+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-8-31 09:54 697 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-8-31 09:54  

2015-يىلى جوبىسنىڭ يېقىن دوستى ، ئالما شىركىتنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى ستېفىن ۋوزنىياك «دۆلەت جۇغراپىيەسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا : بۈگۈنكى دۇنيادا كىم جوبىس قالدۇرغان بوشلۇقنى تولدۇرالايدۇ؟ دېگەن سۇئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن.
« مېنىڭچە، جوبىسقا ئوخشاش ئالدىن كۆرەرلىك ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ئادەم نەچچە مىليونغا يېتىشى مۇمكىن، لېكىن كىم ئۇلارنى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ھەقىقىي مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرالايدۇ؟ مەن نۇرغۇن تەرەپلەردىن ئېلون ماسكنى كۆزەتتىم، ئۇ ئىنتىلگەن ساھەلەرنىڭ ھەممىسى باشقىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەبلەر بىلەن نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدىغان ساھەلەر ئىدى، مەسىلەن، قۇياش ئېنېرگىيەسى، Space X، تېسلا ئاپتوموبىلى قاتارلىقلار» .
29- ئاۋغۇست ماسك يەنە بىر «نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدىغان ساھە» دە دەۋر بۆلگۈچ بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. 150 مىڭ بىۋاسىتە تارقاتقۇچىنىڭ يىغىلىشىدا، ماسك قارمىقىدىكى مېڭە ماشىنا ئۇلاش ئېغىزى شىركىتى Neuranlink ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاشكارا، ئەمەلىي مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان Neuranlink ئۈسكۈنىسى Link V0.9 ۋە ئاپتوماتىك بەدەنگە كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ماشىنا ئادىمى V2 نى نامايان قىلدى.

477f-iypetiu7222424.jpg

ئوپېراتسىيە ماشىنا ئادىمى V2 دىن پايدىلىنىپ، تەڭگە پۇل چوڭلۇقىدىكى Link V0.9 نى ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىگە كۆچۈرۈپ، مېڭە ماشىنىسىنىڭ ئۇلىنىش ئېغىزىنى كۆچۈرۈپ كىرگۈزگىلى بولىدۇ. ماشىنا چوڭ مېڭىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئېلېكتىر قۇتۇپى سىگنالىغا ئېرىشىپ، يانفون، كومپيۇتېر قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرگە يوللاپ، مېڭە بىلەن ماشىنا ئارىسىدا سانلىق مەلۇماتلارنى دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
ماسك نەق مەيداندا ئىلگىرى Neuranlink ئۈسكۈنىسى كۆچۈرۈلگەن ئۈچ دانە تەجرىبە چوشقىسى ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسەتكەن، نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ چوشقىلارنىڭ چوڭ مېڭە پائالىيىتى سىمسىز يەتكۈزۈش ئارقىلىق يېقىن ئەتراپتىكى كومپيۇتېرغا يەتكۈزۈلگەن، ماسك ئۇلارنىڭ بۇرنىنى سىلىغان چاغدا، تەجرىبە چوشقىسىنىڭ چوڭ مېڭە نېۋرونىدا ئىنكاس بولغان.

微信图片_20200831015851.gif

بۇ مېڭە بىلەن كومپيۇتېرنى تۇتاشتۇرۇش - كۇنۇپكا تاختىسى ۋە مائۇسنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئادەم-ماشىنا دىئالوگ شەكلىنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۇشۇ پېتى تەرەققىي قىلسا كەلگۈسىدە بىر تال ئۈسكۈنىنى كاللىمىزغا ئورنىتىۋېلىپ نېمىنى ئويلىساق شۇ ئېكراندا نامايەن بولىدۇ، كۇنۇپكا، مائۇس، ياكى سىزىمچان ئېكران ئىشلەتمەي تەپەككۇر ئارقىلىقلا ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە بۇيرۇق بېرەلەيمىز دېگەنلىك.
بۇ تېسلا، Space X دىن كېيىنكى ماسكنىڭ يەنە بىر ئۇلۇغ ئىشى.
Zip 2 دىن X. com غىچە، ئاندىن Space X كىچە، ئاندىن تېسلاغىچە ماسكنىڭ ھەر قېتىملىق ئىگىلىك تىكلىشى ئاز ئۇچرايدىغان، كىشىلەر تېگىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان ساھە بولۇپ،  قىيىنلىق دەرىجىسى بەك يۇقىرى، خەتىرى بەك چوڭ.
بولۇپمۇ Space X ۋە تېسلا، Space X نى دۆلەت قاتلىمى كونترول قىلىپ كەلگەن. تېسلانىڭ دۇچ كېلىدىغان ئارقا كۆرۈنۈشى شۇكى، 1925-يىلى ئامېرىكىدا كرىسلېردىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئاپتوموبىل شىركىتى بارلىققا كەلمىگەن، 2000-يىلىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئاپتوموبىل كەسپى كۈنسايىن سۇسلىشىپ، ھېچكىم ئاپتوموبىل كەسپىدە ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلىمىغان ئىدى.
بۇ يىلدىن بۇيان، Space X تۇنجى بولۇپ ئىنسانلارنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىپ ھەم يەر شارىغا ايتۇرۇپ كەلگەن سودا ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە ئايلاندى، تېسلانىڭ پاي باھاسى 2019-يىلىدىن بۇيان جەمئىي %570 ئېشىپ، يەر شارى بويىچە بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسىغا ئايلاندى، ھەتتا خوندا، ھەممىباب، فورد قاتارلىق ئۈچ ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل كارخانىسىمۇ بىر تېسلاغا يېتەلمىدى.
ئۆتكەن ئايدا پىن دودو بىلەن بولغان تالاش-تارتىشمۇ تېسلانىڭ پاي چېكى باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە تەسىر يەتكۈزمىدى، يەككە ئايدا ئۆرلەش نىسبىتى %23 بولغان. 20-ئاۋغۇست تېسلا پاي باھاسى تۇنجى قېتىم 2000 دوللارلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تۆنۈگۈنگىچە تېسلا پاي باھاسى 430 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئەڭ يۇقىرى نۇقتىدا سەل تۆۋەنلىدى، لېكىن يەنىلا 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى سەۋىيەدە توختىدى.
پەقەت يېرىم يىل ئىلگىرى، تېسلانىڭ پاي باھاسى 60 مىليارد دوللار ئەتراپىدا ئىدى، شاڭخەيدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى زاۋۇت قۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، تېسلانىڭ ئەزەلدىن ئەيىبلىنىپ كەلگەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، جۇڭگو بازىرىدا زور تەسىر قوزغىدى. بۇ يىل 1-ئايدا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تېسلا Model 3 نى تاپشۇرۇش مۇراسىمىدا ماسك يەنە نەق مەيداندا ئۇسسۇل ئوينىدى.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلىمىز يېڭى ئېنىرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش مىقدارى ٪44 تۆۋەنلىدى، تېسلا Model 3 نىڭ باھاسى ئۆرلەپ، 6-ئايدا سېتىلىش مىقدارى 2-دىن 6-ئورۇنغا چىققان. بۇ تېسلانى پايدا ئېلىش ۋە نەق پۇل ئوبوروتى جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى. 2020-يىلى 2-پەسىلگە قەدەر، تېسلانىڭ ساپ پايدىسى 104 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئۇدا تۆت پەسىل پايدا ئالغان.

ئەنشىن ئاكسىيەسىنىڭ بىر ئانالىزچىسى مۇنداق دېدى: تېسلانىڭ سودا ئەندىزىسى ئالمىغا توغرىلىنىۋاتىدۇ، كەلگۈسىدە يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتىدىن داۋاملىق ھەق ئېلىش ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا ئەندىزىسىگە ئايلىنىدۇ، تېسلا بىر ئاپتوموبىل كارخانىسى بولۇپلا قالماي، يەنە بىر يۇمشاق دېتال كارخانىسى، تېسلا كەلگۈسىدە ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل ھەيدەپ سىرتقا چىقىش مۇلازىمەت سۇپىسى بولۇپ قالىدۇ.
ماسكنىڭ مول ھوسۇل مەزگىلى ئاخىرى يېتىپ كەلدى، گەرچە كېچىكىپ كەلگەن بولسىمۇ. كىشىلەر ئىشەنمىگەن ئىشلارنى ماسك بىر-بىرلەپ ئەمەلگە ئاشۇرۋاتىدۇ. Space X سودا ئادەملىك ئالەم قاتنىشى تارىخىنى ئۆزگەرتىپ يازدى. تېسلانىڭ تويوتا شىركىتىدىن ئېشىپ دۇنيا بويىچە بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى ئاپتوموبىل كارخانىسىغا ئايلىنىشىغا 16 يىل كەتتى.

1239262543-9.png

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كىشىلەر  ماسك جوبستىن ئېشىپ كېتەلەمدۇ؟ تېسلا كېيىنكى «ئالما» غا ئايلىنامدۇ؟ دېيىشمەكتە.
جوبىس بىلەن ماسك تەتۈر يۆنىلىشلىك يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ۋەكىلى، ئۇلار ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سىزىقسىز يېڭىلىق يارىتىدۇ. بىر كەسىپنى توغرا تېپىپ، ئاندىن ئويۇن قائىدىسىنى قايتىدىن ئورنىتىپ، كەسىپنىڭ تەبىئىي تەدرىجىي تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدۇ. خۇددى گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشىگە ئوخشاش.
iPhone بارلىققا كەلگەن 2007- يىلى دۇنيا يانفون بازىرىنى نوكىيا، موتورولا، سامسۇڭ ۋە LG قاتارلىق تۆت كۈچلۈك كارخانا ئىگىلىگەن. شۇ يىلى نوكىيا 437 مىليون يانفون ساتقان.
ئەمەلىيەتتە، تۇنجى ئەۋلاد iPhone تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئەمەس، پەقەت iOS بىلەن Android سىستېمىسى بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن، بازاردىكى ئاتالمىش« ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون» ھەقىقىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەمەس ئىدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا، جوبىس ئېكراندا سىيرىپلا بەت ئۆرۈپ، تور ئادرېسىنى قوش چەكسىلا تور بەتنى ئاچقىلى بولىدىغان مەشغۇلاتنى كۆرسەتتى، بۇ خىل مەشغۇلاتنىڭ راۋانلىقى كىشىلەرنى ھەقىقىي تۈردە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونغا ئىشەندۈرۈشكە باشلىدى.
شۇڭا، نېگىزىدىن ئېيتقاندا، جوبىسنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئىسلاھ قىلغىنى ئابۇنىتلارنىڭ تەسىراتى بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ ئالتۇن دەۋرى باشلانغان.

iphone-apps-what-how-why-4-728.jpg

ئالمىغا ئوخشاش، تېسلانىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇشى بىر كەسىپنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
ئايفون ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون تارىخىنى باشلاپ 2008-يىلى تېسلا تۇنجى ئاپتوموبىل مەھسۇلاتى Roadster1 نى ئېلان قىلدى، ئەڭ ھەيران قالارلىق يېرى ئۇدا يول يۈرۈش مۇساپىسى ئىدى. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ يۈز كىلومېتىرلىق تېزلىنىشى 3.7 سېكونت، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 200 كىلومېتىر، بىر قېتىملىق توك قاچىلىغاندا مۇساپىسى 350 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئېلىكترىك موتوسكىلىتنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەشتىكى ئاساسلىق توسالغۇ باتارىيە تېخنىكىسىدا ئىدى. Roadster1 يەتتە مىڭ دانىدىن ئارتۇق لېتىيلىق باتارىيەدىن باتارىيە گۇرۇپپىسى ياساش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كۈچلۈك باتارىيە باشقۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق توكلۇق ئاپتۇموبىلنىڭ داۋاملىق يۈرۈش كەمتۈكلۈكىنى ھەل قىلدى، دەل مۇشۇ ئاپتوموبىل تىپى كىشىلەرگە توكلۇق ئاپتۇموبىلنىڭ يېقىلغۇ مايلىق ئاپتوموبىلنىڭ يۈرۈش سەۋىيەسىگە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەگەر Roadster 1 يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ياساش يوچۇقىنى ئاچقان دېيىلسە، ئۇنداقتا تېخىمۇ پىشقان تېسلا Model S نىڭ ئېلان قىلىنىشى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ كاتالىزاتورىغا ئوخشاش، بىر مەيدان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ياساش كەسىپ ئۆزگىرىشىنى قوزغىدى.

model3_quarter_mod2-1.png

2014-يىلى تېسلا دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى Model 3 نى تاپشۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئاپتوموبىل ياساش يېڭى كۈچلىرىنىڭ بازارغا كىرىش ئىشىكىنى ئاچتى. شۇ يىلى 40 ياشلىق لى بىن قايتىدىن ئاتلىنىپ، ۋېي لەينى قۇردى.
بۈگۈنكى كۈندە تېسلانىڭ پۈتكۈل يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بازىرىغا كىرىشى، خۇددى ئەينى چاغدىكى iPhone نىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىغا ئوخشاش، ئىسلاھ قىلغۇچى، شۇنداقلا باشلامچى ھېسابلىنىدۇ. يادرولۇق شەخس ماسك بىلەن جوبىس بىرلىكتە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، دەۋرنى ئۆزگەرتىدىغان مەنىۋى كۈچكە ئايلانغان.
يەنە بىر ئۆلچەم، ماسك بىلەن جوبىسنىڭ خاسلىقىدىكى نۇرغۇن ئورتاق نۇقتىلارمۇ تېسلا بىلەن ئالمىغا بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسەتمەكتە.
« ماسك ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ئادەم، بۇ خىل رىتىمغا نۇرغۇن ئادەم ماسلىشالمايدۇ» دېدى تېسلانىڭ ئىلگىرىكى ئاممىۋى مۇناسىۋەت مۇئاۋىن لىدىرى رىچارد رېيېس. ئۇ 2012-يىلى خىزمەتتىن ئايرىلغان، ئۇنىڭ ئىزباسارىمۇ خىزمەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ ئالتە ئايدىن كېيىن خىزمەتتىن ئايرىلىشنى تاللىغان. ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، ماسك ئىلگىرى پەقەت بىر « ئالاھىدە قىسىم» نىڭ ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى، نورمال ئادەم بولماسلىقىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. تېسلا يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش مۇئاۋىن لېدىرى ئىستىپا بەرگەندە ماسكقا: ئۇ بەك شەپقەتسىز، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالىمايمەن دەپ باھا بەرگەن.
ئەمەلىيەتتە ماسكنىڭ ئۆزىمۇ قارىماققا «نورمال ئادەم» گە ئوخشىمايتتى. ئۇ دائىم ھەر ھەپتىدە 100 سائەتتىن ئارتۇق خىزمەت قىلىدۇ، جىددىي ئەھۋالدا ئۇنىڭ ھەر ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتى ھەتتا 120 سائەتتىن ئېشىپ كېتىدۇ.
جوبىس ئوخشاشلا تەلەپچان، قاتتىق قول. « جوبىسنىڭ تەرجىمىھالى» دا ئالمىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك لايىھە مۇئاۋىن لىدىرى جونى ئايۋى ئۇنىڭ يېتەرسىزلىكىگە مۇنداق باھا بەرگەن: « ئۇنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۇسۇلى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش. مېنىڭچە ئۇ بۇنداق قىلغاندا قىلچە تەپتارتمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەقلىق. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ دائىملىق مىزانى ئۇنىڭغا ماس كەلمەيدۇ».
ئۇنىڭ مىجەزى بەك ناچار، ئۇنىڭ ئۈستىگە كونترول قىلىش ئىستىكى كۈچلۈك. جوبىس بىلەن يىغىن ئاچقان خادىملارنىڭ ئاشكارلىشىچە، مەيلى قاچان، كىم بىلەن، قانچە ئۇزۇن يىغىن ئېچىلسۇن، مەڭگۈ جوبىس سۆز قىلىدىكەن، يىغىن ۋاقتىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن. يىغىن مەزگىلىدە، جوبىس ئۆزى يالغۇز بىر پارچە ئاق تاختىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلىي شەكلىنى سىزىپ قويىدۇ ياكى قول بىلەن بىللە خادىملارغا دەرس ئۆتىدۇ.
بۇ ئۇلارنىڭ تالانتىنىڭ يەنە بىر تەرىپى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئىنسانىي سېھرىي كۈچىنى شەكىللەندۈرگەن. مەيلى ھاكاۋۇر بولسۇن ياكى جاھىل بولسۇن، ئۇلارنىڭ تالانتلىقتەك قارىلىشى ۋە ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىجرا قىلىش كۈچى كەسىپ ئاغدۇرغۇچىسىغا، ئۆز دەۋرىنىڭ مەدەنىيەت بەلگىسىگە ئايلاندى.
نوقۇل قاتتىق دېتال مەھسۇلاتى جوبىسنىڭ مەنىۋى باشلامچى بولۇشىغا يىتەرلىك ئەمەس. جوبىسنىڭ ھەقىقىي ئۇلۇغلۇقى، ئۇنىڭ يانفون كەسپىنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتال ئېكولوگىيەسى ھەمدە مەزمۇن ئېكولوگىيەسىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە قۇرۇشى بولۇپ، ئىلگىرىكى يانفون كارخانىلىرىنىڭ سودا ئەندىزىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.
iOS دەسلەپتىلا يېپىق ھالەتنى تاللىغان، جوبىسنىڭ قارىشىچە، يېپىق ھالەتتە تۇرغاندىلا، قاتتىق دېتال بىلەن تېخىمۇ ماس كېلىدىغان تەسىراتقا ئىگە بولغىلى بولىدىكەن. iPhone دۇنياغا كېلىپ تۆت ئايدىن كېيىن، ئالما يۇمشاق دېتال ئېچىش قورالنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، iPhone ئۈچۈن يۇمشاق دېتال ئاچماقچى بولغان ھەرقانداق كىشىنىڭ ئىشلىتىشىگە تەمىنلەپ بەردى، « iPhone + App Store» نىڭ ئۆزگىچە ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.
يېپىق بولۇشنىڭ بىر چوڭ پايدىسى شۇكى، ئالما شىركىتى ئەپ ئاچقۇچىلارغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتەلەيدۇ، خېرىدارلارنىڭ ھېس قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاچقۇچىلارغا قارىتا تېخىمۇ كۈچلۈك شېرىنكانە، كىرىم قىلىش ئىقتىدارى بار بولدى. « ئېلان + ئەپ ئېچىپ پۇل تېپىش + ھەق تۆلەش يۇمشاق دېتالى» نىڭ تىجارەت كىرىمى ئەندىزىسى ئاندىرويىدنىڭ ئاساسلىقى ئېلان كىرىمىگە تايىنىش ئەندىزىسىگە سېلىشتۇرغاندا ئەۋزەل بولۇپ، ئالما iOS ئېكولوگىيە چەمبىرىكىنىڭ بىر يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى شەكىللەندۈرگەن.
مۇكەممەل ئېكىئولوگىيە يېپىق ھالقىسى ئالمىنى 2 تىرىليون دوللارلىق سودا ئىمپېرىيىسىگە ئايلاندۇردى.
تېسلا كېيىنكى ئالما بولۇپ قالامدۇ؟ بۇ خىل ئېھتىماللىق بەلكىم تېسلا بەرپا قىلىۋاتقان ئېكولوگىيەگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە، تېسلا ئاللىقاچان ئەنئەنىۋى مەنىدىكى ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسى ئەمەس، شۇنداقلا بىر ئاددىي پەن-تېخنىكا شىركىتى ئەمەس. ھازىرقى تېسلا ئالمىنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئىزىنى بويلاپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا تەۋە يۇمشاق دېتال ئېكولوگىيەسى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

v2-5dc097a705a3d8a13d29314bac848c4a_b.jpg

ئاپتوموبىل OTA دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېسلا يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتىنىڭ ھەق ئېلىشتىكى ئۇل تېشى. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئاپتوموبىلنىڭ OTA تېخنىكىسى (over the air بوشلۇقتا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش) ئاپتوموبىلنىڭ يانفونغا ئوخشاش سىستېمىسىنى بوشلۇقتا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
پۈتۈن ئاپتوموبىل OTA ئىقتىدارى ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، تېسلا سىستېما دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئاپتوموبىل ئىقتىدارىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ئەنئەنىۋى 4S دۇكىنىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئاپتوموبىللارنى تاپشۇرغاندىن كېيىنكى تىجارەت ۋە مۇلازىمەتنىمۇ ئۆز قولىدا چىڭ تۇتالايدۇ.
IHS نىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، پەقەت تەننەرخنى تېجەشتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، 2022 يىلى OTA يەر شارى بويىچە ئاپتوموبىل زاۋۇتىغا 35 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تېجەپ بېرىدۇ.
بۇ يىل 6-ئايغىچە، تېسلا OTA نىڭ نەشرىنى 13 قېتىم يېڭىلىدى، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 2019-يىلى 9-ئايدا، تېسلا V10 نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل ۋە سىستېمىنى يېڭىلىدى ھەم تۇنجى قېتىم توردا ئويۇن ئويناش، تېڭشۈن سىن فىلىمى ۋە ئەيچىيى قاتارلىق تاراتقۇ يۇمشاق دېتاللىرىنى كىرگۈزدى.
قارىماققا، تېسلا ماشىنىسى OTA ئالمىنىڭ iOS سىستېمىسىغا ئوخشايدۇ، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، گەرچە تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن بولسىمۇ، پەقەت تەننەرخنى كونترول قىلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ بۇمۇ تەسەۋۋۇر كۈچىگە تولغان.
بۇنىڭدىن باشقا، 2019- يىلى 1- ئايدا، تېسلا تۇنجى قېتىم ئەپ بازىرىنى كىرگۈزۈپ، ئاپتوموبىل ئىگىسىنى App ئارقىلىق مۇلازىمەت سېتىۋېلىشى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ خۇددى ئالمىنىڭ App Store غا ئوخشاپ قالدى.
تېسلانىڭ يەنە ئەڭ ئاخىرقى تەگلىك تاختىسى بار: ئاپتوماتىك ھەيدەش.
ماسىك تېسلانىڭ 2020 -يىلى پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك ھەيدەش ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى ھەم ئاپتوماتىك تاكسى ھەيدەش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

CR-Cars-InlineHero-Tesla-Model-3-Hands-off-6-18.jpg

Auto Pilot سەپلەنگەن شوپۇرسىز يۈرۈشلۈك دېتال بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۆۋەتتە باھاسى 7000 ئامېرىكا دوللىرى، بۇ ئۈسكۈنىنى ئورناتقاندىن كېيىن، تېسلا OTA دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈنلەي شوپۇرسىز ھەيدەش سەۋىيەسىگە يېتىدۇ. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، ئۇ Model 3 نىڭ ئومۇمىي پايدا نىسبىتىنى %30 تىن ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.
بۇ تېسلانى كۆرۈنەرلىك تەسەۋۋۇر بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىدى، ئاپتوموبىل سېتىشتىن يۇمشاق دېتالنى يادرو قىلغان ئالاقە تورى مۇلازىمىتىگىچە، ئاندىن ئاپتوماتىك ھەيدەشكىچە، تېسلا قارىماققا ئالما ماڭغان يولدا ماڭغاندەك كۆرۈنىدۇ. ھازىر ئەسلىدىكى ئاپتوموبىل سودا ئېكولوگىيەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقتا.

1ئادەم ئىنكاس يازدى

قاسساپ ۋاقتى: 2020-8-31 23:48:00
مىڭە ماشىنا ئۇلاش ئېغىزىدا يۇچۇق بولمىسىلا بۇلاتتىغۇ يامان نىيەتلىك كىشىلەر بۇ ئېغىزدىن پايدىلىنىپ شەخسىي ئۇچۇرلارنى ۋە مۇھىم ئاخباراتلارنى ئوغرۇلاپ كەتسە بۇ تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى تۇسالغۇغا ئۇچرايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部