+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-9-10 10:49 680 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-9-10 10:41  

جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 2020-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ جياڭسۇ، يۈننەن ئىككى ئۆلكە دائىرىسىدە بىر نومۇرنى قوش تېرمىنالدا ئىشلىتىش كەسپىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ. بۇ 2018-يىلى 6-ئايدا شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن، تيەنجىن، چېڭدۇ، نەنجىڭ، خاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەر ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ بۇ كەسىپنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى يەنە بىر قېتىم كېڭەيتىشى ھېسابلىنىدۇ.
بىر نومۇرنى قوش تېرمىنالدا ئىشلىتىش جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى eSIM قوللايدىغان تاقىما ئۈسكۈنە ئابونتلىرىغا يۈزلەنگەن بىر تۈرلۈك خەۋەرلىشىش يېڭى كەسپى بولۇپ، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى قارمىقىدىكى بالا شىركەت جۇڭگو كۆچمە ئالاقە تورى چەكلىك شىركىتى پۈتۈن تور مۇلازىمەت ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ. eSIM يەنى ئېلېكترونلۇق SIM كارتا سىڭدۈرمە SIM كارتىسى بولۇپ، SIM كارتىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۈسكۈنىگە قوشۇۋەتكەن، ئۈسكۈنىگە ئەمەلىي فىزىكىلىق كارتا قىستۇرۇش ھاجەتسىز.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالما، خۇاۋېي، شياۋمى قاتارلىق كۆپلىگەن ماركىلار eSIM قوللايدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتىنى چىقاردى، SIM كارتا ئىشلەتمىسىمۇ مۇستەقىل سۆزلىشەلەيدىغان، تورغا چىقالايدىغان بولدى. بىر نومۇردا قوش تېرمىنال كەسپى (一号双终端) يانفون بىلەن تاقىما ئۈسكۈنىلەرنى باغلاپ، ئوخشاش بىر نومۇردا سۆزلىشىش ۋە ئېقىم مىقدارى يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ، مەيلى چاقىرغۇچى بولسۇن ياكى چاقىرىلغۇچى بولسۇن، ئىككى تېرمىنال بىردەك ئوخشاش بىر نومۇرنى ئىشلىتىدۇ. ئاساسىي نومۇردىن تېلېفون كەلگەندە ئىككى تېرمىنال بىرلا ۋاقىتتا ئەسكەرتىدۇ، سانلىق مەلۇمات دەل ۋاقتىدا ماس قەدەمدە بولىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىشلەتكۈچىلەر سىرتقا چىققاندا يانفون ئېلىپ يۈرمىسىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى قاتارلىق تاقىغىلى بولىدىغان ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق سۆزلىشەلەيدۇ ۋە قىسقا ئۇچۇر قوبۇل قىلالايدۇ، تورغا چىقالايدۇ.
ماس كېلىدىغان ئۈسكۈنىلەر جەھەتتە: نۆۋەتتە بازاردىكى ئالما، خۇاۋېي، شىياۋمى، ئوپپو، سامسۇڭ، نۇبىيا، Amazfit، كۆچمە خەۋەرلىشىش... قاتارلىق 11 ماركىدىكى 21 خىل eSIM قوللايدىغان ئەقىلىي ئىقتىدارلىق سائەت جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ  بىر نومۇردا قوش تېرمىنال كەسپىنى قوللايدۇ. ئالما سائىتى ئىشلەتكۈچىلىرى Watch APP ئەپ ئارقىلىق بىۋاستە بىجىرسە بولىدۇ. باشقا سائەت ئىشلەتكۈچىلەر 和多号 دېگەن ئەپ ئارقىلىق بىجىرسە بولىدۇ.

db607261ca34495b9acc39e4ba9a49d5.jpg

ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ بىر نومۇردا قوش تېرمىنال ئىشلىتىش كەسپى بازار ئابونتلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، تەدرىجىي پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىكەن.

1ئادەم ئىنكاس يازدى

ardakalan ۋاقتى: 2020-9-10 12:02:55
تېلېفونغىمۇ قىلغىلى بولامدىغاندۇ . ئىككى سائەتىلا  چىققان كەسىپمىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部