+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-9-8 10:42 857 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بەلكىم ھېس قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ھازىرقى 4G تور سۈرئىتى بارغانسىرى ئاستىلاۋاتىدۇ. ھەر قېتىم 5G ھەققىدە تېما يېزىلغاندا تورداشلار 4G ئاستىلاپ كەتتى، 4G تور سۈرئىتى بۇرۇنقىدەك تېز بولسا 5G غا ئېھتىياجىم چۈشمەيتى... دېگەندەك ئىنكاسلارنى يازىدۇ.
مەيلى كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ياكى تېلېگىراف بولسۇن ھەممىسىنىڭ 4G تور سۈرئىتىدە ئاستىلاش ئەھۋالى بار.
بۇ يىل 1-ئاينىڭ بېشىدا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈچىنچى تەرەپ سانلىق مەلۇماتىلىرىنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، مەملىكەت بويىچە 4G تور سۈرئىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، لېكىن ئايرىم رايون، مەلۇم ۋاقىتتا تۆۋەنلەش ئەھۋالى مەۋجۇت. ئاساسلىق سەۋەبى: 4G ئابونتلىرىنىڭ ئېقىم مىقدارىنىڭ ئېشىشى بىلەن تور ئەسلىھەلىرىنىڭ قوللاش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشى تېخى تولۇق ماسلاشمىغان.
بۇ مەسىلىگە قارىتا كۆپچىلىكتە مۇنداق قاراش بار، ھازىر خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى 5G تورىغا كۈچەۋاتىدۇ، شۇڭا 4G نىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشمۇ ئەقىلگە سىغىدىغان ئىش، بىراق مۇتەخەسسىسلەر بۇنداق قاراشنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.

5128_180725110519_1.jpg

بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى DSS تېخنىكىسى ئارقىلىق 4G تۆۋەن چاستوتىلىق بۆلەك چاستوتا سپېكترىنى بەزىدە 5G تورىدا ئىشلىتىپ، 4G/5G تورىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، لېكىن بۇنىڭ 4G تور سۈرئىتىگە بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ ئەمەس. ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب يەنىلا سىغىمىنى كېڭەيتمەسلىك. يولدا ئۆزگىرىش بولمىدى، ئەمما ئاپتوموبىل كۆپەيدى. 4G تور سىغىم كەڭلىكىدە ئۆزگىرىش بولمىدى، 4G ئىشلىتىدىغان ئابونتلار كۆپەيدى.
مۇتەخەسسىسلەر يەنە 4G تورىنىڭ سۈرئىتىنىڭ تۆۋەنلىشىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان يەنە بىر ئامىلنىڭ ئەپ دېتالىنىڭ تېخىمۇ چوڭىيىپ ، كېلەڭسىز كەتكەنلىكتىن دەپ قارىدى. بەزى ئەپلەر نەچچە يۈز مېگابايتقا چوڭايدى، ئېچىلغاندا سىنلىق ئېلانلار يۈكلىنىدۇ ، بۇمۇ ئابونتلارنىڭ تەسىراتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تور ئاستىلاپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن ئىلگىرى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ تور قۇرۇلۇشى ۋە ئەلالاشتۇرۇشىنى نازارەت قىلىپ يېتەكلەيدىغانلىقىنى، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپپاراتلىرىنى مەملىكەت بويىچە تور سۈرئىتىنى تەكشۈرۈشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇمۇ خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ 5G تورى قۇرۇش بىلەن 4G تورىنى ئەلالاشتۇرۇش ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق ھاسىل قىلىشىغا موھتاج.

65aa52727953448685914f224dd43d60.jpeg

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، SpeedTest ئېلان قىلغان « 2020-يىلى 1-پەسىللىك جۇڭگونىڭ تور سۈرئىتى دوكلاتى» دا ئېيتىلىشىچە، ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 2020-يىلى ۋە 2019-يىلى 1-پەسىلدىكى سانلىق مەلۇماتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگو تېلېگرافى 4G نىڭ تور سۈرئىتى چۈشۈرۈش جەھەتتە يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى %95 كە يەتكەن؛ جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى %25.2 ئاشقان؛ جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى %83.6 ئاشقان. تورغا يوللاش جەھەتتە، جۇڭگو تېلېگرافى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.2 ئاشتى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى % 64.9 ئاشتى.

来源:新浪科技

3ئادەم ئىنكاس يازدى

Omar14 ۋاقتى: 2020-9-8 17:15:16
مەن تېخى تىزلىشىپ كەتەندەك ھىس قىلىمەنغۇ ، ھىچقاچان يانفۇنۇمدا 10مىگا ھەر سىكنوتلۇق سۈرئەتتە بىر نەسە چۈشۈرۈپ باقمىغان ، ھازېر كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 4G  تورى ھەقىقەتەن تېز ،
Boy卍HEr〇 ۋاقتى: 2020-9-8 22:08:12
4G يېڭى ئېچىلغاندا بىرنەرسە چۈشۈرسەم 5Mb~6Mb ئەتىراپىدا چۈشەتتى ، ھازىر 4G سىگىنال بەلگىسىنىڭ يېنىغا HD دىگەن بەلگە پەيدا بوپقالغىلى بىرسى ، سۈرەت ئاستىلاپكەتتى ، ھازىر  چۈشۈرۈش سۈرىتى 1Mb ~ 3Mb ئەتىراپىدا ئىشلەۋاتىدۇ . چىقىش سۈرىتى مۇ بەكلا ئاستىلاپكەتتى بەزىدە قىسقا فىلىملەرمۇ ئاز تولا ، تۇرىۋېلىپ چىقىدۇ
elbilge ۋاقتى: 2020-9-9 00:57:05
4gتورىنىڭ چاستوتا بايلىقىنى 5g غا ئىشلىتىۋالغاندىكىن شۇنداق ئاستىلاپ كېتىدۇ
لېكىن 3g بىلەن 4g بىر بىرىگە مۇناسىۋەتسىز بولغاندىكىن 3g دىن 4g غا ئاتلىغاندا ئۇنداق بولمىغان
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部