+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-9-7 11:15 468 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تور بىخەتەرلىكى ئۇقۇمى كۆپچىلىككە ناتونۇش ئەمەس؛ يانفون، كومپىيۇتېردىكى ئۇچۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھەر خىل پارول، بارماق ئىزى قۇلۇپى، چىراي تونۇش قاتارلىقلارنى ئىشلىتىمىز.
ئىشىككە ئىشلىتىدىغان ئېلېكترونلۇق قۇلۇپلار مودا بولۇۋاتىدۇ. بارماق ئىزى، پارول، يانفون NFC ئارقىلىق ئېچىلىدۇ، زامانىۋى تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ.
خاككېر ھەمىشە ھەر خىل سىستېمىلاردىن يوچۇق ئىزدەپ، پۇرسەتلا بولسا ھۇجۇم قىلىپ باقىدۇ. مەسىلەن ، ئالدىنقى ئايدا خاككېرلار تۋىتتېر تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ، ماسك، ئوباماغا ئوخشاش نۇرغۇن چوڭ V ھېساباتلار خاككېرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى ؛ ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا ئىنتېلنىڭ  20GB لىق سانلىق مەلۇماتى ئاشكارىلاندى.

ئۇنداقتا ئەنئەنىۋى مىخانىكىلىق ئىشىك قۇلۇپى بىخەتەرمۇ؟
سىزنىڭ ئىشىكنى ئاچقان ۋاقتىڭىزدا ئاچقۇچنى قۇلۇپ ئىچىگە سالغاندىكى چىقارغان ئاۋازنى ئاڭلىسىلا، ئۆيىڭىزنىڭ ئىشىكىنىڭ قۇلۇپىنى ئاچقىلى بولىدۇ، دېسە ئىشىنەمسىز؟

140154175867.jpg

بۇ خىل« قورقۇنچلۇق» قارا پەن-تېخنىكا ھەقىقەتەن مەيدانغا كەلدى.

ئاۋازنى ئاڭلاپ قۇلۇپنى ئېچىش تېخنىكىسىنىڭ پرىنسىپى
سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر ئىلمى فاكۇلتېتىنىڭ بىر گۇرۇپپا بىخەتەرلىك تەتقىقاتچىلىرى بىر ھۇجۇم مودېلى ياساپ چىقىپ، ئۇنىڭغا SKey دەپ نام بەردى، بۇ مودېلدا قۇلۇپ ئېچىش ئاۋازىنى پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق ئاچقۇچنىڭ شەكلىنى تەپسىلىي بېكىتكىلى بولىدۇ.
بۇ نەزەرىيەنىڭ ئۇسۇلى قارىماققا ناھايىتى ئاددىي، يەنى ئاچقۇچنى قۇلۇپقا سالغاندا، ئاچقۇچنىڭ قۇلۇپنى ئايلاندۇرغاندا چىقارغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئاچقۇچنىڭ شەكلىنى بەلگىلەش كېرەك. ئەلۋەتتە، رېئاللىقتا بۇ تېخنىكىنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تەسەۋۋۇر قىلىنغاندىن مۇرەككەپ جەريان كېتىدۇ.
تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭ ھالقىلىق يېرى شۇ يەردىكى، قۇلۇپ ئۆزىكىنىڭ قۇرۇلمىسى پۇرژىنا ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان. قۇلۇپ ئۇرۇقى بىلەن ئاچقۇچنىڭ ئۆزىنىڭ پېتىنقى-كۆپۈنكى ئويمىنى ئۆزئارا ماس كەلگەندە قۇلۇپ ئاچقۇچ تەرىپىدىن ئېچىلىدۇ.

88fa506dc5cc487f91a2a7ea73ed7147.png

ئاچقۇچ كىرگۈزۈپ قۇلۇپنى ئېچىش جەريانىدا، ئەگەر سۈرئەت بىر قەدەر مۇقىم بولسا، ئۇنداقتا ھەربىر قۇلۇپ پۇرژىنىسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن ھاسىل بولغان «چىك» قىلغان ئاۋاز بىلەن ئاچقۇچ چوققىسى، ئويمان يىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە ئارىلىقىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ. Spikey دەل قۇلۇپنى ئاچقان چاغدىكى ئاۋازنى يىغىش ئارقىلىق سانسىزلىغان ئىشىك قۇلۇپى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئىنتايىن كىچىك دائىرىگە يىغىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ مۇۋاپىق بولغان بىر قانچە ئاچقۇچ مودېلىنى بېكىتىپ چىققان.
ئەلۋەتتە، بۇ قارىماققا ئاددىي، ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن مۇرەككەپ جەريان بولۇپ، تەتقىقاتچىلارنىڭ مەخسۇس تەتقىق قىلغان ئالگورىزىمدىن ئايرىلالمايدۇ.

e841d33bbd974ae3a514d9c4e3703eec.gif

ئوخشاشلا، تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان ئىشىك قۇلۇپى قۇرۇلمىسىنى ھەل قىلىشتىمۇ مۇشۇنداق تەھلىل قىلىش پىكىر يولى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، تەدرىجىي ھالدا ئىشىك قۇلۇپى قۇرۇلمىسىنى پارچىلاپ ئانالىز قىلىدۇ. تەتقىقاتچىلار ھەقىقىي ئاكۇستىكا سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، ئۇقۇم ئارقىلىق دەلىللىگەن تەقلىد ئارقىلىق SpiKey نىڭ ئەمەلىي كۈچىنى باھالىدى، دائىم ئۇچرايدىغان ئەھۋالدا،  SpiKey نىڭ 330 مىڭ دانە ئېھتىماللىقى بار ئاچقۇچنى ئۈچ دانە نامزات ئاچقۇچقا ئازايتالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

d0da81f22f154e028446719068d0959e.png

خاتىرجەم بولۇڭ، بۇ تېخنىكا بىزدىن تېخى بەك يىراق.
ئىشىك قۇلۇپىغا سېلىنغان ئاچقۇچنىڭ ئاۋازىلا ئىشىك قۇلۇپىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تېزلىكتە بەلگىلىيەلەيدۇ ، شۇ ئارقىلىق ئاچقۇچنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ھېسابلىيالايدۇ. لازىملىق ئاچقۇچلۇق مودېلنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن سانلىق مەلۇماتنى 3D پرىنتېرغا كىرگۈزۈش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىمى ئاۋازنى ئاڭلاش كېرەك. بۇنداق تېخنىكا ئاڭلىماققا ئادەمنى شۈركەندۈرىدۇ.

ebdc426f3af449a8bcfe7527adac97b0.png

ئەمما، بەكمۇ قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق، خۇددى باشقا نۇرغۇن ئالدىنقى قاتاردىكى خاككېرلىق ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇللىرىغا ئوخشاش، تەجرىبىخانا نەتىجىلىرىنى رېئال ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشتا  ھامان بەزى توسالغۇلار مەۋجۇت، بەزى كىچىككىنە ئۆزگەرتىشلەر ئالدىنقى شەرت ئاستىدىكى مۇكەممەل پەرەزلەرنى غۇلىتىۋېتىدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس.
بۇ يەردە بىر ھالقىلىق ئالدىنقى شەرت، ئاچقۇچنىڭ قىستۇرۇلۇش سۈرئىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئاچقۇچنىڭ قىستۇرۇش سۈرئىتىدە بەلگىلىك ئايلىنىش بوشلۇق بولىدۇ.  ھەرقانداق تەۋرىنىش، يۈزەكى قىستۇرۇش ياكى قىستۇرۇش سۈرئىتىنىڭ پەرقى توغرا ھېسابلاشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىستۇرۇش سۈرئىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان سوقۇلۇش پەيدا بولغان ئاۋاز مودېلنىڭ ئانالىز جەريانىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ.
ئەڭ مۇھىمى بۇنىڭغا قۇلۇپقا ئىنتايىن يېقىن تۇرۇپ ئاۋازنى خاتىرلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئاۋاز يىغىش ئارىلىقى توغرىسىدا توختالغاندا، تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: ئۇلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى ياكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونىغا يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتال ئورنىتىپ، يىراقتىن ئاۋاز يىغىش مۇمكىنچىلىكىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.

cdcb967328cd4cb78cbd7c3865581433.png

ئەگەر ئوغرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆي ئىگىسىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى ياكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشىك قوڭغۇرىقىغا يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتال ئورناتسا، ئوغرى ھەتتا ئۆينىڭ ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلمىسىمۇ بولىدۇ. ئۆي ئىگىسى ئاچقۇچنى قۇلۇپقا كىرگۈزگەندە، چىققان ئاۋازنى ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ يانفونى خاتىرلەيدۇ، ئاندىن ئوغرى SpiKey ئارقىلىق ئاڭلىغىلى بولىدىغان تاراق قىلغان ئاۋاز ئارىسىدىكى ۋاقىت پەرقىدىن پايدىلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەقىقىي ئاچقۇچنىڭ شەكلىگە ھۆكۈم قىلىدۇ.

دېمەك، بۇ يەردە يانفوننىڭ بىخەتەرلىكى يەنە بىر قېتىم گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. يانفونغا نامەلۇم مەنبەدىن كەلگەن ئەپلەرنى، گۇمانلىق ئەپلەرنى، يېشىۋېتىلگەن ئەپلەرنى قالايمىقان قاچىلىماڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部