+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-9-1 12:02 963 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
8-ئاينىڭ 31-كۈنى جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسى سودا بانكىلىرى، ئاساسلىق يانفون كارخانىلىرى، نۇقتىلىق ھەمكارلاشقان سودىگەرلەر ۋە چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ تۇنجى رەقەملىك بانكا كارتىسى «银联无界卡» «بانكا بىرلەشمىسىنىڭ چېگرىسىز كارتىسى» نى ئېلان قىلدى. رەقەملىك مۇلازىمەت ئارقىلىق ئىستېمال قىلىش، پۇل ئېلىش-پۇل قويۇش، ھېسابات يۆتكەش، يانفوندا تېز چىقىم قىلىش، كود سىكانېرلاپ چىقىم قىلىش قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر يۈنشەنفۇ ئەپ 云闪付App ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىپ رەقەملىك بانكا كارتىسىغا ئېرىشسە بولىدۇ.

20200831_181751_842.png

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان رەقەملىك بانكا كارتىسى ئاساسلىقى دېبېت كارتىسى ۋە ئىناۋەتلىك كارتىدىن ئىبارەت ئىككى خىل. بانكا بىرلەشمىسى چېگرىسىز كارتىسى ئاساسلىقى يۈنشەنفۇ ئەپ قاتارلىق سۇپىلارغا تايىنىپ، كارتا ئىگىسىنى رەقەملىك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە:

20200831_181841_498.png

1. ئەنئەنىۋى بانكا كارتىسىنىڭ رەقەملەشتۈرۈلگەن ھالىتى بولۇپ، رەقەملەشتۈرۈش مۇلازىمىتى ئارقىلىق، ئابۇنىتلارنىڭ ئىستېمال قىلىش، پۇل ساقلاش، نەق پۇل ئېلىش، مېمورىئال قىلىش، يانفوندا تېز چىقىم قىلىش، كود ئارقىلىق چىقىم قىلىش قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك چىقىم قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇردۇ.
2. كارتا تارقىتىش، كارتا ئىشلىتىش يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق.  ئابۇنىتلار يۈن شەنفۇ ئەپ تېرمىنالى، ھەر قايسى سودا بانكىلىرىنىڭ ئەپ تېرمىنالى ياكى يانفون ھەميانى قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كارتا ئىلتىماس قىلسا، كارتا باغلىسا ۋە كارتا ئىشلەتسە بولىدۇ.
3. چىقىم قىلىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. چىقىم قىلىش بەلگىسى، يولنى مەخپىيلەشتۈرۈپ، دەل ۋاقتىدا خەتەرنى كونترول قىلىش قاتارلىق تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئابۇنىتلارنىڭ مەبلەغ ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
4. ساھە ھالقىغان ھەمكارلىق ۋە ئۆز-ئارا ھەمكارلىققا قولايلىق يارتىدۇ. ئابۇنىتلار رەقەملىك بانكا كارتىسىنى ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئاممىۋى قاتناش، يانفون ھەميېنى قاتارلىق چىقىم قىلىش ئەھۋاللىرىغا خالىغانچە ئىشلەتسە بولىدۇ.

20200831_181916_842.png

ئىگىلىنىشىچە، بانكا بىرلەشمىسىنىڭ چېگراسىز كارتىسى چېگرا ئىچى-سىرتىدا ماس قەدەمدە تارقىتىلىدىكەن، مەملىكەت خاراكتېرلىك 17 سودا بانكىسى، قىسمەن رايون خاراكتېرلىك بانكا ۋە ئالاقە تورى بانكىسى تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىنغان.

رەقەملىك بانكا كارتىسى «银联无界卡» نى بىجىرىش ئۇسۇلى:
يۈنشەنفۇ ئەپ 云闪付App نى ئاچسا باش بەتتە 支付无界 悦享无限 دەپ تەشۋىقاتى كۆرۈنىدۇ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك؛ شۇ يەرنى چېكىمىز.

微信图片_20200901112355.jpg

ئاندىن ھەر قايسى بانكىلارنىڭ بىجىرىشكە بولىدىغان رەقەملىك دېبېت كارتىسى ياكى ئىناۋەتلىك كارتىسنىڭ تىزىملىكى چىقىدىكەن، شۇنىڭدىن بىرنى تاللاپ ئىلتىماس قىلساق بولىدۇ.

微信图片_20200901112426.jpg

يېڭىدىن يولغا قويغاچقا ھەر خىل ئېتىبار پائالىيەتلىرى باركەن. بەزى ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ يىللىق مۇلازىمەت ھەققى يوقكەن.

微信图片_20200901112410.jpg

بانكا بىرلەشمىسىنىڭ يۈنشەنفۇ ئەپنى تېخى ئىشلەتمىگەن بولمىسىڭىز ھەر قايسى ئەپ بازارلىرىدىن 云闪付 دەپ ئىزدىتىپ چۈشۈرۋالسىڭىز ياكى ماۋۇ ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ.

微信图片_20200901112432.png

بۇ ئەپنىڭ بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن قولايلىق ئىقتىدارلىرى بار. 银联 دەپ خەت بار ھەر قانداق بانكا كارتىسىنى باغلاپ ئىشلىتشىكە، باشقا بانكىنىڭ كارتىسىغا مۇلازىمەت ھەققىسىز پۇل يۆتكەشكە بولىدۇ.

2ئادەم ئىنكاس يازدى

Omar14 ۋاقتى: 2020-9-1 17:39:53
مۇشۇ يۈنشەنفۇ دىگەن نەرسە توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىلسىكەن .
lockman138 ۋاقتى: 2020-9-1 18:37:55
مانا مەن ھازىرنىڭ ئۆزىدە بىجىرىۋالدىم، ھەمدە 10 مىنۇت ئىچىدىلا تەستىقلىنىپ ئاكتىپلانغانلىق ئۇچۇرى كەلدى، 云闪付غا باغلاپ تېلېفون ھەققىمۇ تۆلىدىم، ھەقىيقەتەن قولايلىقكەن. رەخمەت سىلەرگە !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部