىگەن، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىمۇ يوق. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزەك يادرولۇق قۇرۇلمىسىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى كەسىپ ئىچىدىكى « ھەمكارلىق ھەمراھى» غا ھوقۇق بېرىپ، ئۇلار ئارقىلىق ئالاقىدار بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە ئالاقىدار سىستېمىلارنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى.

Arm نىڭ ھوقۇق بېرىشى چوڭ جەھەتتىن ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. بىر خىلى، رامكا (بۇيرۇق توپلىمى) ھوقۇقى بېرىش؛ بىر خىلى، مىكرو رامكا ھوقۇقى بېرىش.
Arm نىڭ كىرىمى ئاساسلىقى ھوقۇق بېرىش ھەققى (License) ۋە نەشر بېجى (Royalty) غا تايىنىدۇ. سامسۇڭ، ئالما يانفونى ۋە تاختا كومپيۇتېرىنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ئۈسكۈنىلەر، شۇنداقلا كۇۋالكوم ئىشلەپچىقارغان بارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىدە Arm نىڭ يادرولۇق تېخنىكىسى بار.
يەنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى، ئالما، سامسۇڭ، خۇاۋېي، شىياۋمى...لارغا ئىشلىتىۋاتقان بارلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ Arm رامكىسى (بۇيرۇق توپلىمى) نى ئىشلىتىدۇ.

5f5f46e48e9f091b993389c3_1024.jpg

Arm نىڭ تېخنىكىسى شۇنچە كۈچلۈك ھەم ئېنېرگىيە تېجەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھازىرقى %95 ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونىدا ئۇلارنىڭ تېخنىكىسى بار بولدى، ئۇنىڭ تېخنىكىسى يەنە نەرسە تورى (IOT) ئۈسكۈنىسى ۋە ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، سېنزور، رەقەملىك فوتو ئاپپارات، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان گىرۋەك ھېسابلاش قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلدى.
بۇ يەردە بىر كىچىك ھېكايە بار، Arm نىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىنژېنېرلىرى ئۆزەك (ئۇ چاغدا مەھسۇلات arm1 دەپ ئاتىلاتتى) نى بايقىغان بولۇپ، توك مەنبەسىنى ئۇلىمىغان ئەھۋالدا، ئىزچىل نورمال ئىشلەۋېتىپتۇ. تەتقىقاتچىلار ناھايىتى تېزلا ھېلىقى ئۆزەكنىڭ ئاشۇ كومپيۇتېر تۆمۈر رامكىسىدىكى قاچقان زەرەت بىلەن ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىنى ساقلىيالايدىغانلىقىنى بايقىدى.
ياپونىيە SoftBank شىركىتى 2016-يىلى 32 مىليارد دوللارلىق باھا بىلەن Arm نى سېتىۋالغان. SoftBank نىڭ باش لىدىرى سۈن جېڭيى قەسەم قىلىپ، arm نىڭ ياردىمىدە نەرسە تورى، 5G قاتارلىق كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق كەسىپلەرگە ئومۇميۈزلۈك كىرىشنى ئۈمىد قىلدى. لېكىن بۇ خىل تىرىشچانلىق ئانچە مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغاندەك قىلىدۇ. ئەگەر Arm نىڭ بۈگۈنكى سېتىش باھاسى 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولسا، تۆت يىلدىلا تەخمىنەن 1.25 ھەسسە پايدىغا ئېرىشكەن بولىدۇ، مەبلەغ سېلىش نىسبىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەينى ۋاقىتتىكى Arm نى سېتىۋېلىش ھەقىقەتەن مۇۋەپپەقىيەتلىك سودا ھېسابلانمايدۇ.

5f5f46e48e9f091b993389c6_1024.jpg

بۇ يەردە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك كەسپىنى مونوپول قىلىۋاتقىنىغا 40 يىلدىن ئاشقان باشلامچى شىركەت intel نى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئىنتېل شىركىتىنىڭ يادرولۇق تېخنىكىسى X86 سىستېمىسىدىن كەلگەن، ئىنتېل شىركىتىنىڭ تېخنىكىسى ھەرقايسى ساھەلەرگە تارقالغان، بولۇپمۇ « Intel Inside» شوئارى ئىنتېل شىركىتىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تونۇتتى.
ئىنتېل كۈچلۈك CPU ئىقتىدارىغا ئىگە. ئەمما سىمسىز يانفۇن خەۋەرلىشىش كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغاندىن بۇيان، Arm شىركىتى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تېخنىكىسى ۋە سودا ئەندىزىسى بىلەن ھەر بىر يانفۇن خەۋەرلىشىش تېرمىنالى ۋە گىرۋەك ھېسابلاش (边缘计算) كەسپىگە سىڭىپ كىردى، چۈنكى ئۇنىڭ ئىقتىدارى كۈچلۈك، بولۇپمۇ سەرپىيات ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك بولۇپ، ئېنېرگىيە تېجەيدۇ. بۇ ئىنتېلغا غايەت زور زەربە ئېلىپ كەلدى.
ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، intel بىلەن arm نى ئىككى ئەشەددىي رەقىب دېيىشكە بولىدۇ، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئىنتېل خۇددى ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان غايەت زور يۈك ئاپتوموبىلىغا ئوخشايدۇ، ئۇ بىر ماشىنا يۈكنى ئېلىپ دۆڭگە چىقالايدۇ، لىكىن ئۇ غايەت زور ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدۇ. ARM بولسا نەپىس ياسالغان توكسىكلىتقا ئوخشايدۇ، ئۇ ئىنتايىن جانلىق بولۇپ، ئېنېرگىيە تېجەيدۇ.
ئىنتېل بىلەن Arm نىڭ بازار تالىشىشى كۆپىنچە قارشى تەرەپنىڭ بازىرىغا سىڭىپ كىرىش ئۈچۈن بولىدۇ. ھازىرغا قەدەر، ئىككى تەرەپ كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ھېكايە Nvidia نىڭ Arm نى قوشۇۋېلىشىغا قايتىپ كەلدى. قىزىق يېرى شۇكى، Intel بىلەن يۇقىرى-تۆۋەنلىكنى تالىشىدىغان Arm ھازىر Nvidia غا ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئۇنىڭ كۆپ يىللىق رەقىبى Intel بىلەن تېخىمۇ كەسكىن رىقابەتلىشىشى مۇمكىن.

قوشۇۋېلىشنىڭ تەسىرى
ئالدى بىلەن، Nvidia نىڭ Arm نى قوشۇۋېلىشى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆزەك ساھەسىنى قايتىدىن تەشكىللەيدۇ ۋە بىرلەشتۈرىدۇ.
Nvidia ئۆزىكى ئىزچىل سانلىق مەلۇماتلارنى كۆپ تەلەپ قىلىدىغان ۋەزىپىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئىشلىتىلىپ كەلگەن، بۇنىڭ تىپىك ئەمەلىي مىسالى كومپيۇتېرىدىكى ئويۇن، ئىلمىي تەتقىقات ھېسابلاش، ئېچىش ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئاپتوماتىك ھەيدەش، ھەتتا بۆلەكلەر زەنجىرىدە كان قېزىشنىڭ يۇقىرى سىجىللىقتىكى ھېسابلاش قاتارلىقلار. Arm بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى Nvidia نىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون، 5G، گىرۋەك ھېسابلاش، سىمسىز ئۈسكۈنە، IOT، ماشىنا ئادەم قاتارلىق بىر قاتار ساھەلەرگە كىرىشىگە پايدىلىق.
تېخنىكا نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، Nvidia نىڭ ماھىيىتى ۋە تېخنىكا يادروسى بىر GPU (سىنكارتا) شىركىتى بولۇپ، ئۇنىڭ CPU جەھەتتىكى ئەمەلىي كۈچى نۆۋەتتە intel ۋە AMD بىلەن خېلىلا پەرقلىنىدۇ، بولۇپمۇ مۇرەككەپ ھېسابلاش، چوڭ تىپتىكى سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن، ئۇ يېقىندا ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر قېتىملىق خېرىدار چاقىرىشىدا ئىنتېل ۋە AMD غا ئۇتتۇرۇپ قويغان. شۇنىڭ ئۈچۈن Arm نى ئورگانىك بىرىكتۈرەلەيدىغان CPU تېخنىكىسى ۋە ئۇ يېتەكلىگەن كوللېكتىپ جەھەتتىكى ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكى Nvidia نى CPU بىلەن GPU نى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك شىركەتكە ئايلاندۇرىدۇ.
ئۇنىڭدىن قالسا، Nvidia بىلەن Arm نىڭ بىرلىشىشى intel ۋە AMD بىلەن تەڭ تۇرىدىغان ئەندىزە شەكىللەندۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى يۇقىرى سىجىللىققا ئىگە مۇلازىمېتىر، سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىق ساھەلەردىكى رىقابەت بازىرىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ. Nvidia نىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە ئۇنىڭ گىرافىك بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ياردىمىدە Arm سىمسىز يانفون تېرمىنالى قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ تەڭداشسىز ئورۇندا تۇرىدۇ.

5f5f46e48e9f091b993389c7_1024.jpg

جۇڭگو پەن-تېخنىكا كەسىپلىرىگە بولغان تەسىرى
بۇ قېتىمقى قوشۇۋېلىشتا، دۆلەت ئىچىدىكىلەرنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى بۇ ئىككى شىركەتنىڭ قوشۇلىشى جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى پەن-تېخنىكا بازىرىغا مۇرەككەپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇم، جۇڭگو يانفون ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ دۆلەت، مۇتلەق كۆپ قىسىم يانفونلارنىڭ يادرولۇق قىسىمىدا Arm تېخنىكىسى قوللىنىلىدۇ. SoftBank نىڭ 2018- يىلى ئاشكارىلىشىچە، جۇڭگو لايىھەلىگەن بارلىق ئىلغار ئۆزەكلەر ئىچىدە، تەخمىنەن %95 ى Arm تېخنىكىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، جۇڭگو Arm ئومۇمىي سېتىش سوممىسىنىڭ %20 ىنى ئىگىلەيدۇ.
بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا، Arm ياپونىيە ۋە ئەنگلىيە شىركىتى بولغاچقا، نۇرغۇن دائىرىدە ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنىڭ جازاسىغا ۋە چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايتتى. Arm جۇڭگومۇ خېلى بۇرۇنلا مۇنداق دېگەن: «بىز ئەزەلدىن تەمىنلەشنى ئۈزۈپ قويمىدۇق، ئىزچىل خۇاۋېينى قوللاپ كەلدۇق، خۇاۋېي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە سىجىل مال چىقىرىش مىقدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۈمىلىدىن، Arm جۇڭگونىڭ مەھسۇلاتى ئەنگلىيەنىڭ قۇرۇلمىسىدىن كەلگەن. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىزنىڭ V8 رامكىمىز ھەمدە كېيىنكى قۇرۇلمىمىزمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ ئىككى مەھسۇلات بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان ئەھۋال ئاستىدا داۋاملىق جۇڭگونىڭ خېرىدارلىرى، جۈملىدىن خۇاۋېينى مال بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ»
2017-يىلى 5-ئايدا، Arm نىڭ يەر شارى ئىستراتېگىيەسىنى تېزلىتىش ھەمدە جۇڭگو IC كەسپىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاش ئۈچۈن، Arm بىلەن خۇئەن يېڭىلىق يارىتىش فوندى ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ، جۇڭگو شېنجېندا جۇڭگو تەرەپ پېيىنى كونترول قىلىدىغان شېرىك كارخانا قۇرماقچى بولغان، ئالدىنقىسى شېرىكلەشكەن كارخانىلارنى ئۆزەك لايىھەلەشتە ئېھتىياجلىق بولغان يادرولۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، تېخنىكا ياردىمى ۋە تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلەيدۇ.
لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەھۋال ئۆزگەردى، يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ پەن ـ تېخنىكىسىغا قەدەممۇ قەدەم بېسىم ئىشلەتتى. بۈگۈنكى كۈندە Arm شىركىتى پۈتۈنلەي ئامېرىكا شىركىتىگە ئايلاندى.
رېئاللىقتىكى مەسىلىلەرنىڭ بۇنىڭدىن خېلىلا مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى بايقاشقا بولىدۇ.
ئالدى بىلەن ئۆزەكنىڭ قۇرۇلمىسى مەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن زىچ باغلانغان، نۆۋەتتە كۆچمە تېرمىنال ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئاساسلىق مەشغۇلات سىستېمىسى پەقەت  Android  ۋە IOS.  
خۇاۋېينىڭ چىلىن 980 ئۆزىكىنى مىسالغا ئالساق، ئەڭ ئاساسلىق قىسمى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان CPU ۋە GPU Cortex-A76 ۋە Mali-G76 لارنىڭ ھەممىسى خۇاۋېينىڭ ARM دىن سېتىۋالغان مىكرو قۇرۇلما ھوقۇقى، يانفوندا ئىشلىتىلىدىغان ئاندىرويىد سىستېمىسى ۋە ARM قۇرۇلمىسى يەنە زىچ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ يەردە يەنە بىر قاتار Arm تەمىنلىگەن مۇھىت ئېچىش قورالى بولۇشى كېرەك.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەگەر Arm بىلەن تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قالسا، ئۇنداقتا ئاندرويد سىستېمىسى ئارقىلىق نۆۋەتتىكى باشقا بىر غەيرىي ئاساسىي ئېقىمدىكى مىكرو قۇرۇلما ۋە مۇناسىپ ئېچىش قورالى (مەسىلەن، RISC-V) نى قوللاش ئىنتايىن قىيىن ئىش بولۇپ قالىدۇ ھەمدە ئۇزۇن يول مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ.
مانا بۇ بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگودىكى ھەر بىر يانفون ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئەجەللىك مەسىلە!
中芯国际 جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ، شۇنداقلا تېخنىكا جەھەتتە نىسبەتەن ئەڭ ئىلغار بولغان كىرىستال لامپا (ئۆزەك) ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى. لېكىن بۇ شىركەتنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ماتېرىياللىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن. ئەگەر ئۈسكۈنە ۋە ماتېرىياللار ئۈزۈلۈپ قالسا، كەلگۈسىدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۆزەكنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسىدىكى كرىستال لامپا قۇرۇلۇش كەسىپىدىكى قۇرلۇش ماتېرىياللىرىغا باراۋەر كېلىدۇ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بولمىسا، قانداق ئىمارەت سېلىش ئىنتايىن قىيىن ئىش. كىرىستال لامپا (ئۆزەك) بولمىسا، ھەرقانداق يۇقىرى دەرىجىلىك يانفون ياكى باشقا ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساپ چىققىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە Arm نى سېتىشتىن ئىبارەت بۇ مەسىلىدە ئۆزەكنىڭ ئىستىقبالى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.

Arm نى قوشۇۋېلىشنىڭ مەغلۇپ بولۇش ئېھتىماللىقى
گەرچە SoftBank  Nvidia نىڭ قولىدىن ئەنگلىيەنىڭ ئۆزەك لايىھەلەش شىركىتى ARM نى سېتىۋالغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىمقى قوشۇۋېلىشتا يەنىلا بەزى ئېنىقسىز ئامىللار مەۋجۇت. ئالدى بىلەن بۇ خىل قوشۇۋېلىش Arm نىڭ ئەسلىدىكى بازاردىكى بىتەرەپ ئورنىنى بۇزۇپ تاشلاپ، نۆۋەتتىكى Arm بىلەن باشقا ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن مۇرەككەپ ئامىل ۋە تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.
شۇڭا، بۇ ساھەنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ يوق، بولۇپمۇ ئالما، سامسۇڭغا ئوخشاش چوڭ تىپتىكى شىركەتلەر بۇ خىل يېڭى ۋەزىيەتكە سەزگۈر ئىنكاس قايتۇرىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەتلەر مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ئارقىلىق بۇ تۈرنىڭ قوشۇۋېتىلىشىگە قارشى تۇرۇشى مۇمكىن، بۇ قوشۇۋېلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش-بولماسلىقىدىكى بىر قەدەر چوڭ خىرىس؛ ئۈچىنچىدىن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇنداق قوشۇۋېلىشنىڭ يۈز بېرىشىنى كۆرۈشنى ئانچە خالىماسلىقى مۇمكىن.
Arm بىر يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق شىركەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەنگلىيەنىڭ IT ساھەسىدىكى مۇنەۋۋەر شىركەتلەرنىڭ بىرى، ئەنگلىيەنىڭ پەخرى. گەرچە ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا قېرىنداش بولسىمۇ، لېكىن بۇ شىركەت ئامېرىكا شىركىتى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەھۋالى ئىلگىرى SoftBank  تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىش ئەھۋالى بىلەن ئانچە ئوخشىمايدۇ. سەۋەبى شۇكى، SoftBank   بىر غايەت زور فوند، ئۇنىڭ سېتىۋېلىشى پەقەت پايچىكلارنى كاپىتال قاتلىمى جەھەتتە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە Arm نى Nvidia سېتىۋالغاندىن كېيىن، كەسىپنىڭ قائىدىسى بويىچە بۇ شىركەت بىر قانچە يىلدىن كېيىن ئۆزى قوشۇۋالغان شىركەت تەرىپىدىن تەدرىجىي قوبۇل قىلىنىپ ھەزىم قىلىنىدۇ.

来源:iFeng科技 , 作者:杨镭
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部