+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-9-10 10:49 1033 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-9-10 10:32  

9-سېنتەبىر گوگۇل Android 11 مۇقىم ھەقىقىي نەشىرىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇ قېتىم ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ چوڭ جەھەتتىن چوڭ يېڭىلىنىش بولدى، يەنى، ئادەمنى ئاساس قىلىش، كونترول ھوقۇقىنى كۈچەيتىش ۋە شەخسىيەتنى قوغداش.

5f57f60a622768f101001e6a_1024.jpg

ئادەمنى ئاساس قىلىش
ئۇقتۇرۇش جەھەتتە، گوگۇل «يانفوندا بىزنىڭ سۆزلىشىش ئۇسۇلىمىزنى قايتىدىن يارىتىش» ئارقىلىق، ئاندرويد سىستېمىسىنى «ئادەمنى تېخىمۇ ئاساس قىلىش، ئىپادىلەش كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇقتۇرۇشنىڭ سايىسىدىكى چوققا قىسمىدا «دىيالوگ» دەپ بىر مەخسۇس بۆلەك بار بولۇپ، قىسقا ئۇچۇر ، ئەپلەرنىڭ مۇھىم ئەسكەرتىشىنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئىبارەت. باشقىلىرى «ئۇقتۇرۇش» ياكى «ئاۋازسىز» قىسمىدا كۆرۈلىدۇ.

Android 11 نىڭ مۇھىم نۇقتىنى« ئادەم» گە قويۇشىدىكى يەنە بىر خىل ئۇسۇلى، پەقەت يېنىككىنە چېكىپلا سۆھبەتلىشىشكە بولىدۇ. قوللايدىغان ئۇچۇرلار سايە ئىچىدىن ئۇقتۇرۇشنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىنى چېكىپ كۆپۈكچە شەكىلدە كۆرۈشكە بولىدۇ. كۆپۈكچىنى چەكسىڭىز پۈتۈن ئۇچۇر لىنىيەسى كۆرۈنىدۇ، ھەمدە ئاستى-ئۈستىدىكىسىگە تولۇق جاۋاب قايتۇرۇشىڭىزغا يول قويۇلىدۇ. ئۇلارنى ئېكراندىكى خالىغان جايىغا سۆرەشكە بولىدۇ.

1000 (1).jpg

مۇناسىۋەتلىك ئەپ ئوڭ تەرەپ ئاستى بۇلۇڭدا ئەسكەرتىلىدۇ ، ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىسمى ۋە ئۇچۇرنى تاپشۇرۋېلىپ بىر نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن يوقايدۇ. پروگراممېرلار كۆپۈكنى خاسلاشتۇرۇپ ئۈستۈنكى بالداقتا بىر يۈرۈش مەشغۇلاتلارنى كۆرسىتەلەيدۇ ، ئىچكى تەكلىپ قاتارلىق مەزمۇنلار ئەپتىكىدەك كۆرۈنىدۇ. كۆپۈكنى ئېچىپ ئۇقتۇرۇشنى كۆرگەندىن كېيىن ھالەت بالدىقىدىن يوقاپ كېتىدۇ.

شەخسىيەتنى قوغداش
شەخسىيەتنى قوغداش ئاندرويد 11 گە يېڭىلانغان مۇھىم ئىقتىدار بولۇپ، بىر قېتىملىق ھوقۇق چەكلىمىسى ئارقىلىق مىكروفۇن، كامىرا ۋە ئورۇننى زىيارەت قىلىنىشنى چەكلىيەلەيسىز. ئەگەر سىز« ئۇزۇن ۋاقىت» ئىچىدە مەلۇم بىر ئەپنى ئىشلەتمىسىڭىز، ھوقۇق چەكلىمىسى ئاپتوماتىك ئەسلىگە كېلىدۇ.
1000 (2).jpg

قاتلىنىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى قوللاش تېخىمۇ ياخشىلاندى
Android 11 دە cutout API يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن بولۇپ، ئەپنىڭ ئېكرانغا ئاپتوماتىك ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ئەگەر تۆشۈك ئېكران بولسا، ئايكونلارنىڭ تۆشۈك رايوننى توسۇۋېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛ ئەگەر ئەگرى گىرۋەكلىك ئېكران بولسا، سىستېمىغا بىر Display Cutout رايونى قوشۇلۇپ، ئېكران ئەگرى يۈز قىسمىغا بەلگە سېلىپ، ئەپنىڭ بۇ رايونغا مەزمۇن قويۇشتىن قاچۇرۇپ، ئەگرى ئېكران، قاتلىغىلى بولىدىغان ئۈسكۈنە، بىرىكمە بەت سېنزورى قاتارلىقلارنى قوللاشنى ئەلالاشتۇرغىلى بولىدۇ.
11033396-184432-0.png

كونترول مەركىزى
ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بىزنىڭ رەقەملىك تۇرمۇشىمىزنىڭ مەركىزى. گوگۇل Android 11 ئارقىلىق، باشقا بارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكىنىلەرنى تېخىمۇ كۆپ كونترول قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.
بۇ قېتىمقى ئەڭ چوڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىقتىدار ئۈسكۈنىلەرنى كونترول قىلىش قىسمى. Google Home ئەپىنىڭ قوللىشىدا، سىز تېز سۈرئەتتە ئۆيدىكى چىراغنى ئۆچۈرەلەيسىز، يەنە سۆرەش ئارقىلىق يورۇقلۇق دەرىجىسىنى تەڭشىيەلەيسىز، ھەمدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇلۇپنى باشقۇرالايسىز. ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپراتۇرسىنى تەڭشەش، كۆزىتىش كامېراسىنى تەكشۈرۈش، چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچنى قوزغىتىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېكرانى كونترول قىلىش، تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۈشنى كونترول قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، گوگىل ھەتتا« ئۆيگە قايتىش» ناملىق ماكرو / ياردەمچى پىروگراممىنى قوزغاتتى. بۇ ئارقىلىق Android 11 دە ئاۋازلىق بۇيرۇققا تايانماي تېز كونترول قىلىش ئۇسۇلى بىلەن يۇقارقىلارنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

1000 (4).jpg


كونترول مەركىزى ئاۋاز قويۇش جەھەتتە ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى. مۇزىكا قويۇش ئەپلىرىنىڭ كونترولى باشقا ئەپلەر ئۇقتۇرۇشلار بىللە كۆرۈنمەيدۇ. تېزلەتمە تەڭشەكنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىدۇ. مۇزىكا قويۇلىۋاتقاندا يۇقىردا دىيىلگەن دىئالوگنى كونترول قىلغاندەك ئېكراننىڭ خالىغان يېرىگە، قۇلۇپ ئېكرانىغا چىقىرىشقا بولىدۇ. ئوڭ ئۈستى تەرەپتە ئاۋاز چىقىرىش ئۈسكۈنىسىنى ئالماشتۇرۇش رايونى بار، مەسىلەن ئاۋازنى يانفون ياڭراتقۇسىغا ياكى كۆكچىش تىڭشىغۇچقا چىقىرىشنى كۆرسەتكىلى، ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.

1000 (5).jpg

5G تەسىراتى ياخشىلاندى
Android 11 گە «ئېقىم مىقدارى بويىچە ھەق ھېسابلاش، 5G تەكشۈرۈش، بەلباغ كەڭلىكىنى مۆلچەرلەش» تىن ئىبارەت ئۈچ ئىقتىدارنى قوشتى. ئېقىم مىقدارى بويىچە ھەق ھېسابلاش ئىقتىدارىدا ئىشلەتكۈچىلەر نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان تورنىڭ ئېقىم مىقدارى بويىچە ھەق ھېسابلىمايدىغانلىقىنى بېكىتسىلا، ئېنىقلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان مەزمۇنلارنى (مەسىلەن، 4k ۋىدېئو) ، كۈندىلىك خاتىرە، زاپاسلانغان ھۆججەت يوللاش، مەزمۇننى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چۈشۈرۈش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
5G تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئۈسكۈنىسىنىڭ 5G تورىغا ئۇلانغان ئۇلانمىغانلىقىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ، يەنە ئۇلانغىنى 5G SA (مۇستەقىل) تورى ياكى NSA (مۇستەقىل ئەمەس) تورى ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
كەڭ بەلباغ كەڭلىكىنى مۆلچەرلەش ئىقتىدارىدا تور بەلباغ كەڭلىكىنىڭ تەخمىنى قىممىتىنى كۆرسىتىپ، ئابونىتلارنىڭ قايسى خىل ئېنىقلىقتىكى ۋىدېئونى تاللىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ.

سىن ئېلىۋاتقاندا ئۇقتۇرۇش ئاۋازىنى تاقاش
يانفوندا سىنغا ئېلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئۇچۇر كېلىپ، سىنغا ئېلىۋاتقان كۆرۈنۈشكە تەسىر يەتكۈزدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، Android 11 يېڭى مىخانىزىمنى كىرگۈزگەن بولۇپ، سىن ئېلىش ۋاقتىدا ئېتىۋېتىش ئۇقتۇرۇش ئەسكەرتىش ئاۋازى ۋە تىتىرەشنى تاقىۋېتىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەسكەرتىپ، سىنغا ئېلىشقا تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىدۇ.

ئورۇن ئۇچۇرىنى زىيارەت قىلىش ھوقۇقى
Android 11 ئورۇن ئۇچۇرىنى زىيارەت قىلىش ھوقۇقىنى ئۆزگەرتكەن بولۇپ، ئەگەر مەلۇم ئەپ ئارقا سۇپىدىن ئورۇن ئۇچۇرىنى زىيارەت قىلماقچى بولسا، ئابونتلارنى بۇ خىل زىيارەتنىڭ زۆرۈرىيىتى بار-يوقلۇقىنى دەلىللەشكە تەكلىپ قىلىدۇ.

كامېرا ئەپنى مەجبۇرى يۆتكەپ ئىشلىتىش
Android 11 ئۈچىنچى تەرەپ كامېرا ئەپىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى بىكار قىلغان بولۇپ، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا ئالدىن قاچىلانغان كامېرا ئەپنى تاللاپ ئىشلىتىدۇ، بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب شەخسىيەت ۋە بىخەتەرلىك كۆزدە تۇتۇلغان.
1000 (6).jpg

سىستېمىنى يوچۇقسىز يېڭىلاش
Android 11 مەۋھۇم A/B رايونغا ئايرىش لايىھەسىنى قوللانغان، يەنى مۇھىم سىستېما رايوننى ئىككىگە بۆلگەن. ئۇنىڭ بىرى ئىشلىتىلىۋاتقاندا، يەنە بىرى Android مۇھىتىدىن ئايرىلمىغان ئەھۋالدا يېڭىلىنىدۇ. پۈتكۈل يېڭىلاش جەريانى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئارقا سۇپىدا ئېلىپ بېرىلىپ، ئابۇنتلار ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىتنى تېجەپ بېرىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر سىستېمىنى مەخسۇس يېڭىلاش مەشغۇلاتى قىلمىسىمۇ بولىدۇ.

يەنە باشقا كىچىك يېڭى قوشۇلغان ئىقتىدارلار بار بولۇپ، ئۇلارنى كېيىنكى يازمىلاردا تونۇشتۇرىمىز.

1000.jpg

قايسى يانفونلارنى Android 11 گە يېڭىلاشقا بولىدۇ؟
بۇ سىستېما ئالدىن بىلەن گوگۇلنىڭ ئۆزىنىڭ يانفونى Pixel غا يېڭىلىنىدۇ، يەنى:

Pixel 2、Pixel 2 XL、Pixel 3、Pixel 3 XL、Pixel 3a、Pixel 3a XL、Pixel 4、Pixel 4 XL、Pixel 4a

ئۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكى يانفونلار Android 11 گە يېڭىلاشنى قوللايدۇ، بۇ يانفوننى ئىشلىتىۋاتقانلار پات يېقىندا يېڭىلاش ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرۋېلىشى مۇمكىن.


سامسۇڭ:
Galaxy S10、Galaxy S10+、Galaxy S10e、Galaxy S10 Lite、Galaxy S20、Galaxy S20+、Galaxy S20 Ultra、Galaxy Note 10、Galaxy Note 10+、Galaxy Note 20、Galaxy Note 20 Ultra

يىجىيا:
一加 8 Pro、一加 8、一加 Nord、一加 7T Pro McLaren Edition、一加 7T Pro、一加 7T、一加 7 Pro 5G、一加 7 Pro、一加 7、一加 6T McLaren Edition、一加 6T、一加 6


شىياۋمى:
小米 10、小米 10 Pro、小米 10 青春版、小米 Note 10、小米 Note 10 Pro、小米 Note 10 Lite、小米 9、小米 9 Pro 5G、小米 9 SE、小米 9 Lite、小米 9T、小米 9T Pro、小米 A3

Redmi K30 Pro、Redmi K30、Redmi K30 5G、Redmi K30i 5G、Redmi K20 Pro、Redmi K20、Redmi Note 9、Redmi Note 9 Pro、Redmi Note 9 Pro Max、Redmi 10X Pro、Redmi 10X 5G、Redmi 9、Redmi 9C、Redmi 9A

POCO F2 Pro、POCO X2、POCO M2 Pro

OPPO:
Find X2 Pro、Find X2、Reno 3、Reno 3 Pro

realme:
realme X50 Pro 5G、realme X50 Pro、realme X50、realme X3、realme X2 Pro、realme X2、realme XT、realme X、realme 7 Pro、realme 7、realme 6 Pro、realme 6、realme 6i、realme 6S、realme 5、realme 5 Pro、realme 5i、realme 5s、realme 3 Pro、realme 3、realme Narzo 10、realme Narzo 10A

خۇاۋېي:
P40 、Mate 30 、P30 、Mate 20 、Mate X、Mate Xs

موتورولا:
Edge+、Edge、RAZR、One Fusion+、One Hyper、Moto G Stylus、Moto G Power、Moto G Fast、

LG:
Velvet、V60、V50、V50S、G8、G8X

نوكىيا:
Nokia 9 PureView、Nokia 8.3、Nokia 8.1、Nokia 7.2、Nokia 6.2、Nokia 5.3、Nokia 4.2、Nokia 2.3、Nokia 1.3




3ئادەم ئىنكاس يازدى

ehsan07 ۋاقتى: 2020-9-10 11:18:44
شىياۋمى cc9 يوقكەندە !
elbilge ۋاقتى: 2020-9-10 19:56:19
cc9Pro مۇ يوقكەندە
nakix ۋاقتى: 2020-9-11 00:00:43
vivoيانفۇنلىرى كورۇنمەيدىغۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部