+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-9-3 11:32 852 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار چەكلەش تەدبىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خۇاۋېي بارغانسىرى تەس كۈنگە قالدى، 15-سېنتەبىردىن كېيىن چىلىن ئۆزىكى بولمىسا، خۇاۋېينىڭ يانفون كەسپىمۇ ھەل قىلىش قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ، بەلكىم خۇاۋېينىڭ يانفون كەسپى ۋەيران بولۇشى مۇمكىن.
خۇاۋېي ئىلغار 5G تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ چىققاندىن بۇيان، ئامېرىكا پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكىلەر ئۇنىڭغا كۆز تىكتى، شۇنداقلا خۇاۋېينىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قارىتا نۇرغۇن بەلگىلىمىلەرنى تۈزدى. خۇاۋېينىڭ 5G تېخنىكىسىنى چەكلەشنىڭ نەتىجىسى بولمىغاندىن كېيىن، دەسلەپتە ئاندرويدتىكى گوگۇل مۇلازىمىتىنى چەكلەپ، خۇاۋېي يانفونلىرىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى سېتىلىشىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن خۇاۋېيغا ئۆزەك چەكلەش بۇيرۇقىنى يولغا قويدى، ئومۇمەن ئامېرىكا تېخنىكىسى ۋە ئۈسكۈنىلىرى ئىشلىتىلگەن كارخانىلار، ئالاقىدار ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا خۇاۋېي بىلەن ھېچقانداق ھەمكارلىق ئورنىتىشقا يول قويۇلمىدى.

ChMkJ1qTacyIaonSAAHrjFdXL6sAAk-0gA8rrcAAeuk722.jpg

ئۆزەك چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ تەسىرىدە، خۇاۋېي يانفون كەسپى جەھەتتە يېڭىدىن بەرپا قىلغان شانلىق نەتىجە شۇنىڭ بىلەن ۋەيران بولىدۇ. تەيجىدىيەن مال تەمىنلەشنى توختاتقاندىن كېيىن، خۇاۋېينىڭ 5nm لىق چىلىن ئۆزىكىنى ئىشلەپچىقىردىغان زاۋۇت يوق، نۆۋەتتە ئېلان قىلىنىدىغان بوبرا كېيىك 9000 ئۆزىكى خۇاۋېينىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۆزىكى بولۇپ قالىدۇ. يەنە بىر ئۆزەك ئىشلەپچىقىردىغان شىركەت لىيەن فاكې MediaTek بار، يېقىندا چىققان روڭياۋ قاتارلىق يانفونلارغا لىيەن فاكېنىڭ ئۆزىكىنى سەپلەپ باقتى. ئەمما لىيەنفاكې جۇڭگو تەيۋەندىكى كارخانا بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە بويسۇندىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈپ بولدى.

tsmc-pledges-to-huawei_425_735.jpg

ئامېرىكىنىڭ بۇنداق «ئۆكتەملىك» بىلەن باشقا كارخانىلارنى چەكلىشى تۇنجى قېتىملىق ئەمەس، شۇنداقلا مەلۇم بىر دۆلەتكە قارىتىلغان ئىشمۇ ئەمەس؛ خۇاۋېينى چەكلىدى، شىياۋمىنى چەكلىمىدى؛ شىياۋمىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى سېتىش كىرىمى تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتىدۇ. چۈنكى شىياۋمى ئىزچىل كۇۋالكومنىڭ ئۆزىكىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ.

dd1f8c3f644e4d8595d873b522c6e3c4.jpeg

نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتىنى چۈشىنىدۇ، نۆۋەتتە ھەقىقەتەن خۇاۋېيغا زور تەسىر كۆرسەتتى، خۇاۋېيمۇ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى.
ئەگەر خۇاۋېي يىقىلسا ئاقىۋىتى زادى قانچىلىك ئېغىر بولىدۇ؟ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا چەكلىگەن ئۈچ شىركەت بۇنىڭ ياخشى مىسالى.

ياپونىيە توشىبا TOSHIBA شىركىتى

toshiba-1000x516.jpg

ياپونىيە توشىبا شىركىتى ئەينى چاغدا دۇنيا بويچە داڭلىق ئىدى. ئەينى چاغدا ياپونىيە توشىبا شىركىتىنىڭ تېخنىكىسىغا تايىنىپ، دۇنيا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسىنىڭ خېلى كۆپ قىسىمىنى كونترول قىلغان، توشىبا شىركىتىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلىدە ئېرىشكەن ئورنى ھازىرقى خۇاۋېيدىن قېلىشمايدۇ، ئالاقىلىشىش تېخنىكىسى، ئوپتىك قوزغاتقۇچ، لازېر نۇرى تېخنىكىسى جەھەتتە دۇنيا بويچە ئالدىنقى ئۇرۇندا توراتتى.
توشىبانىڭ ئىستىقبالى پارلاق ۋاقىتتا ئامېرىكا ئۇنىڭغا قول سالدى، سەۋەبى ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ياپونىيىدىكى مەنپەئىتىگە تەسىر يەتكۈزدى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، ئامېرىكا توشىبا شىركىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ھەممىلا يەردە چەكلەپ تۇردى، ئەڭ ئاخىرىدا 18 يىل بولغاندا مەبلەغ زەنجىرى ئۈزۈلۈپ، ئۆز قارمىقىدىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى سېتىۋېتىشكە مەجبۇر بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيەنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسى بەك كۆرۈنەرلىك نەتىجە يارىتالمىدى. سونىي قاتارلىقلار بەك داۋراڭ سالماي، ئامېرىكىنىڭ پىشىگە ئېسىلىپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.

فىرانسىيە ئالستوم ALSTOM شىركىتى
فىرانسىيە سانائەت ئىنقىلابىنىڭ باشلامچىسى، تەبىئىي ھالدا سانائەت تېخنىكىسىدا دۇنيانىڭ ئالدىنقى سەۋىيەسىدە تۇرىدۇ. فىرانسىيەنىڭ ALSTOM شىركىتى سانائەت ۋە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كۈچ چىقارغان، فىرانسىيە ئېلېكتىر سايمانلىرى كەسپىنىڭ يېرىمىنى كونترول قىلغان بولۇپ، تېخىمۇ مۇھىمى «فىرانسىيە سانائەت گۆھىرى» دەپ ئاتالغان. كېيىن ئۇ يەنە دۇنيا بويچە ئاساسىي ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەت ھالقىغان كارخانىغا ئايلاندى، ئۇ تەمىنلىگەن سىستېما ۋە مۇلازىمەت نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سانائەت تەرەققىياتىدا پۈتۈنلەي يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى.

Alstom.jpg

ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا تىزىملىكىدە پەيدا بولدى، ئەينى چاغدا پۈتۈن دۇنيا تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ شىركەت بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئىزدەۋاتاتتى. ئەمما دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا بۇ شىركەتنى ئامېرىكا ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە تەھدىت سالدى دەپ قاراپ، تۈرلۈك ۋاستىلەر ئارقىلىق باستۇردى، ئاخىرىدا ئامېرىكا ئۇنى پۇل مۇئامىلە ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ مەجبۇرىي سېتىۋالدى.

ئىلگىرىكى دۆلەت ئىچىدىكى خەۋەرلىشىش ماگناتى جۇڭشىڭ 中兴
جۇڭشىڭنى تىلغا ئالساق، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ئەينى يىللاردىكى ئەرزان باھالىق تولا قېتىۋالىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون كېلىدۇ ئىدى. يانفون جۇڭشىڭنىڭ قوشۇمچە كەسپى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كەسپى خەۋەرلىشىش ساھەسىدە، جۇڭشىڭ 2G، 3G، 4G دەۋرىدە دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقە تېخنىكىسىدا يېتەكچى بولغان، ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ ئالاقە ماگناتلىرىنىڭ بىرى بولۇشقا مۇناسىپ ئىدى. سانسىزلىغان كىشىلەر جۇڭشىڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى كۆڭلىگە پۈككەن پەيتتە، ئالاقىدار تېخنىكىلاردا قولغا كەلتۈرۈلگەن بۆسۈش سەۋەبىدىن ئامېرىكا ئەنسىرەشكە باشلىدى.

微信截图_20200903110759.jpg

شۇنىڭ بىلەن 2015-يىلدىن باشلاپ ئامېرىكا جۇڭشىڭنى تېخنىكا جەھەتتىن قامال قىلىشقا باشلىدى. دۆلەت ئىچىگە ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىلغار خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى تەمىنلەشكە باشلىدى، جۇڭشىڭ ھەرخىل باراۋەر بولمىغان بەلگىلىمىلەرنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى، ھەتتا ئامېرىكا باشقۇرۇش كوللېكتىپىنى جۇڭشىڭنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئەۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن جۇڭشىڭنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى زور چەكلىمىگە ئۇچرىدى. ئالاقىدار تېخنىكىلار بىلەن قامال قىلىنغاندىن كېيىن، جۇڭشىڭمۇ بارا-بارا جىمىپ كەتتى، مانا بۇ جۇڭشىڭنىڭ بايراقدار دەرىجىلىك يانفون ئىشلەپچىقىرىپ داغدۇغا قوزغىيالماسلىقنىڭ بىر سەۋەبى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部