+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-9-6 10:22 1083 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-9-6 10:13  

① IPhone 12 يانفون زەرەتلىگۈچىنى قوشۇپ بىرىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى.
6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئالمىنىڭ «باش ئاشكارىلىغۇچى» سى گو مىڭشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالما iPhone 12 يۈرۈشلۈكىگە قوشۇپ بېرىلدىغان زەرەتلىگۈچنى بىكار قىلىدىكەن، پەقەت بىر تال سانلىق مەلۇمات سىمى بار ئىكەن. كىشىلەر زەرەتلىگۈچنى ئايرىم سېتىۋالدىكەن. تىڭشىغۇچ قوشۇپ بەرمەسلىك كۆپ ئۇچرايدۇ، لېكىن زەرەتلىگۈچ قوشۇپ بەرمەسلىك تۇنجى قېتىملىق ئىش.
e18349154ec0cc899ad2.jpg
ھازىرقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا IPhone 12 بىر ئاي كىچىكتۈرۈلۈپ 10-ئايدا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.

② iPhone11 سېتىلىش چىمپىيونى بولدى.
بۇ يىل iPhone 11 نىڭ سېتىلىش مىقدارى يەنە بىر قېتىم تارىخىي رېكورتنى يېڭىلاپ، ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان يانفون تىپى بولۇپ قالدى. دۆلەت ئىچىدە بۇنچە كۆپ 5G يانفونلىرى بار ئەھۋالدا 5G قوللىمايدىغان iPhone 11 نىڭ بۇنچە ياخشى سېتىلىشىنى ئويلاپ باقمىغان. بۇ باھاسى چۈشۈرۈلسە كىشىلەرنىڭ ئالما مەھسۇلاتلىرىنى داۋاملىق قىزغىن سېتىۋالدىغانلىقىنى بىلدۈردۇ.
cf7a5f4d5dd69f14f76c00f64c610648d539.jpg

③ چاڭ چېڭ بىلەن ياڭ جې شياۋمىغا قوشۇلدى.
شياۋمى مىكرو بلوگدا ليەنشياڭ شىركىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن لېدىرى چاڭ چېڭ ۋە خۇاۋېي ۋە مېيزۇ شىركەتلىرىدە ماركىتېڭ بىرىنچى قول رەھبىرى بولغان ياڭ جې ئىلگىرى كېيىن بولۇپ شياۋمىغا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، خۇاۋېي روڭياۋنىڭ لېدىرى جاۋ مىڭ مىكرو بلوگقا ئالقىش بەردى.
6e3fb552b430bb5655.jpg

④ خۇاۋېي يانفونى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يانفونلارنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ.
2020-يىلى 1-پەسىلدە، دۆلەت ئىچىدىكى 5G يانفوننىڭ ئومۇمىي مال چىقىرىش مىقدارى تەخمىنەن 14 مىليون 500 مىڭ دانە بولۇپ، ئومۇمىي بازار ئۈلۈشىنىڭ %21.8ىنى ئىگىلەپ، ئالدىنقى پەسىلدىكىدىن %64 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە خۇاۋېي يېرىمىنى ئىگىلىدى.
3888c290cead97542886a3f29b467c5d0ed8.jpg

⑤ يىجىيا ئوتتۇرھال سەپلىمىلىك يانفون چىقىرىشقا باشلىدى.
يىجىيا (OnePlus) نىڭ CEO ليۇ زۇخۇ ئۆزىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك يانفون چىقارمايدىغانلىقىنى ، يىجىيانىڭ پەقەت بايراقدار دەرىجىلىك يانفون چىقىردىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن. ئەمما تۆۋەن دەرىجىلىك بازاردا تېخىمۇ چوڭ ئېھتىياج بار. بۇ يىل 7-ئاينىڭ 21-كۈنى ، يىجىيا چەتئەلدە ئوتتۇرھال سەپلىمىلىك OnePlus Nord نى ئېلان قىلدى. بۇ يانفونغا كۇۋالكوم 765G سەپلەنگەن.
824470c075ffab75065136b8caeb45e00786.jpg

⑥ ليەنفاكې يەنە ئورنىدىن تۇردى.
ئىلگىرى لىيەنفاكې ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك يانفون ئۆزىكىگە ئايلىنىپ قالغان. ئويلىمىغان يەردىن 5G يېتىپ كەلگەندە يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ، بىر قاتار 5G ئۆزىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن كۇۋالكومغا يىتىشۋېلىش ۋەزىيىتى كۆرۈلىۋاتىدۇ.
e027f20cf367054c27e9a25d0bc1b18bc201.jpg

⑦ شياۋمىنىڭ پاي باھاسى يەنە 17 يۈەنگە قايتىپ كەلدى.
2019-يىلى 9-ئايدا شياۋمىنىڭ پاي باھاسى بىر مەزگىل تۆۋەنلىدى ، نىسپىي تارقىتىش باھاسى يېرىمغا ، يەنى تەخمىنەن 8 يۈەنگە چۈشكەن. 9-ئىيۇل بازار يېپىلغاندىن كېيىن ، شياۋمىنىڭ پاي باھاسى تارقىتىش باھاسىغا يېقىنلاشتى ، 10-ئىيۇل شياۋمىنىڭ پاي باھاسى 17 يۈەنگە قايتىپ كەلدى.
658edaf2dead832baa26310af8a9eae92caf.jpg

⑧ شىياۋمى  Pro ‏10 نۆۋەتتىكى ئىقتىدار باھا نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بايراقدار يانفون بولۇپ قالدى.
ئەن تۇتۇ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇمات تىزىملىكىدىن قارىغاندا، 6-ئايدا 4500 يۈەندىن يۇقىرى يانفونلارنىڭ ئىقتىدار باھا نىسبىتى تىزىملىكىدە شياۋمى Pro ‏10  بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.
2379690f6d67ea759f92fe2c01e6ac3dfa4e.jpg

⑨ لو يوڭخاۋ نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىپ مال سېتىشقا باشلىدى.
لو يوڭخاۋ ئىنگلىز تىلى كۇرسى ئېچىشتىن يانفون ياساشقا ئاتلىنىپ، ئالما مەھسۇلاتلىرىنى «مەغلۇپ» قىلىدىغان بولقا يانفونى، بولقا كومپىيۇتېرى چىقارغان، ئەمما ئۆزى مەغلۇپ بولۇپ كەتتى. ئېلېكترونلۇق تاماكا كەسپىگە يۈرۈش قىلىپ مەھسۇلات چىقىرىپ تۇرىشىغا ئېلېكترونلۇق تاماكا چەكلەندى. بۇ يىل خىزمىتىنى ئۆزگەرتىپ ، بىۋاسىتە تارقىتىش ساھەسىگە كىرىپ، مال سېتىشقا باشلىدى. ئويلىمىغان يەردىن نەتىجىسى ياخشى بولۇپ، تەجرىبىسى بار نۇرغۇن تور چولپانلىرىنى تېزلا مەغلۇپ قىلدى.
483402f409540c8623935ec4ff32ba574c74.jpg

⑩ لىيەنشىياڭنىڭ قۇتقۇزغۇچى ناملىق ئويۇن يانفونى يېرىم يىلدىن كۆپرەك تەشۋىق قىلىندى.
لىيەنشىياڭ قۇتقازغۇچى ناملىق ئويۇن يانفونى (联想拯救者手机) يېرىم يىلدىن كۆپ تەشۋىق قىلىنىپ، ئاخىرى بۇ يىل 7-ئاينىڭ 22-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇ يانفونغا كۇۋالكوم 865Plus مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن.
592d06ac0ccb345763e84345a9de47f6cd9b.jpg
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部