+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-9-1 12:02 662 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-9-1 11:43  

يېقىندا بەزى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى «您的ETC账户已冻结,为避免影响通行,请尽快完成认证» (سىزنىڭ ETC ھېساباتىڭىز توڭلىتىلدى، يول يۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېزدىن دەلىللەشنى تاماملاڭ ) دېگەن مەزمۇندا ئالدامچىلىق قىسقا ئۇچۇرى تاپشۇرۋالغان.

s_ed0f13cc85cd414193f8a2fcc7d294bb.png

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان بىلوگىدا مۇنداق ئەسكەرتىش بەردى: بۇ ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ھەرگىز ئۇلانمىنى چەكمەڭ! بۇ بىر ئالدامچىلىق ئۇچۇرى، سەللا دىققەت قىلمىسا بانكا كارتىڭىزدىكى پۇل يوقايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا دائىم ETC نى بېجىرگەن ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ETC نى قايتىدىن دەلىللەش ئەسكەرتىلگەن قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان، ئالدامچى ئۇنسۇرلار كۆپچىلىكنىڭ ETC ئۈسكۈنىسىدە كاشىلا چىقىپ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاۋارىچىلىققا ئۇچراشتىن ئەنسىرەش پىسخكىسىدىن پايدىلىنىپ، بېلىق تۇتۇش قىسقا ئۇچۇرى، بېلىق تۇتۇش تور بېكىتى (سىزنى بېلىق، ETC نى يەمچۈك قىلماقچى) ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بانكا ھېسابات نومۇرى، مەخپىي نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، پۇلىنى ئوغرىلاپ كەتكەن.

بۇ قىسقا ئۇچۇرغا بىر ئۇلانما قوشۇپ قويۇلىدۇ، ئەگەر ئىشلەتكۈچى چەكسە، بېلىق تۇتۇش تور بېكىتىگە كىرىپ، ئىسىم-فامىلىسى، كىملىك، تېلېفون نومۇرى، بانكا كارتىسى ھېسابات نومۇرى، بانكا كارتىسىنىڭ پارولى، كرېدىت كارتىسىنىڭ بىخەتەرلىك نومۇرى ۋە ئابونت زىيارەت قىلغان IP قاتارلىقلارنى تولدۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەگەر راستچىللىق بىلەن تولدۇرسىڭىز، پۇلىڭىز ئالدامچىلار تەرىپىدىن يۆتكەپ كېتىلىشى مۇمكىن.

s_83c6c5e49e1749428ead33bca7d564bb.png

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بۇنداق بېلىق تۇتۇش ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىشتە تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە دىققەت قىلىش كېرەك:
1. قىسقا ئۇچۇردا ئەگەر ئېنىق بولمىغان ئۇلىنىش ئادرېسى بولسا، ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك، گۇمان بولسا ETC ئورگان تورى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ، بېلىق تۇتۇشنىڭ خەتىرىدىن ساقلىنىش كېرەك. ھەر قانداق قىسقا ئۇچۇردا تور ئادرېس ئۇلانمىسى بولسا دىققەت قىلىڭ.
2. ئەگەر قىسقا ئۇچۇردىكى ئۇلىنىشنى چېكىپ كىرىپ تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنسا، ئۇ ھالدا بېلىق تۇتۇش ھۇجۇمى بولۇشى مۇمكىن.
بانكا كارتا نومۇرى + بانكا كارتا پارولى؛ ئىناۋەتلىك كارتا نومۇرى + CVV2 بىخەتەرلىك كودى؛ ئىسىم-فامىلسى + كىملىك نومۇرى + يانفون نومۇرى؛ كىملىك رەسىمى + بانكا كارتا رەسىمى + شەخسنىڭ رەسىمى.
3. قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتكەن نومۇرنىڭ ئالدىدا  «+» ياكى «00» بولسا ھۇشيارلىقنى تېخىمۇ ئۆستۈرمىسىڭىز بولمايدۇ، بۇنداق نومۇردىن كەلگەن ئۇچۇرنىڭ ئالدامچىلىق ئۇچۇرى بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى.

ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى تورداشلار مۇنداق تۆۋەن دەرىجىدىكى ئالدامچىلىققا ئۇچىراۋاتىدۇ.
بىرسىگە جىددىي پۇل لازىم بولۇپ توردىن قەرز بىجىردىغان بىرسىنى تېپىپ، 50 مىڭ يۈەن قەرز بىجىرمەكچى بوپتۇ. قارشى تەرەپ رەسمىيەت ھەققىگە 500 يۈەن تەلەپ قىپتۇ، بىرىپتۇ، ئاندىن، بانكا كارتا نومۇرىنى، پارولىنى، بانكا كارتىسنى باغلىغان يانفون نومۇرىنى سوراپتۇ ۋە بىر ئازدىن كېيىن يانفونىڭىزغا ئالتە خانلىق سان كېلىدۇ، شۇ ساننى دەپ بېرىڭ دەپتۇ. كەلگەن ساننى دەپ بېرىپتۇ؛ ئاندىن كارتىسىدىكى 5000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇ «ئالدامچى» بۇ بالىنى قارا تىزىملىككە تىقىۋېتىپ يوقاپتۇ.

قەرز دېگەننى بانكىغا بېرىپ بىر مۇنچە رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ ئاندىن بىجىرىمىز. ئالىپاي، شىياۋمى پۇل مۇئامىلىسى دېگەندەك قانۇنلۇق پۇل-مۇئامىلە ئەپلىرىنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىپ، ئىناۋىتىڭىز يۇقىرى بولسا شۇ ئەپتىن بىجىرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئەمما توردىكى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىرسى سىزدىن ھېچقانداق رەنە، كېپىللىك تەلەپ قىلماي تۇرۇپ قەرز بەرمەيدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部