+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-8-27 11:30 1213 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يول باشلاش خەرىتىسى كۆپچىلىككە ناتونۇش ئەمەس. لېكىن كىشىلەر ئىشلەتكەن ۋاقىتتا بەلگىلىك چۈشىنىشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بولۇپمۇ بەزى مۇرەككەپ ئاچا يول ئېغىزلىرىنى چۈشىنىشكە ئۇزۇنراق ۋاقىت كېتىدۇ، خەرتىنى چۈشىنىش نەچچە سېكۇنت كىچىكسىمۇ يۇقىرى سۈرئەتتە مېڭىش جەريانىدا ھالقىلىق يول ئېغىزلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشى مۇمكىن.

گاۋدې خەرىتىسى يېقىندا V10.60 يېڭى نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى، بۇ نەشىرى يانفوننى AR يول باشلاش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدۇ، ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ بىۋاسىتە لىنىيە، يۆنىلىش ۋە ئاپتوموبىل يولى دەرىجىلىك ھەقىقىي مەنزىرە يول باشلاش ئىقتىدارىنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ئىقتىدار نۆۋەتتە بىر قىسىم ئاندىرويىد يانفونلىرىنى قوللايدىغان بولۇپ، iPhone نۇسخىسى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا تورغا چىقىرىلىدىكەن.

8272708924004746609.jpg

بەزى كىشىلەر ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە، خەرىتە ئارقىلىق يول باشلىغۇچى بولغان تەقدىردىمۇ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتە يول ئېغىزىنى خاتا تونۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا باغلىما يولنى قولدىن بېرىپ قويۇشى ياكى قايسى ۋاقىتتا يول ئۆزگەرتىشنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. 2D ئېلېكتىرونلۇق خەرىتىنى «چۈشىنەلمەيدىغان» كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، AR يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ پەيدا بولۇشى بىر ياخشى ئىش.

گاۋدې AR يول باشلاش ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ھەمدە كەسپىي قاتناش چوڭ سانلىق مەلۇماتى ۋە ئاپتوموبىل يولى دەرىجىلىك يول باشلاش موتورىنىڭ ياردىمىدە، سۈرەتكە ئېلىنغان رېئال يول كۆرۈنۈشىدە، ھەر ۋاقىت بىۋاسىتە كۆرگىلى بولىدىغان 3D يول باشلاش كۆرسەتمىسىنى نامايان قىلىپ، شوپۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى 2D ئېلېكتىرونلۇق خەرىتە كۈرۈش، چۈشىنىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يۆنىلىش ئۆزگەرتىش، ئاچا يول ئېغىزى، ئاپتوموبىل يولىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق كۆپ خىل ھالقىلىق ۋاقىتتا تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ توغرا ھەرىكەت تەدبىرى قوللىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

16361418453171979470.png

يېڭى شوپۇر دائىم دۇچ كېلىدىغان لىنىيە ئۆزگەرتىش، ماشىنا يانداش مەسىلىسىنى مىسالغا ئالساق، گاۋدې AR يول باشلاش سىستېمىسى يول باشلاش پىلانى، نۆۋەتتىكى ئورۇننى بەلگىلەش، ئاپتوموبىل سۈرئىتى، يول ئەھۋالى قاتارلىق ھەرىكەتچان تىنچ ھالەتتىكى سانلىق مەلۇمات ۋە ئاپتوموبىل يولىنىڭ سۈرىتىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھالدا مۇۋاپىق پەيتتە يۆنىلىش ئۆزگەرتىش ئەسكەرتمىسى بېرىدۇ، ئىشلەتكۈچىلەر بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئىسترېلكىغا ئەگىشىپ ماڭسىلا بولىدۇ.

3182343601259916683.png

بۇنىڭدىن سىرت، گاۋدې AR يول باشلاش سىستېمىسى يەنە ئۆتۈۋاتقان ئاپتوموبىل، پىيادىلەر، ئاپتوموبىل يولى لىنىيەسى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش چىرىغى قاتارلىق ئەتراپتىكى مۇھىتقا قارىتا ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۈرەت پەرقلەندۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، شوپۇرلارنى ئالدى تەرەپتىكى ئاپتوموبىل ئارىلىقىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، سوقۇلۇپ كېتىشتىن سىگنال بېرىش، پىيادىلەردىن ئاگاھلاندۇرۇش، ئاپتوموبىل يولىدىن چەتنەپ كېتىش ئەسكەرتمىسى، ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنى قوزغىتىش ئەسكەرتمىسى، قىزىل، يېشىل چىراغ ئەسكەرتمىسى قاتارلىق بىر قاتار ھەيدەش بىخەتەرلىكى ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئېكراندا ئەسكەرتكەندىن باشقا ئاۋازلىق ئەسكەرتىش بېرىدۇ.

10282344906934238360.png

بۇ خىل ئىقتىدارنى قوللايدىغان يانفوندا قوللايدىغان يانفوندا، گاۋدې خەرىتىسىنى 10.60 نەشرىگە كۆتۈرۈپ، يول باشلاش ھالىتىدە « AR يول باشلاش سىستېمىسى AR导航 » نى چېكىپ كىرىپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

11076440297928304440.png

ئىشلەتكەندە، گاۋدې AR يول باشلاش سىستېمىسى بىلەن ئەنئەنىۋى خەرىتە يول باشلاش سىستېمىسى يان تېلېفون ئېكرانىدا بىرلا ۋاقىتتا ئوڭ ۋە سول تەرەپكە ئايرىلىپ، شوپۇرنىڭ كۆرۈشى ۋە تېز چۈشىنىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر AR يول باشلاش سىستېمىسىنى ئىشلىتىشنى خالىمىسا، بىر كۇنۇپكا بىلەن كىلاسسىك يول باشلاش ئەندىزىسىگە ئالماشتۇرسىمۇ بولىدۇ.

16744686092567732706.png

AR يول باشلاش سىستېمىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا، يانفوننىڭ كامېراسى ئالدىنى ياخشى كۆرەلەيدىغان، كۆرۈش دائىرىسى بىر قەدەر ياخشى جايغا مۇقىملاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. يانفون كامېراسىنى داۋاملىق ئېچىپ توك سەرپ قىلىشقا توغرا كەلگەنلىكتىن، ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلغان زەرەتلىگۈچنى ئۇلاپ ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇنىڭدىن باشقا، AR تېخنىكىسىنىڭ ھېسابلاش مىقدارى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، يانفون ئىقتىدارى قانچە يۇقىرى بولسا ئىشلىتىش تەسىراتى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.
دېمەك، يانفون يېڭىلىغانلار كونا يانفوننى مۇشۇنداق يول باشلىغۇچ قىلىۋالسا بولىدۇ.

3-تەرەپ ئاپپاراتى QuestMobile نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 6-ئايغىچە، گاۋدې خەرىتىسىنىڭ ئايلىق ئاكتىپ ئابۇنىچىلىرى 530 مىليوندىن ئېشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ كۆچمە سەپەرگە چىقىش سۇپىسى بولغان ھەمدە پۈتۈن تور بويىچە 5-ئورۇندا تۇرغان.

بۇ يەرنى چەكسىڭىز AR نىڭ نېمىلىكى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولىسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部