+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-9-9 10:14 928 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-9-9 10:14  

يېقىندا «قىسقا سىن كۆرۈپ پۇل تېپىڭ، بىر پۇڭ مەبلەغ سالمايسىز؛ ھەر كۈنى 5 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ قىسقا سىن كۆرسىڭىز ئايدا مانچە مىڭ يۈەن پۇل تاپالايسىز، كۆپلەپ تەشۋىق قىلىپ ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دەرىجىڭىزنى كۆتۈرسىڭىز ئايدا تۈمەنلەپ كىرىم قىلالايسىز....» دەيدىغان تەشۋىقاتلار، مەخسۇس قىسقا سىن كۆرۈپ «پۇل تاپىدىغان» توپلار ئاۋۇپ قالدى.
بۇ قىسقا سىن كۆرىدىغان ئەپلەرنىڭ كەڭ تارقالغىنى 多趣短视频، 秘乐短视频  قاتارلىقلار بولۇپ، ئىسمى ئوخشىمايدىغان باشقا ئەپلەرمۇ بار. ئىسمى ئوخشىمىغان بىلەن پىرىنسىپى ئوخشاش.

قىسقا سىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان بۇ ئەپلەردىن قىسقا سىن كۆرسىلا راستلا مەبلەغ سالماي پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟ « كۈندىلىك ئىقتىساد خەۋەرلىرى» 《每日经济新闻》 مۇخبىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، ھەقىقىي ئەھۋال سىز ئويلىغاندەك ئەمەس.

قىسقا سىن سۇپىلىرىدىن يىغىلغان «جۇغلانما نومۇر» نى ئېلىپ ساتقىلى بولىدۇ.
秘乐短视频 ئەپنى يانفون ئەپ دۇكىنىدىن بىۋاستە چۈشۈرگىلى بولىدۇ، ئەمما، چۈشۈرگەندىن كېيىن بىۋاستە تىزىملىتىشقا بولمايدۇ، چوقۇم باشقا ئابونتلارنىڭ تەكلىپ قىلىش ئىككىلىك كودىنى ئىشلىتىپ ئاندىن تىزىملىتىشقا بولىدۇ. تىزىملاتقاندىن كېيىن، تەكلىپ قىلغۇچى بىلەن باغلايسىز.

قىسقا سىن كۆرۈپ پۇل تېپىش سەپىرىنى باشلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن سۇپىنىڭ ئىككى چوڭ ھالقىلىق سۆزى «مەخپى پۇرچاق 秘豆» ۋە« ئويما يېزىق 铭文 » نى چۈشىنىش كېرەك.
秘乐短视频 ئەپىنىڭ ئابۇنىچىلار كېلىشىمىگە ئاساسەن، «مەخپى پۇرچاق» تىزىمغا ئالدۇرغان ئابۇنىتلار قىسقا سىن كۆرۈش، ھەمبەھرلەش قاتارلىق سۇپا ۋەزىپىلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئېرىشكەن مەۋھۇم جۇغلانما نومۇر. تىزىملاتقان ئابونتلار بۇ سۇپىدىكى تۈرلۈك تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەرنى«مەخپى پۇرچاق» ئارقىلىق ئەركىن سېتىۋالسا، ئالماشتۇرسا بولىدۇ، شۇنداقلا سېتىۋالغان مەۋھۇم سوۋغاتنى  ھەدىيە قىلسىمۇ بولىدۇ.
« ئويما يېزىق» نى پۇرچاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئويما يېزىقنىڭ دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، قىسقا سىن ئارقىلىق ئېرىشكەن مەخپى پۇرچاقنىڭ سانىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
مۇخبىر باشقىلار تەمىنلىگەن ئەپ كەسمە رەسىمىدىن شۇنى كۆردىكى سۇپا قىزىل، سېرىق، يېشىل، كۆك، كۆك، ئالتۇن رەڭلىك سەككىز دەرىجىلىك «ئويما يېزىق تەسىس» قىلغان، ئەگەر ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك قىزىل «ئويما يېزىق» بولسا، ئۇنداقتا ھەر كۈنى بەش مىنۇتلۇق سىن كۆرۈش ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئۈچۈن 12.8 تال «مەخپىي پۇرچاق» مۇكاپات بېرىلگەن، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئالتۇن رەڭلىك «ئويما يېزىق» بولسا، ۋەزىپىنى تاماملاش ئۈچۈن 135 مىڭ دانە «مەخپىي پۇرچاق» مۇكاپات بېرىلگەن.

b8375b23j00qcda0900fkc001rl016ec.jpg

گەرچە ئەپنىڭ ئابۇنىتلار كېلىشىمىدە، «مەخپى پۇرچاق» نى خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ، رەقەملىك پۇل ئەمەس، يامان غەرەزدە مۇبالىغىلەشتۈرۈش ياكى سودا قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ، دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بىر ئابونت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مەخپىي پۇرچاق»نىڭ ئومۇمىي مىقدارى 210 مىليون دانە، باھاسى بەزىدە ئۆسۈپ، بەزىدە چۈشۈپ كېتىدۇ، ئۇ پاي چېكىگە ئازراق ئوخشايدۇ».
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇخبىر بۇ ئەپكە ئالاقىدار ئالاقە توپىدا «مەخپى پۇرچاق» سېتىۋالغانلىق توغرىسىدىكى نۇرغۇن ئۇچۇرنى كۆردى.
ئۇنداقتا «مەخپى پۇرچاق» قانداق قىلىپ پۇلغا ئالماشتۇرۇلىدۇ؟
ئۈنۈنچى ھالقىلىق سۆز 秘宝 ، بۇ ئابونتلارنىڭ سۇپىغا پۇل قاچىلاشتىكى مەبلىغى بولۇپ، 10 يۈەنگە 100 秘宝 سېتىۋالغىلى بولىدۇ.
秘宝 ئالغاندىن كېيىن، قىسقا سىندىن پايدىلىنىپ سوۋغا تەقدىم قىلىشقا، ئاندىن نەق پۇل چىقىرىشقا بولىدۇ. مەۋھۇم «مەخپىي پۇرچاق» ھەقىقىي پۇلغا ئايلىنىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، يۇقىرىقى بارلىق مەشغۇلاتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، سىز چوقۇم كىملىك ۋە چىراي تونۇتۇپ دەللىشىڭىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە 100 秘宝 خەجلەپ VIP ئەزاسى بولۇشىڭىز كېرەك، پەقەت VIP ئەزا بولغاندىلا ئاندىن سۇپىغا فىلىم يوللىغىلى بولىدۇ.

d52d2819j00qcda09003mc000u001qcc.jpg

«مەخپىي پۇرچاق»نىڭ سانى تەشۋىق قىلىپ ئەكىرگەن ئادەم سانى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك.
« بىۋاسىتە 100 ئادەمنى ئەكىرسە، بىر ھەپتىدە 50 پۇرچاق كۆپ چىقىدۇ، بۇ 100 ئادەمنىڭ ھەربىرىگە بىر قېتىم قىزىل رەڭلىك ‹ئويما خەت› ئالماشتۇرۇلىدۇ، تەۋسىيە قىلغۇچىغا يەنە 50 پۇرچاق كۆپ ئىشلەپچىقىرىلىپ، بىر قېتىمدا ئالماشتۇرۇلۇپ ئېلىنىدۇ. ھەربىر ئادەم بىر قېتىم قىزغۇچ سېرىق ‹ئويما خەت› ئالماشتۇرۇلىدۇ، تەۋسىيە قىلغۇچىغا يەنە 500 پۇرچاق كۆپ ئىشلەپچىقىرىدۇ، مۇشۇنداق قاتلاممۇ-قاتلام ئادەم ئەكىرىپ پۇرچاققا ئېرىشىشنىڭ چېكى يوق. كۆپرەك پۇل تېپىش ئۈچۈن، زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىش كېرەك»
بۇ ئەپنىڭ كېڭەيتىش تۈزۈمىدە تۆت دەرىجە بەلگىلەنگەن، يەنى 小达人、一星达人、二星达人、三星达人 دەپ؛ 小达人 غا 15 ئادەم ئەكىرىش تەلەپ قىلىنغان، بۇ 20 ئادەمگە يەنە 2 دىن  小达人 نى يىتىشتۈرۈش شەرتى بار. 30 ئادەم ئەكىرسە 二星达人 غا ئۆسىدۇ، بۇ 30 ئادەم يەنە 2 دىن 一星达人 ئەكىرىشى كېرەك. 50 ئادەم ئەكىرسە 三星达人 غا چىقالايدۇ. بۇ 50 ئادەمنىڭ ھەر بىرسى 2 دىن 二星达人 ئەكىرىشى كېرەك. بىۋاستە 500 ئادەم ئەكىرەلىسە ئەتىرەت قۇرالايدۇ.

ئادۋوكات: شاخلىتىپ سېتىشقا چېتىشلىق.
بېيجىڭ شەھەرلىك جىڭشى (شاڭخەي) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى يۈ زۇڭۋېي مۇخبىرغا تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: 秘乐短视频 سىن تور بېكىتى (http://www.mileshipin.com) ۋە مەھسۇلات ئىشلىتىش قوللانمىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 秘乐魔方 نىڭ ئاساسلىق تىجارەت ئەندىزىسى بولسا، ئۇ تارقاتقان مەۋھۇم پۇل «مەخپىي پۇرچاق»نى يادرو قىلغان، خەلق پۇلىغا قىممەت قاچىلاش ئارقىلىق شەكىللەنگەن 秘宝 نى ئارىلىقتىكى ئالماشتۇرۇش بۇيۇمى قىلغان، مەخپىي پۇرچاق بىلەن 秘宝 نى ئالماشتۇرغىلى بولۇشنى ئاساس قىلغان، 秘宝 نى ئىشلىتىپ مۇكاپاتلاپ ئېرىشكەن سوۋغاتلارنى نەق پۇل ئېلىش يولى قىلغان. بۇ تىجارەت ئەندىزىسى شاخلىتىپ سېتىشقا چېتىشلىق.
يۈ زۇڭۋېي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: « شاخلىتىپ سېتىشنى مەنئى قىلىش نىزامى» نىڭ 7-ماددىسىنىڭ (1) تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بۇ ماددىدىكى «ئادەم تارتىش شەكلىدىكى» شاخلىتىپ سېتىش ھەرىكىتى تۆت مۇھىم شەرتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىرىنچىدىن، تەرەققىي قىلغانلار ئۈچۈن ھەق ھېسابلاش ۋە بېرىش (ماددىي مۇكاپات ۋە باشقا ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ؛ ئىككىنچىدىن، تەرەققىي قىلغانلارغا ھەق بىرىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇلغۇچىلاردىن باشقا خادىملارنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىش؛ ئۈچىنچى،  ئۇنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا دومىلىما تەرەققىي قىلدۇرغان ئادەم سانىنى ھەق ھېسابلاش ۋە بېرىشنىڭ ئاساسى قىلىدۇ؛ تۆتىنچى، قانۇنسىز پايدا ئۈندۈرۈۋېلىش.
秘乐短视频 نىڭ «مەخپى پۇرچاقلىرىنى» كېڭەيتىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ، چۈنكى دوستلار قىسقا سىن كۆرۈش، تارتۇقلاش، بىۋاسىتە تارقىتىش، تەڭ بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق جانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى كېڭەيتىش ئۈچۈن «مەخپى پۇرچاق» تەقدىم قىلىدۇ، ئەمما «مەخپى پۇرچاق» 秘宝 بىلەن خەلق پۇلى ئارىسىدا قىممەت ماسلىق مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرگەن، شۇڭا «مەخپى پۇرچاق» ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى بېكىتىش تەلىپىگە، يەنى شاخلىتىپ سېتىشنى شەكىللىنىش شەرتلىرىنىڭ بىرىنجىسىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.
قىسقا سىن كۆرۈشكە قىزىقتۇرۇپ قاتلاممۇ-قاتلام ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇغىنى شاخلىتىپ سېتىش شەرتتىنىڭ ئىككىنجى، ئۈچۈنچىسىگە ماس كېلىدۇ. بۇ خىل پائالىيەت ئارقىلىق ئېرىشكەن كىرىم قانۇنسىز پايدا تېپىشنىڭ شەرتىنى قانائەتلەندۈردۇ.
مۇخبىرنىڭ دىققەت قىلىشىچە، 秘乐短视频 قىسقا سىننىڭ ئومۇملاشتۇرغۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەپ دەل چۈبۇ «趣步» نىڭ ئەندىزىسى بولۇپ، 趣步 بىلەن دوۋيىننىڭ بىرىكمىسى ئىكەن. چۇبودىكى «كەمپۈت 糖果» نى سۇپىدا سودىلىشىشقا بولىدۇ، «كەمپۈت» نى كېڭەيتىش ۋە بىۋاسىتە سېتىۋېلىش ئارقىلىق تېخىمۇ يۇقىرى پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

a7d7b33fj00qcda090028c000ap00m8c.jpg

چۈبۇ 趣步 توردا شاخلىتىپ سېتىش، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، چاڭشا شەھەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى كەيكەي رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.

بۇ ئەپكە ئوخشاش ئەپلەردىن 火牛视频、酷鱼短视频، 榴莲短视频、福音短视频、遇见短视频、吉柚小视频、火趣小视频، 妙音، 多趣短视频 ... قاتارلىقلار بار بولۇپ، ھەممىسنىڭ تىجارەت ئەندىزىسى يۇقارقىغا ئوخشايدۇ.پەقەت ئاۋۇ پۇرچاق، كەمپۈت دېگەنلەرنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىدۇ، خاڭگا، موگو ... دەپ؛ 一星达人 دېگەن دەرىجە نامىنىمۇ ھەر خىل پاساھەتلىك ناملارغا ئۆزگەرتىدۇ.
قىسقا سن + بىۋاستە تارقىتىش + سودا بازىرى + بۆلەكلەر زەنجىرى بىرلەشتۈرۈلگەن كۆپ ئىقتىدارلىق سۇپا؛ سىن كۆرسىڭىزلا پۇل تالايسىز... دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. قىسقا سىن كۆرۈش شاخلىتىپ ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بىر يەمچۈك خالاس.
بۇ تېمىدا بۇ ئەپلەرنىڭ شاخلىتىپ سېتىشقا چېتىشلىق تەرەپلىرى سۆزلەندى. ئۇنىڭدىن باشقا بۇنداق ئەپلەرگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز كىملىك، چىراي، تېلفون نومۇرى، بانكا كارتىسى... قاتارلىق شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەمىنلەپ بېرىسىز.
بۇنداق ئەپلەردە دەسلەپتە ئازراق پۇل تاپقىلى بولىدۇ. ھەممە شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەمىنلەپ بىرىپ بىر كۈن ئاۋارە بولسىڭىز نەچچە موچەن تېپىشىڭىز مۇمكىن. بۇ پەقەت سىزنى قىزىقتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى ئەكىرىش ئۈچۈن قويغان توزاق. ئاندىن نەچچە موچەن ئازكەن جېقراق تاپسام بولىتى دەپ ئويلاپ، ئاۋۇ مەۋھۇم خاڭگالارغا پۇل خەجلەيسىز، تۇنۇشلىرىڭىزنى ئەكىرىشكە باشلايسىز. سىزنى ئەكىرگەن «يىتەكچى»ڭىزگە ئوخشاش توپ قۇرۇپ «دەرس» ئۆتىسىز؛ شاخلىتىپ سېتىشتىن ئىبارەت قانۇنسىز قىلمىشقا قەدەم باسىسىز.

来源:网易

2ئادەم ئىنكاس يازدى

پادىچى001 ۋاقتى: 2020-9-9 11:39:53
تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت   ئىنتايىن پايدىلىق تىما بوپتۇ
مۆمكىن بولسا مۇشۇ پىن دودو نىڭ دوستلار ئۇلانمىنى بىسىپ قويۇشى ئارقىلىق 100 -500 يۈەنگىچە پۇلغا ئىرشىش توغرىسىدا ئىزدىنىپ باقساق بوپتىكەن   نۇرغۇن ئادەملەر  بۇنى قانۇنسىز دەيدۇ ،  بىراق مەن ماتىرياللاردا كۆرشىمچە ئۇنداق ئەھۋاللار يوقكەن  ...
alip ۋاقتى: 2020-9-9 11:44:13
پادىچى001 يوللىغان ۋاقتى  2020-9-9 11:39
تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت   ئىنتايىن پايدىلىق تىما بوپت ...

پىندودو قانۇنسىز ئەمەس؛ مەلۇم مەھسۇلاتنى تەشۋىق قىلىپ باھا چۈشۈرىدۇ. تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق مەھسۇلاتنى ئەرزانراق ئالالايسىز. سىزگە بىۋاستە پۇل بەرمەيدۇ. قاتلاممۇ-قاتلام ئەزا ئەكىرمەيدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部