+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-9-5 12:05 553 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دۇنياغا مەشھۇر كەشپىياتچى توماس ئېدىسون (1931-1847) لامپۇچكىنى كەشىپ قىلغان، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىدە ئۇنىڭ ھېكايىسى بار، بۇنىڭدا تالاش-تارتىش بارمۇ؟
تۈنۈگۈن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى بايدېننىڭ سۆزى نۇرغۇن تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى. بايدېن يېقىندا ئىرقىي ئېتىراز بىلدۈرۈش ۋە پاراكەندىچىلىك يۈز بەرگەن ۋىسكونسىن ئىشتاتى Kenosha شەھىرىگە كېلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر قارا تەنلىك لامپۇچكا كەشىپ قىلغان، ئۇنىڭ ئىسمى ئېدىسون ئەمەس، قايسىڭلار بىلىسىلەر؟ » دېدى.

20200905070456_5802.jpg

بايدېن شۇ جايدىكى نېگىرلارنىڭ كەيپىياتىنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ گەپنى قىلدى. لامپۇچكىنى بۇ نامسىز قارا تەنلىك كەشىپ قىلغان ئەمەس، ھەمدە ئۇنى ئېدىسون ئۆزى يالغۇز ئىجاد قىلغانمۇ ئەمەس.
لامپۇچكىنى توكتا يورۇتۇش ئىنسانىيەت تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئۇلۇغ كەشپىيات. كەڭ مەنىدىكى لامپۇچكا لامپۇچكا، توك يەتكۈزۈش ۋە توك چىقىرىش سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تار مەنىدىكى لامپۇچكا بىز دائىم دەيدىغان لامپۇچكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنداقتا چوغلانما لامپۇچكىنى كىم كەشىپ قىلغان؟ بۇ مەسىلە بىر قەدەر مۇرەككەپ، 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن كەشپىياتچى ئورتاق تىرىشىپ، ئالدىنقىلارنىڭ تەتقىقاتى ئاساسىدا ئۈزلۈكسىز ياخشىلىغان كوللېكتىپ نەتىجە بولۇشى كېرەك. 1801-يىلى ئەنگلىيەلىك خىمىيە ئالىمى Humphry Davy تۇنجى قېتىم پلاتىنا سىم ئارقىلىق توك ئۆتكۈزگەن ھەمدە 1810-يىلى تۇنجى ئەۋلاد لامپۇچكىنى كەشىپ قىلغان. 1854-يىلى ئامېرىكىلىق گېببل Henry Goebel كاربىدلىق بامبۇك سىملىق لامپۇچكىنى كەشىپ قىلغان، ئۇنىڭ ئۆمرى 400 سائەتكە يېتىدۇ، ئەمما تېخنىكىسى تېخى مۇقىم ئەمەس بولۇپ، پاتېنت ئىلتىماس قىلمىغان.
1860-يىلى ئەنگلىيەلىك Joseph Swan يېرىم ۋاكۇئۇملۇق كاربون سىملىق لامپۇچكىنى كەشىپ قىلغان. 1878-يىلى تېخنىكىسىنى ياخشىلىغاندىن كېيىن، تۇراقلىق كاربونلۇق تالالىق لامپۇچكىنى ياساپ چىققان ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پاتېنت ئىلتىماس قىلغان، بۇ ئېدىسون لامپۇچكا شىركىتىدىن بىر يىل بۇرۇن بولغان. 1879-يىلى فېۋرالدا سىۋان ئەنگلىيەدە ئېلېكتر چىراغلىرىنى تاۋارلاشتۇرۇشقا باشلىدى، ئۇنىڭ ئائىلىسىمۇ دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ چىراغ ئىشلەتكەن ئائىلە ئىدى.
1874-يىلى كانادالىق ئىككى ئىنژېنېر ئازوت كاربون تاياقچىسى لامپۇچكىسىنى كەشىپ قىلىپ، ئازوت گازى ئارقىلىق لامپۇچكىنىڭ يورۇتۇش ئۆمرىنى ئۇزارتقان. ئەمما، ئۇلارنىڭ سودىلاشقان مالىيە كۈچى بولمىغاچقا، پاتېنت ھوقۇقى پاتېفونغا تايىنىپ بېيىغان ئېدىسونغا سېتىپ بېرىلگەن. ئېدىسون تەجرىبىخانىسى ئالدىنقىلارنىڭ لامپۇچكىسىنىڭ لايىھەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئاخىرى 1879-يىلى كاربونلاشتۇرۇلغان پاختا تالاسىنى ئىشلىتىپ ياسالغان چوغلانما لامپۇچكىنى بازارغا سېلىپ، تاۋارلاشقان يورۇتۇش تېخنىكىسىنى ھازىرلىغان.

1879-يىلى 11-ئايدا، ئېدىسون يېڭى جېرسېي شتاتىدىكى مېنلو تەجرىبىخانىسىدا سودىغا ئىشلىتىلىدىغان چوغلانما لامپۇچكىنى ئاشكارا كۆرگەزمە قىلىپ، ئامېرىكا جامائەتچىلىكىگە تاۋارلاشقان يورۇتۇشنىڭ كەلگۈسىنى نامايان قىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن پاتېنت ئىلتىماس قىلىشقا باشلىغان. ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە ماگناتى J.P. Morgan ۋە Vanderbilt جەمەتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، ئېدىسون ئېدىسون لامپۇچكا شىركىتىنى قۇرغان، كېيىن ئوتتۇرىغا چىقارغان كاربون تالالىق لامپۇچكىنىڭ ئۆمرى 2000 سائەتكە ئۇزارتىلىپ، ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە توك سىمى تورى قۇرۇپ، لامپۇچكىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىشى ئۈچۈن ئاساس سالغان.
كاربون تالالىق چوغلانما لامپۇچكىنىڭ پاتېنتى زادى كىمگە تەۋە؟ ئەنگىلىيەلىك سىۋان تېخىمۇ بالدۇر ئىلتىماس قىلىپ، تېخىمۇ بالدۇر سودىلاشقان. دەل مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، كېيىن ئېدىسون شىركىتى ئەنگلىيەدە كەسىپنى كېڭەيتكەندە، سۋان بىلەن شېرىك شىركەت قۇرۇشقا مەجبۇر بولغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئېدىسون پۇل چىقىرىپ سۋاننىڭ پاتېنتى ۋە پاي ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي سېتىۋالغان.
ئامېرىكىدىمۇ ئېدىسون دەسلەپتىلا چوغلانما لامپۇچكىنىڭ پاتېنتىنى ئالالمىغان. ئامېرىكا پاتېنت ئىدارىسى ئىلگىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ماتېرىيالدىن ياسالغان چوغلانما لامپۇچكا بار دەپ قاراپ، ئېدىسونغا مۇناسىۋەتلىك پاتېنت بېرىشنى رەت قىلغان. ئېدىسون تاۋارلاشتۇرۇپ يورۇتۇشقا باشلىغان ۋاقىتتا، ئامېرىكىدا يەنە باشقا رىقابەتچىلەرمۇ ئېلېكتر لامپىسى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋاتاتتى. لېكىن، كۆپ يىللىق دەۋالاردىن كېيىن، ئامېرىكا سوتى يەنىلا 1889-يىلى ئېدىسونغا بۇ ئەڭ مۇھىم پاتېنت ھوقۇقىنى بەرگەن.
كېيىن بىز دائىم ئىشلىتىدىغان ۋولفرام سىملىق لامپۇچكىنى ۋىنگىرىيە بىلەن كرودىيەدىكى ئىككى كەشپىياتچىسى 1904-يىلى كەشىپ قىلغان، لېكىن كەڭ كۆلەمدە سودىغا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ۋولفرام سىملىق لامپۇچكىنى ئامېرىكا ھەممىباب ئېلېكترون شىركىتى 1906-يىلى تەتقىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ھەممىباب ئېلېكترون شىركىتىنى ئېدىسون ئېلېكتر لامپىسى شىركىتى بىر قانچە ئالاقىدار شىركەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ 1892-يىلى قۇرغان. 1896-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، ھەممىباب ئېلېكتىر شىركىتى ئامېرىكىنىڭ داۋجونىس كۆرسەتكۈچىدە باشتىن-ئاخىر مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بىردىن بىر پاي شىركىتى بولۇپ كەلگەن.
گەرچە لامپۇچكىنى ئېدىسون يالغۇز كەشىپ قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن قىلچە تالاش-تارتىش قىلمايدىغان يېرى شۇكى، ئېدىسون لامپۇچكا شىركىتى ھەمدە كېيىنكى ھەممىباب ئېلېكتىر شىركىتى لامپۇچكىنى يورۇتۇشنى ئومۇملاشتۇرۇشتا غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينىغان، ۋال كوچىسى ئېدىسوننى مول مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەن. كاربون سىملىق چوغلانما لامپىدىن باشقا، ئېدىسون لامپۇچكا شىركىتى يەنە تۇراقلىق توكلۇق توك بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى پاتېنتىنى ئىلتىماس قىلىپ، ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە توك يەتكۈزۈشتىن تەركىب تاپقان مۇكەممەل سىستېمىنى قۇرۇپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن 1883-يىلى قېلىپلاشقان سودىغا ئىشلىتىلىدىغان يورۇتۇش مۇلازىمىتىنى باشلىدى.

ئۇنداقتا بايدېن ئېيتقان قارا تەنلىك كەشپىياتچى كىم؟ ئۇنىڭ كۆزدە تۇتقىنى ئېدىسون لامپۇچكا پاتېنتىغا ئىلتىماس قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان (Lewis Latimer (1848-1928 . ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قۇل ئىدى، ئامېرىكا ۋىرگىنىيە شتاتىدىن ئەركىنلىك ئۈچۈن ماسساچۇسېتس شتاتىغا قېچىپ بېرىۋالغانىدى. قۇلدارلار بوستونغا بېرىپ بۇ ئىككىسنى تۇتۇپ كەلمەكچى بولىدۇ، ئاخىرىدا بوستون خەلقى 400 ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىپ، ئاندىن Latimer نىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەركىنلىكىنى قايتۇرۇۋالىدۇ.

d549-iytwsca0469208.jpg

Latimer پاتېنت ئادۋوكاتلىق ئورنىدىكى يۈگۈر-يېتىم ئىشلارنى قىلىشتىن باشلاپ، ناھايىتى كۆزگە كۆرۈنگەن پاتېنت چېرتيوژى سىزغۇچى ۋە لايىھە تەييارلىغۇچىغا ئايلانغان. نۇرغۇن پاتېنت ھۆججەتلىرىنى ئۇ كەشپىياتچىغا ياردەملىشىپ سىزىپ بەرگەن ۋە تەييارلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە 1876-يىلى بېل (Alexander Bell) نىڭ تېلېفون پاتېنتىمۇ بار. 1879-يىلى Latimer ئامېرىكا ئېلېكترىك يورۇتۇش شىركىتى (ئېدىسوننىڭ رىقابەتچىسى) گە كىرىپ، ئېلېكترىك يورۇتۇش كەسپىگە ئاتلانغان، كېيىن 1884-يىلى ئېدىسوننىڭ لامپۇچكا شىركىتىگە كىرگەن.
ئۇ ئېدىسون شىركىتىدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، ئېلېكتىرلىك يورۇتۇشقا ئائىت تۇنجى كىتابنى يېزىپ چىقىدۇ. ئېدىسوننىڭ ئېلېكتىر لامپىسى پاتېنتىنى تالىشىش جېڭىدە Latimer نۇرغۇن پاتېنت ھۆججەتلىرىنى سىزىپ چىققان. گەرچە نۇرغۇن پاتېنتلارنى Latimer يازغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پەقەت پاتېنت سىزغۇچىسى ۋە تەييارلىغۇچى بولۇپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش جەريانىدا تېخنىكا ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەن، تېلېفون ۋە لامپۇچكىنىڭ ئاساسلىق كەشپىياتچىسى ئەمەس. Latimer نى « لامپۇچكا كەشىپ قىلغان» ئادەم دەپ ئاتاش، روشەنكى، ئېدىسون، بېل، سۋان قاتارلىق نۇرغۇن ھەقىقىي تېخنىكا كەشپىياتچىلىرىغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك.
ئېدىسوننىڭ  يېڭى جېرسېي شتاتىدىكى مېنلو تەجرىبىخانىسى تۇنجى سودىلاشقان تەتقىقات مەركىزى. بۇ تەجرىبىخانا نۇرغۇن ئىنژېنېر، ئالىملارنى ياللاپ، ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان تېخنىكا ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان يۆنىلىشتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، تېخنىكا ۋە پاتېنتلارنى ئۈزلۈكسىز سېتىۋېلىپ، شۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىدىغان نۇرغۇن يېڭى مەھسۇلات ۋە يېڭى تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. بۇ خىل تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئەندىزىسى ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ كىچىك سېخلىرىنىڭ تەتقىقات تارىخىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتتى.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئېدىسون ئامېرىكا پەن-تېخنىكا كەسپىنىڭ پېشۋاسى. ئۇ بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ CEO سى. ئېدىسون پۇل مۇئامىلە ماگناتلىرى تەمىنلىگەن كاپىتالدىن پايدىلىنىپ، بايلىق مەنبەسىنى يۆتكەپ سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ شەخسىي تەسىر كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، تاۋارلاشتۇرۇپ ئومۇملاشتۇرغان. 1879-يىلىدىكى چوغلانما لامپۇچكىنى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى بىر قېتىملىق دەۋر بۆلگۈچ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى بولدى.
لېكىن، ئېدىسون كۆڭلى-كۆكسى تار، ۋاسىتە تاللىمايدىغان كاپىتالىست ئىدى. ئېدىسون تەجرىبىخانىنىڭ بارلىق پاتېنتىنى دېگۈدەك ئۆز ئىلكىگە ئالغان، مورگان كونتروللۇقىدىكى گېزىت-تاراتقۇلارنىڭ ياردىمىدە، ئۆزىنى 1000 دىن ئارتۇق پاتېنتقا ئىگە، ھەممىگە قادىر داڭلىق كەشپىياتچى قىلىپ ياراتقان، چوغلانما لامپۇچكىنىڭ كەشىپ قىلىنىشىنى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ، نۇرغۇن ئالىملارنى تېگىشلىك تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىدىن رەھىمسىزلەرچە مەھرۇم قىلغان.
رىقابەتچىلىرىگە زەربە بېرىپ، سودا مەنپەئەتىگە ئېرىشىش جەھەتتە، ئېدىسون تېخىمۇ ۋاسىتە تاللىمايدۇ. تېسلانىڭ ئۆزگىرىشچان توك تېخنىكىسى بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن، ئېدىسون ئۆزگىرىشچان توكنىڭ خەتىرىنى ئۈزلۈكسىز كۆپتۈرۈپ كۆرسەتكەن؛ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدىلا ھايۋانلارنى توكقا سوقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ كىشىلەرنى قورقۇتقاندىن سىرت، ھەتتا توكلۇق ئورۇندۇق لايىھەلەپ چىققان (ئەسلىي مەقسىتى ئۆزگىرىشچان توكنىڭ ئادەم ئۆلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىدى، ئەمما ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىشقا تۈرتكە بولغان).

بەلكىم ھازىرقى نۇقتىدىن قارىغاندا، ئېدىسون بىلەن جوبىسنىڭ نۇرغۇن ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەرەپلىرى بولۇشى مۇمكىن: ھەر ئىككىسىنىڭ ئىنتايىن ئۆتكۈر تېخنىكا پۇراش سېزىمى بولۇپ، كەلگۈسىدىكى تېخنىكا يۈزلىنىشىنى كۆرەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ نامى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچىلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى ھازىرقى تېخنىكىلارغا بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەقىقىي تاۋارلاشقان پىشقان مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلاردا يەنە ئىنتايىن كۆزگە كۆرۈنگەن سودا تالانتى ۋە تىجارەت تالانتى بار.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، جوبىس ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننى كەشىپ قىلغۇچىمۇ، ماسك توكلۇق ئاپتوموبىلنى كەشىپ قىلغۇچىمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، بىراق ئۇلار رەھبەرلىك قىلغان شىركەت بۇ ئىككى ساھەدىكى ئاغدۇرمىچىلىق خاراكتىرىدىكى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ۋە توكلۇق ئاپتوموبىللارنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولدى. كەشپىياتچىنىڭ مۇھىملىقى ئۇلارنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتكەنلىكىدە.

ھە راست، باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى يەتتە ياشلىق ئېدىسون ئەينەك ئارقىلىق دوختۇرغا ياردەملىشىپ ئوپېراتسىيە قىلىپ ئانىسىنى قۇتقۇزغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىمۇ يالغان، بۇ ھېكايە ئامېرىكىدىكى بىر كونا كىنودىن كەلگەن، يەنە كېلىپ ئىككىنچى قېتىم پىششىقلانغان. ھازىر دەرسلىكتىن بۇ ھېكايىنى چىقىرۋەتتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部