+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-9-2 12:33 647 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-9-2 12:33  

قاتناش باشقۇرۇش 12123 يەنى “交管 12123” سۇپىسنىڭ ئالىپاي ئەپچىسى 1-سېنتەبىردىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئىشقا كىرىشتى.
ئاپتوموبىلى بارلىكى ئادەم بولسا 交管 12123 ئەپ دېتالى ناتونۇش ئەمەس؛ يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ رەسمىيىتىنى بىجىرىش، قاتناش جەرىمانىسىنى تۆلەش، ئاپتوموبىل نۇپۇسىنى يۆتكەش ئىشىلىرىنى مۇشۇ سۇپا ئارقىلىق بىجىرىدۇ. ئەمدى ئالىپاي ئەپچىسىگە ئۇرۇنلىشىپ ئىشلىتىلىش دائىرسى كېڭىيىپ، تېخىمۇ قولايلىق بولدى.
بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ۋە شوپۇرلار ئۆلكە ھالقىپ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىيالماسلىقىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ، پەقەت ئالىپايدا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن دەللىلەنگەن ئابۇنىتلار ئالىپايدىكى «交管 12123» ئەپچىسىگە كىرسىلا، نامىدىكى ئاپتوموبىللارغا قارىتا مەملىكەت بويىچە قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ.

20200901_234754_730.jpg

ئالىپاينىڭ ھەقىقىي ئىسم بىلەن دەللىشىدىن ئۆتۈپ بولغان ئابونتلار 12123 ئىگە تەرەپ ئەپچىسىگە بىۋاسىتە تىزىملاتسا بولىدۇ، ھەر قېتىم پارول كىرگۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق. تەرتىپ بويچە ئالىپايدىكى «市民中心» −«公安交管» −«交管 12123» ئەپچىسىگە كىرگەندىن كېيىن ئالاقىدار مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى بىۋاسىتە ئىشلىتەلەيدۇ.
ھازىر بۇ ئەپچە ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرۇش ئالدۇرۇش، تىزىمغا ئالدۇرغان ئۇچۇرنى سۈرۈشتۈرۈش، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ۋە شوپۇرلۇق كىنىشكىسىدىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك ئاساسىي ئىقتىدار ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش، قاتناش قانۇنىغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك كەسىپ مۇلازىمەت ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەندى، ھەمدە مەملىكەت بويىچە ئۆلكە ھالقىپ سۈرۈشتۈرۈش تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部