+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-9-13 23:19 439 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-9-13 23:19  

ھازىرقى يانفونلارنىڭ كەينىگە كۆپ كامېرا سەپلىنىۋاتىدۇ، بەزى يانفونلارنىڭ ئالدىغىمۇ قوش كامېرا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. يانفوندىكى ئارقا كامېرا گۇرۇپپىسىدىكى ھەر قايسى كامېرالارنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ يانفون سېتىۋالغاندا قانداق تاللاش كېرەك؟

S9nR23LHfprgs9.jpg

ھازىر ئاساسىلىقى كەينىگە ئۈچ كامېرا سەپلىنىش كۆپ ئۇچرايدۇ، بەزى يانفونغا يەنە تۆت كامېرا، ھەتتا كەينى بەش كامېرا سەپلەنگەن.
كەينىدىكى كۆپ كامېرانىڭ ھەر قايسسىنىڭ ئىش تەقسىماتى ئايرىم، ھەممىسنىڭ ئۆز ئالدىغا رولى بار. بۇلارنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى رەسىم ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. يانفونغا كەسپىي فوتو ئاپپاراتتەك چوڭ، ئۇزۇن كامېرا لىنزىسى سەپلىگىلى بولمىغاندىكىن مۇشۇنداق كۆپ كامېرانى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق رەسىم سۈپىتىنى ياخشىلاش مەخسىتىگە يېتىدۇ.

S9nR23nEKwaiX7.png

نۆۋەتتە ئاساسىي ئېقىمدىكى يانفونلارنىڭ كەينىدىكى كۆپ كامېرا لايىھەسىدە بىر قەدەر چوڭ پەرق بار، لېكىن كۆپ قىسمى ئاساسىي كامېرا + ئادەتتىن تاشقىرى كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرانى بىرىكتۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ. ئاساسىي كامېرا رەسىمنىڭ پىكسېلنى شەكىللەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
ئادەتتىن تاشقىرى كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا لىنزىسى (超广角镜头) ئاساسىي كامېرادىن كەڭرى بولغان نۇرغۇن كۆرۈنۈش تاللاش دائىرىسىنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ، تېخىمۇ كۆپ مەنزىرىلەرنى سىغدۇرالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ بوشلۇق تۇيغۇسىغا ئىگە سۈرەتلەرنى تارتالايدۇ، بەزى تار بوشلۇقلاردىمۇ ھەيۋەتلىك سۈرەتلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئابۇنىتلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئادەتتىن تاشقىرى كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا لىنزىسى ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان ئىجادىيەت ئۈنۈمىنى ئاسانلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

S9nR27Sn3CEZI.jpg
ئادەتتىن تاشقىرى كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا لىنزىسى سەپلەنگەن يانفوندا تارتىلغان رەسىم

نۆۋەتتە كۆپ قىسىم يانفونلارغا ئالاھىدە كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا لىنزىسى سەپلىنىدۇ، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىن تاشقىرى كەڭ بۇلۇڭلۇق كۆرۈنۈشلەردىمۇ تەسۋىرنىڭ سۈپەت جەھەتتىكى پەرقى بولىدۇ، ئۇ تەسۋىر ھاسىل قىلىش سۈپىتى، كۆرۈنۈش تاللاش دائىرىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

S9nR27l2brvL0E.png

ئاساسىي كامېرا + ئادەتتىن تاشقىرى كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرادىن باشقا، بەزى يانفونلارغا يەنە ئۇزۇن فوكۇسلۇق كامېرا لىنزىسى (长焦镜头) سەپلىنىدۇ، ئۇزۇن فوكۇسلۇق كامېرا لىنزىسى ئارقىلىق ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇزۇن فوكۇسلۇق كامېرا لىنزىسى ئادەتتىكى ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتىش يوشۇرۇن كۆرۈش شەكلىدىكى ئۇزۇن فوكۇسلۇق كامېرا لىنزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئادەتتە يوشۇرۇن كۆرۈش شەكلىدىكى ئۇزۇن فوكۇسلۇق كامېرا لىنزىسى تېخىمۇ يۇقىرى ھەسسىلىك ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، يىراقتىكى مەنىزىرىنى يېقىنلىتىپ چوڭايتىپ تارتالايدۇ، مەسىلەن خۇاۋېي +P40 Pro يوشۇرۇن كۆرۈش شەكلىدىكى كامېرا لىنزىسى ئارقىلىق 10 ھەسسىلىك ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، يۇقىرى ھەسسىلىك فوكۇس ئۆزگەرتىپ يىراقتىكى مەنزىرىنى تارتقاندىمۇ ياخشى بولغان تەسۋىر ھاسىل قىلىش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

495b03dc04283b4a0ac0be864090a21f.gif

ئۇزۇن فوكۇسلۇق كامېرا لىنزىسى ئارقىلىق تېخىمۇ جانلىق بەدىئىي تۈزۈلۈشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، يىراقتىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى يېقىنلاشتۇرغىلى، ئالاھىدە كۆرۈنۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. فوكۇس ئۆزگەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە نىسبەتەن ياخشى بولغان دائىرە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، بۇ خىل فوكۇس ئۆزگەرتىش تېخىمۇ ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە بولۇپ، نوقۇل رەقەملىك فوكۇس ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش سۈپىتى بىرقەدەر ناچار، تۇتۇق ۋە ئىنچىكە ھالقىلارنىڭ يوقىلىشى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدىغان ھالەتنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

S9nR2fLBlx2nH3.jpg

بەزى يانفونلارغا يەنە تەڭ ئۈنۈملۈك فوكۇس ئارىلىقى 50mm لىق ئادەم تەسۋىرى لىنزىسى سەپلىنىدۇ، بۇ ئادەم كۆزىنىڭ كۆرۈش دائىرىسىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ، ئادەم سۈرىتىنى تارتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ تەبىئىي بولىدۇ. دائىم ئادەم سۈرىتىنى تارتىدىغان دوستلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىلدىكى كامېرا لىنزىسى سەپلەنگەن يانفون ياخشى تاللاش. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئادەم تەسۋىرى كامېرا لىنزىسىمۇ ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي كامېرا بىلەن ئۇزۇن فوكۇسلۇق كامېرا لىنزىسى ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان فوكۇس بۆلەكلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك تەسۋىر ھاسىل قىلىش سۈپىتىگە ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

S9nR2fl29yOKRP.png

يۇقارقىلاردىن باشقا، بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن يەنە مىكرو ئارىلىق كامېراسى (微距镜头) ، چوڭقۇرلۇق كامېراسى 景深镜头 ۋە  ToF كامېراسى قاتارلىق قوشۇمچە كامېرا لىنزىلىرى بار. مىكرو ئارىلىق كامېراسى يېقىن ئارىلىقتىن فوكۇس توغرىلاشنى قوللايدۇ، مىكرو دۇنيانىڭ ئېسىل تەپسىلاتلىرىنى سۈرەتكە ئالغىلى بولىدۇ، چوڭقۇرلۇق كامېراسى كۆرۈنۈشنىڭ مەۋھۇملىشىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئاز ساندىكى يانفونلارغا يەنە بىر كىنو كامېراسى سەپلىنىدۇ، مەسىلەن، خۇاۋېي P40 Pro يانفونىغا 40 مىليون پىكسېللىق كىنو كامېراسى سەپلەنگەن بولۇپ، سىن ئېلىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

يانفون سېتىۋالغاندا بۇلارنى قانداق تاللاش كېرەك؟
گەرچە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك ھەر بىر كامېرانىڭ رولى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يانفون كامېراسى سانى قانچە كۆپ بولسا، سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىنىڭ شۇنچە كۈچلۈك بولىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. گەرچە كۆپ كامېرا سەپلەنگەن بولسىمۇ، ھەر بىر كامېرانىڭ ئىقتىدارى ۋە تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىغا قاراش كېرەك. بىر قىسىم يانفونلارغا گەرچە ئۈچ ياكى تۆت كامېرا سەپلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بەزىسىنىڭ ئىقتىدارى ناچار بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بەزى تۆت كامېراسى بار يانفوندا تارتىلغان رەسىم ئىككى كامېراسى بار يانفوندا تارتىلغان رەسىمدەك سۈپەتلىك چىقمايدۇ.

S9nR2gECEbC8tI.jpg

مەسىلەن، بەزى يانفونلارغا سۈپىتى ناچار مىكرو ئارىلىق ياكى چوڭقۇرلۇق كامېراسى سەپلەنگەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتىكى ئۈنۈمى ئىنتايىن چەكلىك بولىدۇ. يۇقىرىقى سېلىشتۇرما رەسىمدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سۈپىتى ناچار مىكرو ئارىلىق كامېرا لىنزىسىنىڭ بىر پۈتۈن سۈپەت تۇيغۇسى ۋە رەڭ تەپسىلاتلىرى ئاساسىي كامېرادا سۈرەتكە ئېلىپ چوڭايتقانغا يەتمەيدۇ. يەنە بىر قىسىم يانفونلاردا چوڭقۇرلۇق كامېراسىنى توسۇۋالسىمۇ، سۈرەتنىڭ مەۋھۇملىشىش ئۈنۈمى يەنىلا ئوخشاش بولىدۇ، بۇ، چوڭقۇرلۇق كامېراسىنىڭ ئوينايدىغان رولىنىڭ چوڭ ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

سۈپىتى تۆۋەن قوشۇمچە كامېرا سەپلەنگەن يانفوننىڭ كامېراسى ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ سەپ شەكلى قارىماققا بىر قەدەر ھەشەمەتلىك، ئەمەلىي رولى چوڭ ئەمەس. ھەتتا بەزى تاغتۇرا يانفونلارغا بىر بېزەك كامېرا سەپلەنگەن بولۇپ، ھېچقانداق سىن ئېلىش ئىقتىدارى يوق. شۇڭا، يانفون سېتىۋالغاندا كۆپ تەرەپتىن ئويلىشىپ تاللاش كېرەك، نوقۇل ھالدا كامېرا سانى بىر قەدەر كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈنلا تاللاشقا بولمايدۇ.
كامېرا قاتتىق دېتالىدىن باشقا يەنە رەسىم ھاسىللايدىغان، كۆپ كامېرادىن قۇبۇل قىلغان رەسىم سىگنالىنى بىرىكتۈرۈپ سۈپەتلىك رەسىم ھاسىل قىلىدىغان ئالگورزىم، يۇمشاق دېتال قىسىمىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئايفوننىڭ 12 مىليون پىكسېللىق كامېراسىدا تارتىلغان رەسىم بەزى 64 مىليون پىكسېللىق يانفوندا تارتىلغان رەسىمدىن سۈپەتلىك بولۇشنىڭ بىر سەۋەبى شۇ.

OIP.jpg

ھەقىقىي سۈپەتلىك كۆپ كامېرا سەپلەنگەن يانفوندىكى ھەر بىر كامېرا رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، بىر كامېرا ھەتتا كۆپ خىل ئىشلىتىلىش ئورنىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. مەسىلەن، Find X2 Pro دا گەرچە ئۈچ كامېرا بولسىمۇ، ھەر بىر كامېرا ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدۇ، ئادەتتىن تاشقىرى كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا لىنزىسى ھەتتا مىكرو ئارىلىقتىن سۈرەتكە ئېلىشقىمۇ تەڭ ئېتىبار بېرىدۇ، مىكرو ئارىلىقتىن سۈرەتكە تارتىپ تەسۋىر ھاسىل قىلىش سۈپىتىگىمۇ كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىرىدىن يەنە خۇاۋېي P40 Pro، شياۋمى 10 خاتىرە نۇسخىسى قاتارلىق يانفونلار بار، ئادەتتە بايراقدار يانفونلارغا سۈپەتلىك، ئىقتىدارى ياخشى كامېرا گۇرۇپپىسى سەپلەپ، سۈرەتكە تارتىش تەسىراتىنى كۈچەيتىدۇ.

يانفون سېتىۋالغاندا، پەقەت ئارقا كامېرانىڭ سانىغىلا كۆڭۈل بۆلمەسلىك، تېخىمۇ مۇھىمى سەپلەنگەن كامېرا گۇرۇپپىسىنىڭ قانداق سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا، ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان-قاندۇرالمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部