+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-9-13 23:22 768 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-9-13 22:49  

يانفون بىلەن يانفون، يانفون بىلەن كومپىيۇتېر ئارا ھۆججەت يوللاشقا دائىم ئېھتىياجلىق بولىمىز. يانفوندىن يانفونغا ھۆججەت يوللاشتا كۆكچىش ياكى كىيۇكىيۇ، ئۈندىدار ئارقىلىق يوللىساقمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا سۈرئىتى ئاستا بولۇپ قالىدۇ ھەم سىغىمى چوڭ كۆپ ھۆججەتنى يوللاش قولايسىز. ئۈندىداردا يوللىسا ھۆججەت سىغىمىغا چەكلىمە بار.
يانفون بىلەن كومپىيۇتېر ئارا ھۆججەت يوللاشتا كۆپىنچە سانلىق مەلۇم سىمى چېتىپ يوللايمىز.
تۆۋەندە مۇشۇ مەسىللەرنى بىر يولىلا ھەل قىلىۋېتىدىغان بىر ئەپنى تونۇشتۇرىمىز.
ئەپ نامى: vivo互传
ھەقسىز، ئېلانسىز ئەپ. تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئالما، ئاندرويد ھەممىسىدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئىشلىتىش ئىنتايىن قولاي.
ئىسمىدا ۋىۋو دەپ بولغان بىلەن ۋىۋودىن باشقا يانفونلاردىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئاندرويد، ئالما iOS ، كومپىيۇتېرلارنى قوللايدۇ. مۇشۇلار ئارا خالىغانچە ھۆججەت يوللاشقا بولىدۇ، تور ئېقىمى ئىشلەتمەيدۇ.

يانفوندىن يانفونغا ھۆججەت يوللاش
vivo互传 ئەپنى ئىككى يانفونغا قاچىلايمىز (بۇ ئەپ ھەر قايسى ئەپ بازارلىرىدا بار، شۇ ئىسىمدا ئىزدىتىپ تېپىپ قاچىلىساڭلار بولىدۇ) يانفوننى بىر بىرىگە ئۇلاشنىڭ ئىككى ئۇسۇلى بار، بىرسى كۆكچىش ئارقىلىق ئۇلاش، يەنە بىرسى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ ئۇلاش. بىرسىدە ھاسىل بولغان ئىككىلىك كودنى يەنە بىرسىدە سىكانېرلىسىلا ئىككى يانفون ئۇلىنىپ، يانفوندىكى رەسىملەر، سىنلار، ئەپلەر، ھۆججەتلەر تۈرى بويچە كۆرۈنىدۇ. يوللىماقچى بولغان ھۆججەتلەرنى تاللاپ يوللاشنى باسسا بولىدۇ.

92686ae9cc46650b0495dfe7ce11a86b.jpg

ھۆججەت يوللاش تېزلىكى 10Mb/s گە چىقىدۇ، بەزى يانفوندا 15Mb/s گىمۇ چىقىدۇ. ھۆججەت يوللاش جەريانىدا ۋايفاي قىزىق نۇقتىسى شەكىلدە ئۇلىندىكەن، شۇڭا تور ئېقىمى سەرپ قىلمايدۇ.

بۇ ئەپنىڭ يەنە بىر كۇنۇپكا بىلەن يانفون ئالماشتۇرۇش دەپ بىر ئىقتىدارى بار. يانفون ئالماشتۇرغاندا كونا يانفوندىكى شەخسىي ئۇچۇر، تېلفون دەپتىرى، رەسىملەرنى يېڭى تېلفونغا ئاسانلا يۆتكىگىلى بولىدۇ. بۇ ئىقتىدارى ئاندرويد يانفوندىن ئاندرويد يانفونغا، ئالما يانفوندىن ئاندرويد يانفونغا ئالماشتۇرغاندا بەك ئەسقاتىدۇ.

20540954M-26.jpg

微信图片_20200913104946.jpg

ئۆتكەن يىل شياۋمى، OPPO، vivo لار ئۆز ئارا يوللاش بىرلەشمىسى قۇرغان بولۇپ، ئەگەر سىز بۇ ئۈچ ماركىدىكى يانفونلار ئارىسىدا ھۆججەت يوللاشقا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، يۇقارقى ئەپنى قاچىلىمىغان تەقدىردىمۇ ئۆز ئارا تېز سۈرئەتتە ھۆججەت يوللىيالايسىز. ئايرىم ئەپ قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق.

e9789a731cab47e044ac4a0f3210a265.jpg

يانفون بىلەن كومپىيۇتېر ئارا ھۆججەت يوللاش.
بۇ ئەپ يانفوندا بولسىلا، كومپىيۇتېرغا ئايرىم دېتال قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق. يانفون بىلەن كومپىيۇتېر بىر ۋايفايغا ئۇلىنىشى كېرەك ئىكەن.
ئاندىن يانفوندىكى ئەپنى قوزغىتىپ 连接电脑 نى باسىمىز.

微信图片_20200913104941.jpg

ئاندىن كومپىيۇتېردا ماۋۇ تور ئادرېسنى ئېچىڭ دەپ، تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئادرېسنى كۆرسىتىدۇ.

微信图片_20200913104936.jpg

بۇنىڭدىن خالىغان بىر ئادرېسنى كومپىيۇتېردىكى تور كۆرگۈدە ئاچىمىز، بىر ئىككىلىك كود چىقىرىپ بېرىدۇ. يانفوندا ئۇ كودنى سىكانېرلايمىز.

شۇنىڭ بىلەن يانفون بىلەن كومپىيۇتېر ئۇلىنىپ، يانفوندىكى ھۆججەتلەر كومپىيۇتېردا كۆرۈنىدۇ، كومپىيۇتېرغا كۆچۈردىغاننى تاللاپ كۆچۈرسەك بولىدۇ.

微信截图_20200912235316.jpg

发送至手机 نى بېسىپ كومپىيۇتېردىكى ھۆججەتنى يانفونغا يوللاشقا بولىدۇ.
بۇنىڭمۇ يوللاش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، 15Mb/s گە چىقىدۇ؛ نەچچە GB لىق ھۆججەتلەرنى، نەچچە مىڭ رەسىمنى بىردەمدە يوللاپ بولغىلى بولىدۇ.

93bf4ace117d468552f91b157b71fa51.jpg

ئەگەر vivo يانفون ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز بۇ ئەپ ئارقىلىق يانفون ئېكرانىنى كومپىيۇتېرغا تەسۋىر چۈشۈرگىلى بولىدۇ، كومپىيۇتېردا يانفون ئېكرانى كۆرۈنۈپ، مائۇس ئارقىلىق يانفوننى كونترول قىلىش، يانفوندىكى ئەپلەرنى ئېچىشقا بولىدۇ.

bb70861ec63c5745307e3bc4e3235bcb.jpg
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部