+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-8-29 09:23 1061 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-8-29 09:23  

ئۈندىدارنىڭ ئىقتىدارى ياخشى بولسىمۇ بىر قانچە جەھەتتىن كەينىدە قالغان. بولۇپمۇ قىسقا سىن، بىۋاستە تارقىتىش جەھەتتە دوۋيىن، كۈەيشوۋ، دىڭ دىڭ قاتارلىق دېتاللارنىڭ كەينىدە قالغان. دىڭ دىڭنىڭ بىۋاستە تارقىتىش ئىقتىدارى بەك ياخشى بولۇپ، توردا دەرس ئۆتۈشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. شۇڭا توردا دەرس ئۆتىدىغانلارنىڭ ئالدىنقى تاللىشى بولۇپ قالدى. ئۆيدە ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلار دىڭ دىڭدا دەرس ئاڭلاۋاتىدۇ.
مۇشۇ سەۋەبتىن ئۈندىدارغا توپتا بىۋاستە تارقىتىش «群直播» ئىقتىدارى قوشۇلۇپ ئىچكى سىناق قىلىنىۋاتىدۇ. پات يېقىندا ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلىدۇ.

ئۈندىدارنىڭ توپ بىۋاستە تارقىتىش ئىقتىدارى سۆزلىشىش رامكىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى + بەلگىسىنى باسسا چىقىدىغان بولۇپ، توپ قۇرغۇچى ياكى توپ باشلىقى بىۋاستە تارقىتىشتىن باشقا توپتىكى خالىغان ئەزا بىۋاستە تارقىتىش ئېلىپ بارالايدۇ.

5f48ed07b15ec0315861fff5_1024.jpg

بىۋاستە كۆرسىتىش باشلانغاندىن كېيىن، بىۋاستە كۆرسىتىش ئۇلىنىشى ئاپتۇماتىك ھالدا بىۋاستە كۆرسىتىش توپىغا يوللىنىلىدۇ، باشقا توپ ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلىگىلى بولمايدۇ. بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە، بىۋاستە تارقاتقان ئادەم ۋاقىت ئۇزۇنلۇقى، ئالقىشلىغان ئادەم سانى، كۆرگەن ئادەم سانى، دومىلىما باھا قاتارلىقلارنى ھەر ۋاقىت كۆرەلەيدۇ، ئالدى-كەينى كامېرانى ئۆزئارا ئالماشتۇرالايدۇ، ئۈندىدار ۋىدىيوسىغا ئوخشاش، ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى بۇرجىكىدىكى كىچىكلەشتۈرۈشنى چېكىپ، باشقا پاراڭلىشىش يۈزىنى كۆرەلەيدۇ ھەم داۋاملىق بىۋاسىتە كۆرسىتەلەيدۇ. ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىدە مىكروفون ئۇلاش سىنبەلگىسى بار، ئەزالار مىكروفوننى ئىلتىماس قىلىپ سۆزلىسە بولىدۇ.

5f48ed07b15ec0315861fff8_1024.jpg

توپ ئەزالىرى يەنە كۆپ بىۋاستە تارقىتىش قۇرسا بولىدۇ. يەنى توپتىكى ئون ئادەم بىر بىۋاستە تارقىتىش قىلسا، يەنە بەش ئادەم باشقا بىر بىۋاستە تارقىتىش قۇرسا بولىدۇ. توپ نامى ئاستىدا 「群里共 X 场直播」توپتا مانچە مەيدان بىۋاستە تارقىتىش بار دەپ ئەسكەرتىش چىقىدۇ. ئوخشىمىغان بىۋاستە تارقىتىش ئارا مىكروفون ئۇلاپ ئاۋازلىق سۆزلەشكىلى بولىدۇ. بىۋاستە تارقاتقۇچى قاتناشقۇچىلارنى چىقىرۋېتەلەيدۇ، ئىنكاس يېزىشنى چەكلەپ قويالايدۇ.

5f48ed07b15ec0315861fffa_1024.jpg

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا، ئۈندىدارنىڭ بۇ توپ بىۋاستە تارقىتىش ئىقتىدارى بىۋاستە تارقىتىپ مال سېتىشنى قوللىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن تېڭشۈننىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش كېرەك.
تېڭشۈننىڭ ئايرىم ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، مۇشۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ ئېلان تارقىتىش، سودىنى تەشۋىق قىلىپ كېڭەيتىش، تاۋار (ماددىي بۇيۇم ياكى مەۋھۇم تاۋار) سېتىش ياكى باشقا تىجارەت ئۇچۇرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىشقا بولمايدۇ.

5f48ed07b15ec0315861fffb_1024.jpg

دېمەك، بۇ نۆۋەتتىكى توردا دەرس ئۆتۈش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقىرىغان ئىقتىدار. باشقا بىۋاستە تارقىتىش، قىسقا سىن سۇپىلىرىدەك مۇرەككەپ ئىقتىدارلىرى يوق. سىننى گۈزەللەشتۈرۈش ئىقتىدارى يوق. ئاددىي، قوللىنىشچان.

5f48ed07b15ec0315861fff9_1024.jpg

5f48ed07b15ec0315861fffc_1024.jpg

يۇقىردا دىيىلگەندەك بۇ ئىقتىدار تېخى ئىچكى سىناق باسقۇچىدا، ئاز ساندىكى ئادەملەرگە سىناش ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتتى؛ ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۋالمىغانلار ئۈندىدارنىڭ يېڭىلىنىپ بۇ ئىقتىدارنىڭ رەسمىي ئېچىلىشنى ساقلايمىز.
ئۈندىدار بوتكىسى، سىنقالىغا ماۋۇ بىۋاستە تارقىتىش ئىقتىدارى قوشۇلسا باشقا ئەپلەرگە قارىغاندا رىقابەت كۈچى يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部