+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-9-11 10:54 785 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالدىنقى ئايدا شىياۋمى شىركىتى گەۋدىسى سۈزۈك تېلېۋىزور Mi TV LUX نى ئېلان قىلدى. بۇ تېلېۋىزورنىڭ باھاسى 50 مىڭ يۈەن بولسىمۇ، ناھايتى تېز سېتىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق OLED تېلېۋىزورنىڭ يېڭى دەۋرى باشلاندى.

173de394392ced93feb591f7.jpeg!custom660.jpg

微信截图_20200911103748.jpg

يېقىندا سامسۇڭنىڭ بىر تۈرلۈك پاتېنتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ سامسۇڭ سۈزۈك گەۋدىلىك Galaxy يانفون پاتېنتى بولۇپ، سامسۇڭ تاپشۇرغان پاتېنت 2020-يىلى 1-ئايدا ئامېرىكا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىگە رويخەتكە ئالدۇرۇلغان ھەم 8-ئاينىڭ 27-كۈنى تەستىقلانغان. بۇ ھۆججەتتە كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر خىل تېخنىكىنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسى كۆرسىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ خىل ئۈسكۈنە گەۋدىسىنى سۈزۈكلەشتۈرۈش لايىھەسىنى يانفونغا ئىشلىتىشكىمۇ، باشقا ئىستېمال ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى (تېلېۋىزور، ئېكران، خاتىرە كومپيۇتېر، كونترول سۇپىسى، فوتو ئاپپارات قاتارلىقلار) غا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

7a8a5a0f41294c0ead78e243db25bddd.png

بۇ خىل سۈزۈك گەۋدىلىك OLED ئېكراننىڭ توك سەرپىياتى تۆۋەن يورۇقلۇقى، ئىنكاسى ياخشى.

5af449a8b80146509528815577256f5b.png

بۇ خىل سۈزۈك گەۋدىلىك ئېكراننى سامسۇڭ بايراقدار مەھسۇلاتىدا ئىشلىتىپ، شياۋمى MIX Alpha 5G ئۇقۇم يانفونى بىلەن رىقابەتلەشتۈردۇ.

3f346cfec91d430e97ab95541e719616.png

پاتېنت ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئېكران سۈزۈك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قاتلىنالايدۇ، ھەتتا يۆگىگىلى بولىدۇ. بۇ ھەقىقى فاناتازىيەلىك يانفون، كەلگۈسىنى نامايەن قىلىدۇ.

0c865f1594044a518b7e3d930b58766a.png

ئېكرانغۇ كەينى كۆرۈنۈپ تۇردىغان سۈزۈك ھالەتتە، ئۇنداقتا باشقا قاتتىق دېتاللىرىنى قانداق قىلىدۇ؟
ئاشكارىلانغان سامسۇڭ سۈزۈك يانفونىنىڭ ھاسىللانما رەسىمىگە قارىغاندا، بۇ يانفونغا پەقەت بىر پارچە ئېكران ئىشلىتىلگەن بولۇپ، گەۋدىسى يوق، تۈرلۈك دېتال-زاپچاسلارمۇ ئورنىتىلمىغان؛ شياۋمى سۈزۈك تېلېۋىزورى بىلەن ئوخشىمايدۇ. شياۋمى سۈزۈكلەشتۈرۈش لايىھەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دېتال قاتارلىق زاپچاسلارنى تېلېۋىزورنىڭ ئاستىدىكى تەگلىككە ئورۇنلاشتۇرغان. ئەمما سامسۇڭنىڭ سۈزۈك يانفونى ئوخشىمايدۇ، ئۇ پەقەت بىر پارچە ئېكراندىنلا ئىبارەت. شۇڭا نۇرغۇن تورداشلار سامسۇڭ سۈزۈك يانفونى پەقەت ئېكران كۆرسىتىش رولىنىلا ئوينىيالىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشماقتا، قاتتىق دېتاللار «بۇلۇت»قا يۆتكەلگەن بولۇپ، خۇاۋېي يېڭىدىن ئېلان قىلغان« بۇلۇت يانفونى» غا ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇنداقتىمۇ باتارىيە دېگەندەك ئاساسلىق زاپچاسلىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش تېخى بىر سىر.
ئەلۋەتتە بۇ تېخى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىلمىغان بىر پاتېنت. ئەمىلىي ئىشلەپچىقىرىشقا ۋاقىت بار.

ChMly12LcvuITgNeAAEGbDCxC8oAAX0TQFqrekAAQaE710.jpg

بۇ شىياۋمى MIX Alpha ئايلانما ئېكرانلىق ئۇقۇم يانفوننى ئەسكە سالىدۇ. MIX Alpha غا ئايلاندۇرۇپ ئېكران ئورنىتىلغان بولۇپ، سۈزۈك يانفوندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. MIX Alpha ئۇقۇم يانفونى 2019-يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، باھاسى 20 مىڭ يۈەن، ئەمما بۇ يانفون كۆلەملەپ ئىشلەپچىقىرىلماي ئۇقۇم پېتى قالدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部