+تېما يوللاش
sewr0998 يوللانغان ۋاقتى:2020-8-17 09:12 1184 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-8-17 09:32  

ئۆزەك لايىھەلەش بوسۇغۇسى


ئۆزەك توك يولىنى لايىھەلەشتە، بىر خىل EDA يۇمشاق دېتالىدىن (Electronic design automation) ئايرىلالمايدۇ. ئۆزەك لايىھەلەش ساھەسىدە، بۇ خىل يۇمشاق دېتالنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ لايىـھەلىگەن توك يولىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە ياردەم بېرىش بولۇپ، بۇ خىل تەكشۈرۈش يەنى تېخى دەل ۋاقتىدا بولىدۇ.

30.jpg

تور ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، خۇاۋېي شىركىتى ئۈچ زاۋۇتنىڭ EDA يۇمشاق دېتالىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم Cadence، Mentor، Synopsys ئىكەن. بۇ ئۈچ زاۋۇتنىڭ يەر شارىدىكى EDA بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %95كە يېتىپ، مۇتلەق مونوپول ئورۇندا تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئۈچ شىركەتنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا شىركىتى.

31.jpg

بۇ ئۈچ زاۋۇت بۇلتۇر 9-ئايدىلا خۇاۋېي شىركىتىنى يۇمشاق دېتال بىلەن تەمىنلەشتىن توختاتقان. بۇ نۆۋەتتىكى نەشىردىكى EDA يۇمشاق دېتالىنىڭ ھوقۇق بېرىلگەن ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىلا، خۇاۋېي ئۆزەك لايىھەلەشكە ئامالسىز قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. نېمە ئۈچۈن EDA يۇمشاق دېتالى شۇنچە مۇھىم، خۇاۋېي باشقا EDA يۇمشاق دېتالىنى تاپالمامدۇ؟

EDA يۇمشاق دېتالىنىڭ مۇھىملىقىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ، ھازىرقى زامان ئۆزەك لايىھەسى نەچچە مىليارد دەرىجىلىك ئاساسىي بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يۇمشاق دېتال ئىشلەتمىسە تاماملىغىلى بولمايدۇ.

ئۇنداقتا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن EDA يۇمشاق دېتالىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق؟ دۆلىتىمىزدە 1993-يىلى تۇنجى مۈشۈكئېيىق EDA يۇمشاق دېتالى بارلىققا كەلگەن، لېكىن ئېلىمىزنىڭ مۈشۈكئېيىق EDA يۇمشاق دېتالى رەسمىي دۇنياغا كەلگەندە، ئامېرىكىدىكى ئۈچ EDA يۇمشاق دېتال شىركىتى جۇڭگوغا كېلىپ ئۆزىنىڭ دېتاللىرىغا  ھوقۇق بېرىشكە باشلىغان، باھا ئۇرۇشى ئەۋزەللىكى ئاستىدا، مۈشۈكئېيىق سىستېمىسى دۇنياغا كېلىپ، بۆشۈكىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن.

32.jpg

ھازىرقى باسقۇچتا دۆلىتىمىزدىكى بەزى كارخانىلار EDA ساھەسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلدى، ھەتتا بەزى ئىنچىكە ئايرىلغان ساھەلەردىمۇ يامان ئەمەس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەگەر بىر چوڭ ھەم تولۇق يۇمشاق دېتال لازىم بولسا، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى كارخانىلار ياساپ بولالمايدۇ.

33.jpg

ئۇنىڭدىن باشقا، EDA يۇمشاق دېتالى ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت سودىگىرى بىلەن زىچ ماسلىشىشى كېرەك، مەسىلەن، EDA زاۋۇت سودىگەرلىرى تەيجىدىيەنگە ئوخشاش ۋاكالەتچى زاۋۇتلارغا EDA يۇمشاق دېتالى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ بېرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغىنى ۋاكالەتچى زاۋۇتلارنىڭ ئۆزەكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىشى. بۇنداق بولغاندا ئەڭ ئىلغار ئۆزەك ياساش جەريانىدىكى ھەر قايسى تېخنىكىلىق پارامېتىرلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخنىكا ئىتېراتسىيەسى ناھايىتى تېز بولغاچقا، بۇ EDA يۇمشاق دېتاللىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئامبارلارنىڭ يېڭىلىنىشىمۇ ناھايىتى كۆپ بولىدۇ، بۇ ئامبارلار بولمىسا EDA يۇمشاق دېتالىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ تۈردىكى EDA يۇمشاق دېتالى ئەگەر ئۆزەكنىڭ ئىچىدىكى توك يولىنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىيالمىسا، ياكى سىز مەن تونۇمايدىغان EDA يۇمشاق دېتالىنىڭ دەلىللەش نەتىجىسىنى ئېلىپ بېرىپ، بىزنى ئىشلەپچىقىرىشقا بۇيرىسىڭىز، ۋاكالىتەن ئۆزەك ياساش زاۋۇتى سىزگە ئۆزەك ئىشلەپ بەرمەيدۇ. چۈنكى ئۆزەك لايىھەلەنگەندىن كېيىن سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، ئەمما بىر خانىلىق نانومېتىر دەرىجىسىدىكى سىناق ئۆزەكنىڭ تەننەرخى 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ، مۇبادا سىناق ئۆزەك مەغلۇپ بولسا، بۇ 10 مىلىيون دوللار پۇل سۇغا چىلىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جەرياندا سەرپ بولغان ۋاقىتنى ھېسابلىغىلى بولمايدۇ.

34.jpg

شۇڭا ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەردىن باشقا، تېخنولوگىيەنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ياخشى بولماسلىقىمۇ خۇاۋېي دۇچ كەلگەن غايەت زور خىرىس. نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆزەككە بولغان ئېھتىياج ئاللىقاچان 7nm، 5nm باسقۇچىغا يەتتى، لېكىن دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن EDA يۇمشاق دېتالىنىڭ قوللاش تېخنولوگىيەسى يەنىلا 28nmدا توختاپ قالدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن EDA يۇمشاق دېتالىنىڭ رىقابەت كۈچى خېلىلا ئاجىز.

ھەمدە EDA يۇمشاق دېتالى ھەل بولغان تەقدىردىمۇ، بۇيرۇق توپلىمىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىر مەسىلە. نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا ئىككى چوڭ ئاساسىي ئېقىم بۇيرۇق توپلىمى بار: ARM ۋە X86.

بۇيرۇق توپلىمى ماشىنا خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىدىغان كۆرسەتمە ۋە بۇيرۇقنى كۆرسىتىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بۇيرۇق توپلىمىنى CPUنىڭ مەشغۇلات قوللانمىسى ياكى چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ، ئىشلەتكۈچىلەر چۈشەندۈرۈلۈشى بويىچە مەھسۇلاتنى مەشغۇلات قىلىدۇ، CPU  بۇيرۇق توپلىمىغا ئاساسەن مۇناسىپ ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

35.jpg

نۆۋەتتە خۇاۋېي ئىشلەتكەن ARM بۇيرۇقلىرى ئەنگلىيەنىڭ ARM شىركىتىدىن كەلگەن، لېكىن بۇلتۇر ARM شىركىتى ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىسىنى ئىشلەتتى دەپ قارالغاچقا، خۇاۋېي بىلەن بولغان كەسپىي ئالاقىنى توختاتقان. گەرچە ھازىرغا قەدەر بەزى خەۋەرلەردە خۇاۋېي ئىلگىرى سېتىۋالغان ARM v8 قۇرۇلمىسى مەڭگۈلۈك ھوقۇق بېرىلگەن دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ARM شىركىتى ARM v9 قۇرۇلمىسىنى چىقىرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇ چاغدا خۇاۋېي  v8 گە تايىنىپ  نەشىرى ئۆرلىگەن v9 بىلەن ئېتىشالامدۇ؟ بۇ پۈتۈنلەي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس!

36.jpg

بۇ يىل 8-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى جۇڭگو ئۇچۇرلاشتۇرۇش 100 كىشىلىك جەمئىيىتىنىڭ 2020-يىللىق باشلىقلار يىغىنىدا، خۇاۋېي ئىستېمالچىلار كەسپىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى يۈ چېڭدۇڭ، ئامېرىكىنىڭ جازالىشى بىلەن خۇاۋېي يەر شارى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان چىلىن يۈرۈشلۈك ئۆزىكىنى 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن كېيىن ياسىيالمايدىغانلىقىنى، بۇ بىر ئەۋلاد چىلىن 9000دا توختايدىغانلىقىنى ئېيتتى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، خۇاۋېي Mate 40 بىز سېتىۋالالايدىغان ئەڭ ئاخىرقى خۇاۋېينىڭ بايراقدار ئۆزىكى سەپلەنگەن يانفون.

37.jpg

بۇنىڭدىن باشقا، ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشقا يەنە نۇرغۇن ئىلغار ماتېرىياللار كېتىدۇ، بۇ ماتېرىياللارنىڭ كۆپ قىسمىنى ياپونىيە كارخانىلىرى مونوپول قىلىۋالىدۇ، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ھەممىگە ئايان.

38.jpg

يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، خۇاۋېي ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆزەكنىڭ پۈتۈن يۈرۈشلۈك تەرتىپىنى ھەل قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن چوڭ. قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. ئۆزى ئۆزەك ئىشلەپ چىقىرالىغان تەقدىردىمۇ، ھالقىلىق ئۈسكۈنە، EDA يۇمشاق دېتالى، ماتېرىيال قاتارلىق ساھەلەردىمۇ بويۇن قىسىشى مۇمكىن.


خۇاۋېي ئۆزەك كەسىپىدە قەدەمنى قانداق ئېلىشى كېرەك؟


شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، كۆپچىلىك شۇنى بايقىدىكى، خۇاۋېي ئۆزىكىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى خۇاۋېي بىر شىركەتنىڭ مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى ئېلىمىزنىڭ ئۆزەك كەسپىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى: ئېلىمىزنىڭ ئۆزەك كەسپى يەنىلا تەرەققىياتنى ئارقىدىن قوغلاش باسقۇچىدا تۇرماقتا، تولۇقلاشقا تېگىشلىك نۇرغۇن كەمتۈكلۈك بار، بۇ قالاق ھالەتنىڭ ئارقىسىدا، ئەمەلىيەتتە تېخنىكا قالاق، ئىختىساسلىقلار كەمچىل، كەسىپ تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق قاتارلىق سىستېمىلىق مەسىلىلەر بار.

ئۆزەك كەسپى يەنە بىر غايەت زور كەسىپ زەنجىرى بولۇپ، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان شىركەت بۇنىڭغا قاتنىشىدۇ، كۆپچىلىك چوقۇم زىچ ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئاندىن ئۆزەك ياساپ چىقالايدۇ. دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ASML، تەيجىدىيەن، سامسۇڭ، كۇۋالكوم قاتارلىق زاۋۇتلار يۇقىرى، تۆۋەن ئېقىننىڭ ياردىمىگە تايانغاندىلا ئاندىن ھايات كەچۈرەلەيدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئامېرىكا چوقۇم پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى قوغدايدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ياپونىيە تىپىك مىسالى، ئەينى يىلى ياپونىيەنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسپى تازا ئەۋجىگە چىقتى، ھەتتا ئامېرىكىدىن ئېشىپ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ دۆلىتىگە ئايلاندى، IBM، ئىنتېل، AMD، موتورولا قاتارلىق شىركەتلەرنى يانپاشقا ئېلىپ ئاتتى، ھەتتا بىر قىسىم كارخانىلار ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى، لېكىن ئامېرىكىنىڭ قاتتىق زەربىسى ئاستىدا قايتا باش كۆتۈرەلمىدى. لېكىن، كېيىن يەنىلا يوچۇقتىن بىر چىقىش يولى تېپىپ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچكە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىڭ مونوپوللۇق ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈردى.

شۇڭا ھەقىقىي قەد كۆتۈرۈش ئۈچۈن، باشقىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، پۈتكۈل كەسىپ زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەمدە بۇ جەرياندا كۆپلىگەن ئەۋزەل مونوپول ساھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

خۇاۋېي جۇڭگونىڭ ئۆزەك كەسپىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ بىر كارتىنىسى.

ئۆزەك كەسپى كۈچلۈكلەر زومىگەرلىك تالىشىدىغان ساھە، ئەمەلىي كۈچ پۇت تېرەپ تۇرۇشنىڭ ئاساسى، گەرچە بىز ھازىر نۇرغۇن ساھەلەردە ئارقىدا قالغان بولساقمۇ، لېكىن زىيادە ئۈمىدسىزلىنىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى ئۆزەك ساھەسىدە خۇاۋېيغا ئوخشاش جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان نۇرغۇن شىركەتلەر ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ.

بىز مۇتلەق ئاجىز ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بىر تۈركۈم شىركەتلەر ئىنچىكە ئايرىلغان ساھەلەردە ئېگىزلىكنى ئىگىلەپ بولدى، يەنە بىر تۈركۈم شىركەتلەر باشقا ساھەلەردىكى تاغ چوققىلىرىغا ھۇجۇم قوزغىدى.

39.jpg

بىز غايەت زور ئىچكى ئېھتىياج بازىرىغا، مۇكەممەل ياسىمىچىلىق تەمىنلەش زەنجىرىگە ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇستەھكەم كەسىپ سىياسىتىگە ئىگە، شۇنى ئالدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆزەك كەسپىنىڭ خەلقئارا ئېگىزلىكنى ئىگىلىشى پەقەت بىر ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ، ئورۇندىغىلى بولمايدىغان مەسىلە ئەمەس.

مەنبە: ئۇزلۇق سالونى

1ئادەم ئىنكاس يازدى

Sebiybeg ۋاقتى: 2020-8-17 13:57:10
خۇش ئۇنداقتا خۇۋاىي بىر مەزگىل يۇقۇرى سەپلىمىلىك يانفون ئىشلەشتىن توختاپ قالامدۇ؟
مىنىڭچە ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن !
يەنە ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى سامسۇڭ بىلەن ھەم كارلىشىپ قىلىشى مۇمكىن!
ئەلۋەتتە بۇ بىر پەرەزدە ئەمدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部