+تېما يوللاش
anc2k يوللانغان ۋاقتى:2020-9-11 10:43 849 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-9-11 11:21  

ئادەتتە بىر ئەپچاق ئىچىش ئۈچۈن تىڭشۈننىڭ تەلىپى بويىچە بىر ئەنگە ئالدۇرۇلغان تورنامى، مۇلازىمىتىر قاتارلىقلارنى ھازىرلىشىمىز كېرەك، ئۇنداقتا بۇلار يوق بولسا قانداق قىلىمىز؟، تىڭشۈن تەرەپ بۇ بوشلۇقنى ئويلۇشۇپ بۇلۇت ئەپچاقى تۈرىنى ئېلان قىلدى. بىز تورنامى، مۇلازىمىرى، ساندان، ساقلاش، بوشلۇقى دىگەنلەرنى ئ‍المايمۇ بىر تورلاشقان ئەپچاق ياسىيالايمىز

كىتەرلىك شەرت

ئەپچاق ئىچىشتىن خەۋرى بار بولىشى كېرەك.
ساندان، مۇلازىمىتىر دىگەنلەرنى ئازراق چۈشۈنىشى كېرەك.

ئەمسە باشلاپ كەتتۇق
ئاۋال ئۈندىدار ئىچىش قۇرالىنى چۈشۈرىمىز


https://developers.weixin.qq.com ... tools/download.html

تۈر قۇرۇش

01.png

تۈرقۇرۇلغاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك مۇندەرىجىلەر قۇرۇلىدۇ

02.png


تۈر قۇرۇلغاندىن كىيىن ئۈندىدار ئىچىش قۇرالى ئۈستى قۇرال بالدىقىدىن بۇلۇت مۇلازىمىتىرى قۇرۇشنى باسىمىز.

03.png

04.png

05.png


بۇلۇت مۇلازىمىتىرى قۇرۇلغاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆرۈنىدۇ.

06.png

يۇقارقى ئىزاھات بويىچە بىز ئاۋال ساندانغا ئەزا تىزىملىكىدىن بىرنى قۇرۇپ سىناپ باقايلى

07.png

قۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئەزا تىزىملىكىنىڭ ھوقوقىنى بەلگىلەپ بەرمىسەك ئەپچاق ئۇچۇر ئوقۇپ يازالمايدۇ

08.png

ھوقوق بەلگىلەنگەندىن كىيىن بىر ئۇچۇر قوشۇپ كۆرۈپ باقايلى

09.png

بۇلۇت مۇلازىمىتىرىنىڭ ساندان شەكلى json شەكىلدە بولۇپ مۇرەككەپ مەزمۇن خاتىرلىيەلەيمىز، چۈشۈنۈشكە ئاسان بولىشى ئۈچۈن ئاددىي ئۇچۇردىن بىرنى خاتىرلەيلى

10.png

11.png

يۇقۇردا بىر ئۇچۇر قوشتۇق، ئەمدى ئەپچاقتا بۇئۇچۇرنى ئوقۇپ كۆرۈپ باقايلى، ئوقۇشتىن ئاۋال بىز app.js ئىچىدە بۇلۇت مۇلازىمىتىرنى ئەپچاققا ئۇلىشىمىز كېرەك

12.png

رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بۇلۇت مۇلازىمىتىرىدىن id نى كۆچۈرۈپ ئىلىپ ئەپچاق app.js ئىچىدىكى env گە تەڭ قىلىپ بېرىمىز، بۇ باسقۇچتىن كىيىن بىزنىڭ ئەپچاق مۇلازىمىتىرغا ئۇلانغان بولىدۇ.

13.png

ئەمدى بىز سانداندىن بىر ئ‍ۇچۇر ئوقۇپ سىناپ باقايلى

14.png

سانداندىن ئۇچۇرغا نۇرمال ئىرىشكەن بولسىڭىز ئەمدى بىز ساندانغا يەنە بىر ئۇچۇر قوشۇپ سىناپ باقايلى.


  1. <button bindtap="getDbData" >ئۇچۇرغا ئېرىشىش</button>
  2. <button bindtap="setDbData" >ئۇچۇر قوشۇش</button>
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


ئ‍ۇچۇر قوشقاندىن كىيىن مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان بولسا بۇلۇت مۇلازىمىتىرىدىن سانداننى ئىچىپ كۆرۈپ باقساق بولىدۇ، ياكى ئۇچۇرغا ئىرىشىشنى قايتا چىكىپ log نى كۆرۈپ باقساقمۇ بولىدۇ


  1. //index.js
  2. const app = getApp()
  3. const db = wx.cloud.database()
  4. Page({
  5.   data: {
  6.   },
  7.   onLoad: function() {
  8.   },
  9.   setDbData() {
  10.     db.collection('user').add({
  11.       data: {
  12.         name: 'kasim',
  13.         age:27,
  14.         is_vip:false
  15.       },
  16.       success: function (res) {
  17.         console.log(res)
  18.       },
  19.       fild:function(e){
  20.         console.log(e)
  21.       }
  22.     })
  23.   },
  24.   getDbData(){
  25.     db.collection('user').get({
  26.       success: function (res) {
  27.         console.log(res)
  28.       }
  29.     })
  30.   }


  31. })
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


پېلانىمىزغا ئاساسەن كۆرۈنمە يۈزنى تەييارلايلى.
ئىزاھات: يۇقۇردا كۆرۈنمە يۈزنىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن colorui css رامكىسى ئىشلىتىلدى.


640.png

ئۈستىدىكى قوشۇش كۇنۇپكىسى چىكىلسە  ئاستىدىكى مەزمۇن كىرگۈزۈش رامكىسىنى كۆرسىتىمىز.

640-1.png

كىرگۈزۈش رامكىس كودى:



  1. // wxml

  2. <view class="cu-modal {{showAddView}}">
  3.   <view class="cu-dialog">
  4.     <view class="cu-bar bg-white justify-end">
  5.       <view class="content d-r">ئۇچۇر قوشۇش</view>
  6.         <view class="action" bindtap="hideModal">
  7.         <text class="cuIcon-close text-red"></text>
  8.       </view>
  9.     </view>
  10.     <view class="padding-xl flex">
  11.       <view class="imageView margin-top margin-left flex align-center justify-center"  bindtap="ChooseImage" >
  12.         <image class="img" src="{{imageurl}}"></image>
  13.         <text class="cuIcon-cameraadd"></text>
  14.       </view>
  15.       <view style="width:100%">
  16.         <input placeholder="ئىسمى" placeholder-class="uy-font" bindinput="nameChange" ></input>
  17.         <input placeholder="تېلىفۇن" maxlength="11" placeholder-class="uy-font" bindinput="phoneChange"></input>
  18.       </view>
  19.     </view>
  20.     <view class="cu-bar bg-white">

  21.       <view class="action margin-0 flex-sub text-green solid-left" bindtap="setContent">
  22.         قوشۇش
  23.       </view>
  24.       <view class="action margin-0 flex-sub  solid-left" bindtap="hideModal">
  25.         قالدۇرۇش
  26.       </view>
  27.       
  28.     </view>
  29.   </view>
  30. </view>
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش







تېلىفۇن نۇمۇر كودى:



  1. <view class="cu-list menu-avatar  ">
  2.   <view class='cu-item  border-bottom {{toggleDelay?"animation-slide-bottom":""}} ' style='animation-delay: {{(index+1)*0.1}}s;'   wx:for="{{contactsList}}" wx:key="index">
  3.         <view class="action" bindtap="deleteData" data-id="{{item._id}}" data-index="{{index}}" >
  4.           <text class="cuIcon-delete"></text>
  5.         </view>
  6.         <view class="content">
  7.           <view class="text-grey ">
  8.             {{item.name}}
  9.           </view>
  10.           <view class="text-gray text-sm">
  11.             <view class="text-cut">
  12.             {{item.phone}}
  13.             </view>
  14.           </view>
  15.         </view>
  16.         <image class="cu-avatar round lg" src="{{item.avatar}}"></image>
  17.       </view>
  18.     </view>
  19. </view>
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش






كۆرۈنمە يۈزنى تەييار قىلغاندىن كىيىن بۇلۇت ساندان قىسمىغا بىر تېلىفۇن دەپتىرى تىزىملىكى قوشايلى.

640-3.png 640-4.png


تىزىملىك قوشۇلغاندىن كىيىن ئەپچاق قىسمىغا قايتىپ كەلسەك، بىزنىڭ پېلانىمىزدىكى كۆرۈنمە يۈزدە بىر باش سۈرەت، بىر ئىسىم ۋە بىر تىلفۇن نۇمۇرى بار، بۇ ئ‍ۇچۇرلارغا ئاساسەن بىزنىڭ مەشغۇلات تەرتىۋىمىز مۇنداق


640-5.png


كۆزنەك كۆرۈنگەندىن كىيىن ئاۋال رەسىم تاللاپ تاللانغان رەسىم ئادرىسىنى imageurl غا تەڭ قىلىۋالىمىز، كىرگۈزۈش رامكىلىرىغا ھادىسە باغلىۋالىمىز bindinput  ۋە ھادىسە فونكىسىيەسىنى js  قىسمىغا يىزىپ بېرىمىز  فونكىسىيەنىڭ بىر پارامىتىرى بولۇپ بىز شۇ پارامىتىردىن رامكىنىڭ ھازىرقى قىممىتىگە ئېرىشەلەيمىز، بۇ ئۇچۇرلارنىمۇ ئوخشاشلا data  غا ساقلىۋالىمىز، قوشۇش كۇنۇپكىسى چىكىلگەندە ئاۋال رەسىمنى بوشلۇققا يوللايمىز، رەسىم يوللانغاندىن كىيىن رەسىم يوللاش فونكىسىيەسى يوللانغان رەسىمنىڭ ئادرىسىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ بىز بۇ ئادرىسنى كىرگۈزۈش رامكىلىرىنىڭ قىممىتى بىلەن ساندانغا يېزىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمىز، يېزىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن كىرگۈزۈش رامكىسىنىڭ قىممىتىنى قۇرۇق قىممەتكە تەڭ قىلىپ قويىمىز ۋە سانداندىن قايتا ئۇچۇر ئوقۇتۇپ قويىمىز.


640-6.png


يۇقۇردا ئۇچۇر ئوقۇش يېزىش رەسىم يوللاش مەشغۇلاتى بىلەن تونشۇپ چىقتۇق، بۇ بىر تىلفۇن دەپتىرى بولغانكەن بىز ئۇچۇر قوشالىشىمىز ۋە ئۆچۈرەلىشىمىز كېرەك، ئەمدى ئۆچۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇپ باقايلى.


بىز ھەربىر ئۇچۇر كەينىگە بىردىن ئۆچۈرۈش كۇنۇپكىسى قوشايلى

640-7.png 640-8.png




كۇنۇپكىنى قوشقاندىن كىيىن بىر چىكىلىش ھادىسىسى بېرىمىز، كۇنۇپكا چىكىلسە دەل شۇ ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈش ئۇچۇر كۇنۇپكىنىڭ data-id سىغا شۇ ئۇچۇرنىڭ _id  سىنى بېرىۋالىمىز.


640-9.png

ھادىسە فۇنكىسىيەسى يېزىلغاندىن كىيىن id نى چىكىپ سىناپ باقايلى ئەگە id نى بىسىپ چىقىرالىسا بىزدە ھەربىر كۇنۇپكىنىڭ پەرىقلەندۈرۈش كودى بولدى دىگەن گەپ بىز بۇ كود بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئ‍ۇچۇرنى سانداندىن ئۆچۈرسەك بولىدۇ.


640-10.png


ئۆچۈرۈش ئىجرا بولغاندىن كىيىن ساندانغا قارايدىغان بولسا ئەسلىدىكى ئۈچ ئۇچۇردىن ئىككىسى قالىدۇ بىراق كۆرۈنمە يۈزدە ئوخشاشلا ئۈچى كۆرۈنىدۇ، بۇۋاقىتتا بىز ئۇچۇرنى قايتا ئوقۇتۇپ دىپتەر قىممىتىنى يېڭىلىۋەتسەك ئېكراندىمۇ تەڭ ئازلايدۇ.

تەۋسىيە بىزنىڭ db غا ئىلىپ بارغان ھەربىر مەشغۇلاتىمىز بىرقىتىملىق زىيارەت بولۇپ تىڭشۈندىن ھەقسىز بوشلۇققا ھەر ئايدا پەقەت بەش يۈز مىڭ زىيارەت قىلىش قىتىم سانى بېرىدۇ، شۇڭا ئامال بار كۆرۈنمە يۈزدە قىلىدىغان مەشغۇلاتلارنى جىقراق قىلىپ ساندانغا تەكرار ئۇچۇر يوللاشتىن ساقلىنىڭ مەسىلە، بىز ئالدىدا ئۇچۇر قوشقاندىن كىيىن مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا سانداندىن قايتا ئۇچۇر ئوقۇتۇپ قويغانتۇق، ۋە ئۇچۇر ئۆچۈرگەندىمۇ يەنە بىرقىتىم سانداندىن ئۇچۇر ئوقۇتۇپ قويغانتۇق، بىز مەيلى قوشايلى مەيلى ئۆچۈرەيلى مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان بولمىغىنىغا ئاساسەن يەرلىكتىكى ئۇچۇرنى يەرلىكتە بىرتەرەپ قىلساق، يەنى بىر ئۇچۇر قوشقاندا بىز قوشقان ئۇچۇرلار قولىمىزدا بار بىز قولىمىزدىكى قوشغان ئۇچۇر بىلەن مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندا قايتۇرۇپ بەرگەن ئۇچۇردىن ئاي دىنى ئىلىپ ئېكراندا كۆرسىتىدىغان ئۇچۇرغا قوشۇپ قويساق بىرقىتىملىق ئارتۇرق زىيارەتنى تىجەپ قالالايمىز، ئۇچۇر ئۆچۈرگەندىمۇ ئوخشاش، ئۆچۈرۈش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندا ئېكران ئۇچۇرىدىن شۇ ئاي دىلىق ئۇچۇرنى ئۆچۈرۋەتسەكلا بولىدۇ.


جەرياننى تاماملاپ بولدۇق تۈرنىڭ گىت ئادرىسى تەمىنلەندىن ئاستىدىن چۈشۈرۈپ پايدىلانساڭلار بولىدۇ.


https://gitee.com/Muhter23/wx-cloud-test.git


بىلدۈرگە سالونى
تامام


qrcode_for_gh_2700e85c5798_344.jpg

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部