+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-8-21 09:01 1525 قېتىم كۆرۈلدى 4 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-8-21 09:01  

ئالدىنقى ئايدا سىناق قىلىنغان ئۈندىدار بوتكىسى (微信小商店)  تۆنۈگۈندىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلدى. سىناق جەريانىدا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ ئىلتىماس قىلىشنى قوللىغانىدى، ھازىر شەخسلەرمۇ ئىلتىماس قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۈندىدار بوتكىسىنى ئاچالايدۇ.
دۇكاننىڭ كىچىكىنى بوتكا دەيدىغان بولغاچقا 小商店 نى بوتكا دەپ ئاتاپ تۇردۇق.
微信图片_20200821022046.jpg
ئۈندىدارنىڭ ئىزدەش رامكىسىغا «小商店助手» دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەتسىلا ئۈندىدار بوتكىسىنى ئېچىش رامكىسى ئېچىلىدۇ. ئاندىن بوتكا ئېچىشنى ئىلتىماس قىلالايمىز، كارخانا، يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ ئىلتىماسى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تولۇقلاش ئۈچۈن جەريانى نىسبەتەن ئۇزۇنراق بولىدۇ، لېكىن شەخسىي ئىلتىماس قىلىشتا پەقەت ئەسكەرتمىگە ئاساسەن، كىملىك، تېلېفون نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تولدۇرسىلا نەرسە سېتىشنى باشلىغىلى بولىدۇ . بانكا كارتىسىنى باغلىغاندىن كېيىن ساتقان مالنىڭ پۇلىنى بانكا كارتىسىغا چىقىرالايدۇ.
ئۈندىدار بوتكىسى (微信小商店) ئۈندىدار ئەپچىسىنىڭ بىر ئىقتىدارى بولۇپ، كىشىلەردىن پروگرامما، ئەپچە ياساشنى تەلەپ قىلمايدۇ. پەقەت ئىلتىماس قىلىپ ئاچتۇرسىلا خالىغان ئادەم ئۈندىداردا دۇكان ئېچىپ مال كىرگۈزۈپ، مال ساتالايدۇ. خۇددى تاۋباۋدا دۇكان ئاچقاندەك.

微信截图_20200821014923.jpg

微信图片_20200821014938.jpg

微信图片_20200821015005.jpg

ئۈندىدار بوتكىسىدا تىزىملاتقان كارخانا (شىركەتلەر) ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 بوتكا ئېچىشنى قوللايدۇ، يەككە تىجارەتچىلەر ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش دۇكان ئاچالايدۇ، شەخىس نامىدا ئاچسا بىر ئۈندىدار نومۇرىدا پەقەت بىرلا بوتكىنى تىزىملىتالايدۇ.

ئۈندىدار بوتكىسىنىڭ باشقۇرۇش بېتىدىن ئاساسلىق تاۋارلارنى ئېلان قىلىش، سودا جەريانى، زاكاز باشقۇرۇش، مەبلەغ راسچوتى، سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىق ھالقىلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇلار بىر قەدەر ئېنىق ئايرىلغان.

ھازىر ئۈندىدار بوتكىسىدا سېتىشنى قوللايدىغان تاۋار تۈرلىرى ناھايىتى تولۇق بولۇپ، ئەرمەك ھايۋانلار مەھسۇلاتى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يانفون، كىيىم-كېچەك، ئىچ كىيىم قاتارلىق 1500 دىن ئارتۇق تاۋار تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۆز ماركىسى، ۋاكالەتچىلىك ماركىسى ۋە ماركىسىز دېگەندەك ئۈچ خىل تۈرنى ئېچىشقا بولىدۇ.

666-1.png

سودىگەرلەر ئۈندىدار بوتكىسىدا مال ساتسا مۇلازىمەت ھەققى ۋە پۇلنى كارتىغا چىقىرىش مۇلازىمەت ھەققى ئالمايدۇ، پەقەت ھەر بىر سودىدىن زاكاز سوممىسىنىڭ %0.6 ىنى  رەسمىيەت ھەققى تۆلەيدۇ، دۇكان ئېچىش تەننەرقى يوق دېيەرلىك.
شەخسىي سودىگەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر ياخشى ئىش. تور سودا سۇپىسى ياكى سودا ئۈندىدار ئەپچىسى قۇرىمەن دەپ ئايرىم سىستېما ياسىتىشنىڭ، مۇلازىمىتىر سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئىلتىماس قىلىپ ئېچىپ، مال كىرگۈزۈپ، خېرىدارلارغا زاكاس قىلغان مالنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بەرسىلا بولىدۇ.
تېز سۈرئەت + ھەقسىز بولۇش ئۈندىدار بوتكىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى.

ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا باشقىلار سىزنىڭ ئۈندىداردىكى دۇكىنىڭىزنى كۆرەلەيدۇ؟

89566.png

ئۈندىدار كىچىك دۇكانغا بىۋاستە كىرىش ئېغىزى تەسىس قىلمىدى. شۇڭا دۇكىنىڭىزنى كېڭەيتمەكچى بولسىڭىز، خېرىدارلار ئۈندىداردىن دۇكان ئىسمىڭىزنى ئىزدەپ، دۇكىنىڭىزنىڭ ئەپچىسىنى تېپىشى كېرەك. ياكى بولمىسا سالونلارغا ئېلان بىرىش ياكى چەمبىرەككە دۇكاننى ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق تەشۋىق قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەڭ قولايلىق بولغىنى دۇكاننىڭ ئىككىلىك كودى ئارقىلىق سىكاننېرلاپ دۇكانغا كىرگىلى بولىدۇ.

WechatIMG104.jpeg

مال سېتىش جەھەتتە ئۈندىدار بوتكىسىدا «ئېتىبار بېلىتى» ، «بەلگىلەنگەن تاۋار» قاتارلىق ئىقتىدارلار بار بولۇپ، ئېتىبار بىلىتى تارقىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
يەنە نۆۋەتتە ئەڭ قىزىۋاتقان بىۋاستە كۆرسىتىپ مال سېتىش «直播带货» نىمۇ قوللايدۇ.

568.png

ئۈندىدار ئىگە تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن ئۈندىدار بوتكىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلىرى ئېچىۋېتىلىپ، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئۇلىنىشى بىلەن تەمىنلەپ، ئورتاق ئىقتىدار ۋە مۇلازىمەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىكەن.

98986.png

ئۈندىدار بوتكىسى كېيىنكى قەدەمدە پاراڭلىشىش رامكىسى، ئۈندىدار توپىدا ھەمبەھرلەنگەندىن باشقا يەنە، دوستلار چەمبىرىكىدە ھەمبەھرلەشنى قوللايدۇ، بۇنىڭدىن يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
بىراق كۆلەملەشكەن چوڭ تىپتىكى سودىگەرلەر، مۇكەممەل ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۆمىكى ماركىسى بار، مال تۈرى كۆپ چوڭ مىكرو سودىگەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، نۆۋەتتە ئۈندىدار بوتكىسىنىڭ ئەۋزەللىكى ئانچە چوڭ ئەمەس.

4ئادەم ئىنكاس يازدى

热情 ۋاقتى: 2020-8-21 10:55:34
بوتكا دېگەن خەت, كىچىك چاغالاردىكى كىچىك تىپتىكى دۇكانلارنى ئەسلىتىپ.
nurahmat ۋاقتى: 2020-8-22 10:29:14
热情 يوللىغان ۋاقتى  2020-8-21 10:55
بوتكا دېگەن خەت, كىچىك چاغالاردىكى كىچىك تىپتىكى دۇكان ...

ساۋۇر بوتكا دېگەندەكمۇ
知心人 ۋاقتى: 2020-8-23 09:32:07
مال كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ؟ سېتىپ چىقىرىش ئۇسۇلى دېگەندەكلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن بولساڭلار . تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن .
بارى ۋاقتى: 2020-8-30 01:54:31
مەنمۇ بىرنى قۇرۋالدىم  مەخسۇس كۆزئاسراش كۆزئەينەكلىرى سېتىلىدۇ،  بوتكامنى كۆرۈپ چىكىتەرسىلەر
mmexport1598091288251.jpg
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部