+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-9-13 23:18 473 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-9-13 22:48  

10-سىنتەبىر خۇاۋېي شىركىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلدى.
ئالدى بىلەن خۇاۋېي FreeBuds Pro ھەقىقىي سىمسىز شاۋقۇن پەسەيتكۈچى تىڭشىغۇچ، بۇمۇ خۇاۋېي TWS يۈرۈشلۈك بايراقدار مەھسۇلاتى. تىڭشىغۇچنىڭ شەكلى ئالما AirPods Pro غا بىر قەدەر ئوخشايدۇ، قۇلاققا كىرىش شەكلىدىكى لايىھە قوللىنىلغان، قارا، ئاق، كۆمۈش رەڭدىن كۈمۈشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭ بار.

64fd02f2e779436a9ac57996bcf2e02f.png

تىڭشىغۇچقا يەنە ئۈچ گۇرۇپپا سىلتسىي يېلىملىق قۇلاق پۇرۇپكىسى سەپلەنگەن بولۇپ، يۇمشاق دېتال ئارقىلىق تىڭشىغۇچ ۋە قۇلاقنىڭ ماسلىشىش دەرىجىسىنى ئۆلچەشنى قوللايدۇ.
بۇ تىڭشىغۇچ ئاساسلىقى شاۋقۇننى پەسەيتىدۇ، خۇاۋېي FreeBuds Pro ئەقلىي ھەرىكەت ھالىتىدە شاۋقۇننى پەسەيتىشنى قوللايدۇ، ئۇ تۇرۇشلۇق مۇھىتنى تېز پەرق ئېتەلەيدۇ ھەمدە ئاپتوماتىك ھالدا شاۋقۇننى يېنىك، تەڭپۇڭ ياكى ئېغىر دەرىجىدە پەسەيتىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ تىڭشىغۇچ تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھالدا ئۆزى تۇرۇۋاتقان مۇھىتقا ئاساسەن تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان شاۋقۇن پەسەيتىش ئەندىزىسىنى ئېلىپ بارالايدۇ.

4ad8f13900e9499782724c4dae2086b9.png

تىڭشىغۇچنىڭ ئۆزىنىڭ توكى 4.5 سائەت ئۇدا ئىشلىتىشكە يېتىدۇ، قېپىنىڭمۇ باتارىيەسى بار بولۇپ، قېپىغا سېلىپ قويسا توك قاچىلاپ تۇرىدۇ، شۇنداقتا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا توكى 30 سائەت يىتىدۇ. سېتىلىش باھاسى دۆلەت ئىچى نۇسخىسىنىڭ سىملىق توك قاچىلايدىغان تىپى 1099 يۈەن، سىمسىز توك قاچىلايدىغان تىپىنىڭ باھاسى 1199 يۈەن.

ئىككىنچىسى، بويۇنغا ئېسىۋالدىغان Freelace Pro تىڭشىغۇچ، شاۋقۇننى تۆۋەنلىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە، توكى 24 سائەت يېتىدۇ، USB-C تېز زەرەتلىنىشىنى قوللايدۇ، قارا، يېشىل، ھالرەڭ ئۈچ خىل رەڭدە بولۇپ، دۆلەت ئىچى نۇسخىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 599 يۈەن.

2f815503fbd14e6ca8e6e813529dc33b.png

خۇاۋېي Watch GT 2 Pro سائىتى. كىلاسسىك نۇسخىسى ۋە تەنھەرىكەت نۇسخىسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل نۇسخىسى بار. GT2 بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ قول سائىتىنىڭ رامكىسى تېخىمۇ كىچىك، ئېكران ئىگىلەش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى. ئۇنىڭغا 1.39 دىيۇملۇق OLED ئېكران ئورنىتىلغان بولۇپ، پەرق ئېتىشچانلىقى 454* 454، يەنە 46 مىللىمېتىر كېلىدىغان نۇسخىسىمۇ بار.
ئۇنىڭ سىرتقى قېپىغا داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بېغىنى خالىغانچە ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بىر خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى بولۇش سۈپىتى كۆپ خىل بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە قەدەم ھېسابلىغۇچ، يۈرەك رىتىمىنى كۆزىتىش قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، يەنە كۆپ خىل ھەرىكەت ئەندىزىسى، مەسىلەن، گولف توپ ئويناش، تېننىس توپ ئويناش قاتارلىقلارنى قوللايدۇ.

260ab55f63d74f199b3950939b4d9719.png

Watch GT 2 Pro غا 32MB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 4GB لىق ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن، كۆك چىش 5.1 ئۇلىنىشىنى قوللايدۇ، يانفونغا ئۇلانمىسىمۇ ئۆزىدە ساقلىۋالغان مۇزىكىلارنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. يەنە بىر قىزىقارلىق نۇقتا شۇكى، بۇ قول سائىتى خۇاۋېينىڭ كومپيۇتېر بىلەن يان تېلېفون ئارىسىدىكى تەككۈزۈپلا يەتكۈزۈپ بېرىشنى قوللايدۇ، قول سائىتى بىلەن يان تېلېفوننى تەككۈزۈپ قويسىلا سۈرەت يوللاپ بېرىدۇ.

9f1dbca541e642cead27dc0c851c9a67.png

بۇ سائەت GPS نى ئاچقان ئەھۋالدا، توكى 30 سائەت يېتىدۇ، توك يوق چاغدا يان تېلېفون ئارقىلىق تەتۈر يۆنىلىشلىك سىمسىز توك قاچىلىغىلى بولىدۇ. بۇ سائەتنىڭ دۆلەت ئىچى نۇسىخسىنىڭ باھاسى ھازىرچە ئېلان قىلىنمىدى، چەتئەلدىكى باھاسى 329 ياۋرودىن باشلىنىدۇ.

بۇ قېتىم خۇاۋېينىڭ يەنە بىر سائىتى ئېلان قىلىندى. خۇاۋېي Watch Fit دەپ ئاتىلىدۇ، ئاساسلىقى بەدەن چېنىقتۇرۇشتىكى ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بۇ سائەتنىڭ سىرتقى شەكلى Watch GT بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭغا 1.64 دىيۇملۇق AMOLED چاسا شەكىللىك 2.5D مىكرو ئەگرى گىرۋەكلىك ئېكران ئىشلىتىلگەن.

40903f917a744b97b6ed53f2e197358e.png

خۇاۋېي Watch Fit نىڭ ئېكران ئېنىقلىقى 456* 280 بولۇپ، 326PPI پىكسېل زىچلىقىغا ئىگە، ئۈچ خىل رەڭدىكىسى بار. ھاۋا رايىنى كۆرسىتىش، يۈرەك رىتىمى، فىزىيولوگىيەلىك مەزگىل، ئۇيقۇ قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى كۆزىتىشنى قوللايدۇ، يۈ چېڭدۇڭ يەنە مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىشلەتكەندە توكى 10 كۈندىن ئۇزاق يېتىدۇ.
بۇنىڭمۇ دۆلەت ئىچى نۇسخىسنىڭ باھاسى ئېلان قىلىنمىدى، چەتئەلدىكى باھاسى 129 ياۋرو.

ئاخىرقىسى ئىلگىرى دۆلەت ئىچىدە ئېلان قىلىنغان خۇاۋېي MateBook X ۋە MateBook 14 خاتىرە كومپىيۇتېر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە MateBook X نىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى يېنىك ۋە نېپىز. كومپىيۇتېرنىڭ ئېكرانى گەرچە 13 ديۇم بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن گەۋدىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىر ۋاراق A4 قەغەزدىن كىچىك، قېلىنلىقى 13.6mm، ئېغىرلىقى 1KG دىن تۆۋەن بولۇپ، كۆچمە ئىش بېجىرىشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.



2019-HUAWEI-MateBook-14-Laptop-Windows-10-14-inch-Home-Intel-Core-i5-8265U-i7-8565U.jpg

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە خۇاۋېي خۇڭمېڭ 鸿蒙 OS 2.0  سىستېمىسنى رەسمىي ئېلان قىلدى. ھازىر سائەت، ئەقىلىي ئىقتىدارلىق ئېكران، ئاپتوموبىل قاتارلىقلارنى قوللايدىكەن. 12-ئايدا يانفون نۇسخىسنى چىقىردىكەن، كېلەر يىلى خۇاۋېي يانفونلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قوللايدىكەن.



مەھسۇلات پەقەت بىر مەھسۇلات، ئۇنى ئىشلەش تەس ئەمەس، لېكىن ئۇلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، ئۆزىگە تەۋە بولغان ئېكولوگىيە زەنجىرى قۇرۇپ چىقسا ئاندىن رىقابەتچىلىرىدىن ئۈزۈپ چىقالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇشى كېرەك. شۇڭا خۇاۋېي خۇڭمېڭ سىستېمىسىغا كۈچەۋاتىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部