+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-8-24 10:45 732 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-8-24 10:45  

مىلياردېر ئېلون ماسكنىڭ SpaceX شىركىتى مىڭلىغان كىچىك سۈنئىي ھەمراھلاردىن تۈزۈلگەن Starlink سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلدى، بۇ سىستېما يەرگە يېقىن ئوربىتىدا Internet بىلەن تۇتىشىدۇ.
شۇ يەر ۋاقتى 18-ئاۋغۇست SpaceX شىركىتى كاناۋېرال تۇمشۇقى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن قارغىچا 9-نومۇرلۇق راكېتانى قويۇپ بېرىپ، 11-تۈركۈمدە Starlink سىستېمىسنىڭ يەنە 58 سۈنئىي ھەمراھنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقاردى.
بۇ SpaceX سۈنئىي ھەمراھنى 2019- يىلىدىن بۇيان 11- قېتىم قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى. بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئوربىتىغا كىرگەن سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئومۇمىي سانى 653 كە يەتتى، ئەگەر 2018-يىلى قويۇپ بېرىلگەن ئىككى ئەسلىي تىپتىكى سۈنئىي ھەمراھنى ئۆز ئىچىگە ئالسا، ئوربىتىغا كىرگەن سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئومۇمىي سانى 655 كە يەتتى.
2015-يىلى 1-ئايدا SpaceX  سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە تورى مۇلازىمەت پىلانىنى ئېلان قىلدى، بۇ تۈرگە «يۇلتۇزلار زەنجىرى» Starlink دەپ نام بېرىلدى. SpaceX تەخمىنەن 12 مىڭ ئالاقە سۈنئىي ھەمراھىنى ئوربىتىغا قويۇپ بېرىپ، يەر شارىدىكى ئابۇنىتلارنى كەڭ بەلباغلىق ئالاقە تورى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىدى. بۇ شىركەت تەستىققا ئېرىشكەن 12 مىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن باشقا يەنە 30 مىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى.
Starlink نىڭ ئارتۇقچىلىقى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا Internet بىلەن ئۇلاش ئىقتىدارىنى تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ. لېكىن، ئەڭ چوڭ مەسىلە شۇكى، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ سۈرئىتى ۋە كېچىكىشى  ئېھتىياجنى قاندۇرالامدۇ-يوق، مەسىلەن، دېڭىز-ئوكيانلاردا توردا كىنو كۆرۈش دېگەندەك.

d4caf0259723bbb9d3a88ade87ad6cc7.jpg

Starlink سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ يەر يۈزىدىكى ئىنتېرنېت تېزلىكى قانچىلىك؟
يېقىندا Speedtest بۇ يۇلتۇزلار زەنجىرى تورىنىڭ تور سۈرئىتىنى تەكشۈرۈپ، نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ نەتىجە Starlink نىڭ تور سۈرئىتىنىڭ ئوپتىك تالالىق كابېلدىن ئاستا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

سىناش نەتىجىسىدە Starlink سىستېمىسىنىڭ ئوتتۇرىچە چۈشۈرۈش سۈرئىتى 30Mbps، ئەڭ يۇقىرى چۈشۈرۈش تېزلىكى 60Mbps بولغان، يوللاشنىڭ ئوتتۇرىچە تېزلىكى 10Mbps ئەتراپىدا بولغان.

afd58e537a2b56d2ef30727a2745e2dd.jpg

تور ئۇلىنىشنىڭ كېچىكىش ۋاقتىمۇ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىش. Speedtestt نەتىجىسىدە، Starlink نىڭ تور ئۇلىنىش ۋاقتى تەخمىنەن 31-94 مىللىسېكۇنت كېچىككەن. بۇ كېچىكىش ۋاقتى ئوپتىك تالا تور سۈرئىتىدىن سەل يۇقىرى، لېكىن بەك ئېغىر ئەمەس. ئەلۋەتتە، بۇ ئاخىرقى نەتىجە ئەمەس، چۈنكى Starlink پەقەت سىناق باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ.
بۇ تېزلىكتە توردا كىنو كۆرۈشتە مەسىلە يوق. ئەمما يۇقىرى تېزلىك تەلەپ قىلىدىغان تور ئويۇنىغا سەل ئاستا كېلىپ قالىدۇ.

fb84c86fb4a3e1151c82147bff125607.jpg

2016-يىلى SpaceX ئامېرىكا FCC غا Starlink نىڭ سۈرئىتىنى 1Gbps غا يەتكۈزدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پىلاندىكى سۈنئىي ھەمراھنىڭ ھەممىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىپ ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بولغاندا تور سۈرئىتىنى داۋاملىق تېزلىتىشى مۇمكىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部