+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-8-20 10:03 982 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
2018-يىل 3-ئايدىن كېيىن قۇرۇلغان سالونلاردا ئىنكاس ئىقتىدارىنى ئېچىلمايدىغان قىلىۋەتكەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن قۇرۇلغان سالونلارنىڭ بارتى. شۇ سەۋەبتىن بۇرۇن قۇرۋېلىپ، ئىنكاس ئىقتىدارى ئۇچۇق سالونلارنى ئېلىپ-ساتىدىغان سودا ئىنتايىن قىزىپ كەتكەن.
ئۈندىدار ئىگە تەرەپ تۆنۈگۈن سالون يازمىسى ئىچىدە سوئال-جاۋاب ئىقتىدارىنى ئىچكى سىناق قىلىشقا باشلىدى. ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالغان سالون ئىگىسى سۇئال-جاۋاپ قىستۇرمىسىنى ئاچقۇزسا بولىدۇ، ھەمدە سالون يازمىسىغا قىستۇرۇپ قويسا بولىدۇ. سالوننىڭ سۆز قالدۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن ئوخشايدۇ.

v2-3a98e71125c92e187d7c64bacf090362_1200x500.jpg

بۇ ئىقتىدار ئاپتورنىڭ بەلگىلەنگەن مەسىلىگە قارىتا ئوقۇرمەنلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، سالون باشقۇرغۇچى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئەزالار بىۋاسىتە جاۋاب قايتۇرىدۇ، جاۋابنى سالون باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن كۆرۈنىدۇ.
ئۈندىداردىكى بىر يازمىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر سوئال-جاۋاب قوشۇشقا بولىدۇ، لېكىن بىر سوئال-جاۋابنى ئوخشاش بولمىغان يازمىلارغا تەكرار قىستۇرۇشقا بولىدۇ، كۆپ قېتىم مۇھاكىمە قىلىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر بىر جاۋاپنىڭ خەت سانى 600 خەت ئىچىدە چەكلىنىدۇ.

ئۈندىدار تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سوئال-جاۋاب ئىقتىدارى نۆۋەتتە ئىچكى سىناق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئاز ساندىكى سالونلارغا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتتى، كېيىن ئەلا سۈپەتلىك سالونلارغا تەدرىجىي ئېچىۋېتىلىدۇ.
سوئال-جاۋاب ئىقتىدارىنى قايسى تۈردىكى سالونلارنى قوللايدۇ؟
مۇلازىمەت نومۇرى(服务号)، مۇشتەرى نومۇرى (订阅号) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سوئال-جاۋاب ئىقتىدارىنى قوللايدۇ، نۆۋەتتە سوئال-جاۋاب ئىقتىدارى ئىچكى سىناق ھالەتتە، بىر ئاي ئىچىدە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلمىغان سالونلار مۇشۇ ئىقتىدارنى ئېچىش ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۋېلىشى مۇمكىن.

20200819_163106_74.jpg

سوئال-جاۋابنى قانداق قوشىمىز؟
قوشۇش ئېغىزى يېزىق تەھرىرلىگۈچنىڭ چوققا قىسمىدىكى قورال ئىستونىغا قوشۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ئىقتىدار سىناق ھالەتتە بولۇپ، سىناققا قاتناشقان سالونلار بېكەت ئىچىدىكى ئۇقتۇرۇشىدىن تەپسىلىي ئەھۋالنى بىلەلەيدۇ.

سوئال-جاۋاب ئىقتىدارى ئېچىلىپ قالسا قانداق ئىشلىتىدۇ؟
سوئال-جاۋاب قىستۇرمىسى ئارقىلىق، ئاپتور بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، يازما تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئوقۇرمەنلەر سورالغان مەسىلىگە جاۋاب بەرسە بولىدۇ. ئاپتور سۇئال-جاۋاب باشقۇرۇش بېتى ئارقىلىق جاۋاپنى تەستىقلايدۇ، چوققىلايدۇ ياكى جاۋاب قايتۇرالايدۇ، تەستىقلانغاندىن كېيىنكى جاۋابنى باشقا ئوقۇرمەنلەر كۆرەلەيدۇ.

سوئال-جاۋابنى ھەمبەھىرلىگىلى بولامدۇ؟
ۋاقتىنچە ئايرىم ھەمبەھىرلىگىلى بولمايدۇ، يازما بىلەن بىرگە ھەمبەھىرلىسە بولىدۇ.

سوئال-جاۋابنىڭ ئورنى مۇقىممۇ؟
سوئال-جاۋابنى يازمىنىڭ خالىغان ئورنىغا قىستۇرۇپ، ماقالىنىڭ مەزمۇنى بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.

گەرچە سوئال-جاۋاب ئىقتىدارى بىلەن ئىنكاس ئىقتىدارى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن سۆز قالدۇرۇش ئىقتىدارى يوق سالون ئىگىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ زور خۇشاللىق ھېسابلىنىدۇ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئۆز-ئارا پىكىرلىشەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلىتىش جەھەتتە ئاساسەن پەرق يوق.

2ئادەم ئىنكاس يازدى

alkut ۋاقتى: 2020-8-26 23:42:33
قەيەردىن ئاچىدۇ سىز دېگەن شۇ ئىقتىدارى   مەن پەقەت تاپالمىدىم مېنىڭ سالونىمنىڭ سۆز قالدۇرۇش ئىقتىدارى ئېچىلمايۋاتىدۇ ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部