+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-8-27 11:30 719 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-8-27 11:18  

شياۋمى يوۋپىن ئاۋام غەملەش سۇپىسىغا Amazfit X ئەگرى يۈزلۈك ئېكرانلىق قول سائىتى چىقىرىلدى.
بۇ مەھسۇلاتقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاقىغىلى بولىدىغان ئۈسكۈنىلەردە ئاز ئۇچرايدىغان ئەگرى ئېكران لايىھەسى قوللىنىلغان، ئۇنىڭغا 2.07 ديۇملۇق 3Dلىق ئەۋرىشىم AMOLED ئەگرى يۈزلۈك ئېكران ئورنىتىلغان، گەۋدىسىگە تىتان بىرىكمە ماتېرىيالى ئىشلىتىلگەن، يوشۇرۇن ھالەتتىكى بېسىم كۇنۇپكىسى سەپلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۈرەك رىتىمى، قاندىكى ئوكسىگېننى ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈپ، بەدەن ساغلاملىقىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى ئىگىلىيەلەيدىكەن.

20200503172640.jpg

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،  ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاقىغىلى بولىدىغان ئۈسكۈنىلەر تەدرىجىي ئومۇملىشىشقا باشلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلىدىغىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىلەيزۈك. ئەنئەنىۋى قول سائىتىگە ئوخشىمايدىغىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاقايدىغان ئۈسكۈنىلەر ھەرىكەتنى ئۆلچەش، يۈرەك رىتىمى قاتارلىق ئىقتىدارلاردىن باشقا، تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە كۆپ پەرق يوق، كۆپىنچىسى ئالما سائىتىدىن «ئۈلگە» ئالغان.

ChMkKV9E4x2IHY02AADAlXUjCkMAABcYAPWNO0AAMCt202.jpg

Amazfit X سائىتىنىڭ لايىھەسى ئۆزگىچە. كەلگۈسى پەن-تېخنىكا تۇيغۇسى كۈچلۈك.  ئەۋرىشىم ئېكرانى  %100 NTSC رەڭ دائىرىسىنى قوللايدۇ، پىكسېل زىچلىقى 326 ppi غا يېتىدۇ، كۆرسىتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى. ئەگرى يۈزلۈك ئېكران ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاقىغىلى بولىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ كۆرسىتىش چېكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇزۇپ تاشلاپ، كۆرسىتىش رايونىنى ئىككى ئۇچىدىكى ئەگرى يۈزگىچە ئۇزارتىپ، كۆرسىتىش يۈزىنى تېخىمۇ چوڭ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى نامايان قىلىدۇ.
بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتىگە سىزىقلىق ماتور ۋە بېسىم سېزىمى كۇنۇپكىسى قوشۇلغان بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئەمەلىي گەۋدە كۇنۇپكىسىنىڭ ئورنىنى ئالغان، يەنە ئەگرى لىتىي باتارېيەسى سەپلەنگەن، توكى ئۇدا يەتتە يېتىدۇ.

16676_wp-contentuploads202004amazfit-x-1280x720.jpeg

AmazfitX ئەگرى يۈزلۈك ئېكران قول سائىتىگە پۈتۈنلەي يېڭى ئاپتوماتىك ئوپتىك سېنزورى سەپلەنگەن بولۇپ، يۈرەك رىتىمى، قاندىكى ئوكسىگىن ۋە شەخسىي ساغلاملىقنى باھالاش سىستېمىسى PAI بىئولوگىيىلىك ماتورى سانلىق مەلۇماتىنى توپلىيالايدۇ. 24 سائەت ئىچىدە يۈرەك رىتىمى زىيادە يۇقىرى بولۇش، دالانچە تىترەش قاتارلىق يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرگىلى بولۇپلا قالماستىن، قاندىكى ئوكسىگېن كۆرسەتكۈچىنى ئۆلچەپ، بەدەن ئۆزگىرىشىنى ئىگىلەپ، ساغلاملىقنى باھالىغىلى بولىدۇ.

5f462342b15ec0721c3f8e97_1024.jpg

بۇ سائەتنىڭ ئەسلى باھاسى 1999 يۈەن بولۇپ، شياۋمى يوۋپىن ئاۋام غەملەش سۇپىسىغا 999 يۈەن دەپ چىقىرىپتۇ، يەنى ھازىر زاكاس قىلسا يېرىم باھادا ئالغىلى بولىدىكەن. ھازىر زاكاس قىلىپ قويسا مالنى بۇ يىل 10-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن ئەۋەتىدىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部