+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-9-2 12:33 901 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-9-2 11:39  

1-سېنتەبىر جۇڭشىڭ شىركىتى دۇنيا بويچە تۇنجى ئېكران ئاستىغا كامېرا ئورنىتىلغان يانفون _ Axon 20 5G نى رەسمىي ئېلان قىلىندى. ئېكران ئاستىغا كامېرا ئورنىتىلغان يانفونلارنىڭ ھەر خىل ئۇقۇم يانفونلىرى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىپ ئېلان قىلىنىشى تۇنجى قېتىملىقى.

5e99ae59f86847db9add6351e7457635.gif

بۇ خىل لايىھەنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، يانفون ئېكراننىڭ بوشلۇقىنى تېجەپ، مۇكەممەل بولغان پۈتۈن ئېكران لايىھەسىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇ. ھازىر بازاردىكى يانفونلار ئالدى كامېرانى ماڭلاي ئېكران، تامچە ئېكران، تارتما شەكىللىك، سىيرىلما شەكىللىك، تۆشۈك ئېكران قاتارلىق قاتارلىق شەكىللەردە ئورنىتىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئېكراننىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە تەسىر يېتىدۇ.

4b7c402ab242bd79.jpg

دۇنيا بويىچە تۇنجى ئېكران ئاستىغا كامېرا ئورنىتىلغان يانفون بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭشىڭ تيەنجى Axon 205G ئېكران ئاستى كامېرا رايونىغا ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى سۈزۈك مىكرومېتىر دەرىجىلىك يېڭى ماتېرىياللارنى ئىشلەتكەن ھەم نۇرنىڭ پەردە قەۋىتى قۇرۇلمىسىنى تېشىپ ئۆتۈشنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئېكران گەۋدىسىنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرغان ھەم شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوپتىكىلىق دىفراكسىيەنى تىزگىنلىگەن.

153028ef7b11acf9.jpg

ئادەتتە ئېكراننىڭ ھەممە يېرى نورمال، ئالدى كامېرانىڭ بارلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئالدى كامېرانى ئىشلىتىپ رەسىم تارتىدىغاندا ئېكراننىڭ كامېرا بار يىرى سۈزۈلۈپ كامېراسى كۆرۈنىدۇ.
كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسەتمىگەن ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، سۈزۈكلۈك دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان OLED دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىغان، بۇنداق بولغاندا تاشقى دۇنيادىكى مۇھىت نۇرى ئېكراندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، سىن ئېلىش سېنزورىغا يەتكۈزۈلۈپ، سۈرەتكە تارتىشقا كېرەكلىك يېتەرلىك نۇر بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.

zte-axon-20-5g-color-zoom_01.jpg

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئېكران قوزغىتىش ئۆزىكىنىمۇ جۇڭشىڭ شىركىتى ئۆزى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان.
ئېكران ئىچىگە كامېرا ئورۇنلاشتۇرغاندىن باشقا نۇر سېنزورى، بارماق ئىزى سېنزورى، ئاۋاز قۇرۇلمىسىنىمۇ ئېكرانغا ئۇرۇنلاشتۇرغان. ئاۋازىمۇ ئېكراندىن چىقىدۇ.

3ec94f20fcc8882e.jpg

Axon 20 5G يانفونىغا 6.92 دىيۇملۇق FHD OLED ئېكران سەپلەگەن، 10bit رەڭ چوڭقۇرلۇقى، %100 DCI-P3 رەڭ دائىرسنى قوللايدۇ. ئېكران يېڭىلىنىش چاستوتىسى 90Hz ، چەكمە كونترول چاستوتىسى 240Hz، يانفوننىڭ قېلىنلىقى 7.98 مىللىمىتېر.


e939705e8e491e26.jpg

ئالدى كامېراسى 32 مىليون پىكسېل. كەينى كامېراسى 64 مىليون پىكسېللىق ئاساسىي كامېرا + مىليون پىكسېللىق كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا + 2 مىليون پىكسېللىق چوڭقۇرلۇق كامېراسى + 2 مىليون پىكسېللىق مىكرو ئارىلىق كامېراسىدىن ئىبارەت تۆت كامېرادىن تۈزۈلگەن. 4K 60fps سىن ئېلىشنى، كېچىدە سىن ئېلىشنى، رەسىم AI گۈزەللەشتۈرۈشنى قوللايدۇ.

6d4e02faf1e31d3d.jpg

بۇ يانفونغا كۇۋالكوم 765G مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن. قوش مودۇللۇق 5G قوللايدۇ.

微信截图_20200902113920.jpg

يەنە مۇستەقىل ياسىغان 5G ئالاھىدە ئانتېناسى ئورنىتىلغان، 12 ئانتېنا ئايلاندۇرۇپ توپلاشتۇرۋېتىلگەن بولۇپ، سىگنال قۇبۇل قىلىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن.
باتارىيەسى 4220mAh بولۇپ، 30W لىق تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.

6+128Gb سىغىملىقنىڭ باھاسى 2198 يۈەن
8+256Gb سىغىملىقنىڭ باھاسى 2798 يۈەن

ھازىر ئالدىن زاكاس قىلىۋاتىدۇ، 10-سىنتەبىر رەسمىي سېتىشنى باشلايدۇ.

2ئادەم ئىنكاس يازدى

elbilge ۋاقتى: 2020-9-3 03:33:51
ئېكرانى ئەگمە ئېكرانمىدۇ؟
ئىشقىلىپ پۇلىغا  راستلا يۈز كېلەلەيدىغان تېلېفونكەن بۇ، ئىقتىدار باھا نىسبىتى يۇقىرىكەن، بىر ئويلىغىنىم ئالدى كامېرانىڭ رەسىمگە تارتىش سۈپىتى قانداقراق چىقاركىن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部