+تېما يوللاش
Sebiybeg يوللانغان ۋاقتى:2020-8-17 03:37 724 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
SamFirm-Tool-1.png

ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار !
بۈگۈن سىلەر بىلەن سامسۇڭ يانفونلىرى ئورگان سىستېمىسىنى چۈشۈرۈش قۇرالى بولغان SamFirm بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز...بۇ سىستېما چۈشۈرۈش قورالىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاندىرويىد بىلىملىرى يوللىنىدىغان « xda- ئاچقۇچىلار » تورىدىن « zxz0O0 » ئىسىملىك تورداش ياساپ چىققان بولۇپ، ھەقسىز تارقىتىلغان. مەخسۇس سامسۇڭ يانفونلىرىنىڭ ئورگان سىستېمىسىنى چۈشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.

ھازىر بۇ قورالنىڭ « xda- ئاچقۇچىلار » تورى مەخسۇس چۈشۈرۈش سۇپىسىدا « SamFirm_v0.3.6.zip » نەشرى ئېلان قىلىندى.
  
ئەلۋەتتە يەنە دۆلىتىمىزدىكى ئۇستىلارمۇ بوش كەلمەي بۇ قورالنىڭ دۆلەت تىلىدىكى نۇسخىسىنى ياساپ « SamFirm三星固件下载器 v0.4.1 汉化版 » نەشرىنى ئېلان قىلىپ بولدى.

يەنە ئىزچىل ئاندىرويىد يانفون دېتاللىرى ۋە سىستېما يېزىش قوراللىرىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، يوللاپ تۇرىدىغان مەنبە تور بېكىتى، بۇ قۇرال ئۈچۈن مەخسۇس يېڭى سەھىپە ئاچقان بولۇپ، ئۇلار ھازىر بۇ قورالنىڭ « SamFirm v0.5.0 » نەشرىنى ئېلان قىلغان.

خۇش بۇ قورالنىڭ مۇشۇنداق كۆپ تۈرلىرى بولسىمۇ لېكىن قىلىدىغان ئىشى ۋە خۇسۇسىيەت ئوخشاش بىرلا ، ئۇ بولسىمۇ سامسۇڭ يانفونلىرىنىڭ ئورگان سىستېمىسىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇنداق بولسا بىز بۇ قورالنىڭ ھۆسنى جامالىدىن بىر كۆرۈنۈش كۆرەيلۇق :

http___i57.tinypic.com_14aj4pi.png

مانا مۇشۇنداغراق بىر ئاداش بۇ ، لېكىن قىلىدىغان ئىشى خىلى يامان ئەمەس .
ئەمدى بۇ بۇرادەر بىلەنمۇ تونۇشۇپ چىققانمۇ بولدۇق ، ئەمدى بۇ ئاداشنى قانداق ئىشلىتىمىز بۇ ھەقتە ئازراق توختىلايلى...
ۋوي چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تەمىنلىمەپتىمەن، بىر خاپا بولماڭلار...

مەزكۇر قورالنىڭ ئىككى خىل نۇسخىسى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى يەنى دۆلەت تىلى نۇسخىسىدىكى ۋە ئىنگلىز تىلى نۇسخىدىكى
چۈشۈرۈش مەنزىلى : https://sebiybeg.lanzous.com/b01hlvrve 密码:eh4j

ئەلۋەتتە بۇ قۇرالنى نورمال ئىشلىتىش ئۈچۈن « NET Framework 3.5 » نى قاچىلاش تەلەپ قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىمۇ بىرگە قوشۇپ يوللاپ قويدۇم، بىرگە چۈشۈرۈۋالغايسىز...

خۇش ئەمىسە باشلاپ كەتتۇق...
ئەلۋەتتە بۇ قۇرالنى چۈشۈرۈپلا ، پىرېستىن يېشىپ « SamFirm.exe » چېكىپ قوزغىتىمىز.

77.png

ئاندىن ئۆزىمىزگە كېرەك بولغان يانفوننىڭ تىپ نومۇرى ۋە تەۋەلىك كودىنى كىرگۈزۈپ، بىر نەچچە تاللاش تۈرىگە توغرا بەلگە قۇيىمىز.
تەڭشەش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ

022816.png


ئەمدى ماۋۇ يەردە رايون تەۋەلىك كودى دېگەن بىر گەپ چىققان بولدىغۇ، بۇنى نەدىن تاپا دېگۈچىلەر ئۈچۈن ، يەنىلا مەن دەپ بېرەي، ئادەتتە دۆلىتىمىزگە ئىشلەنگەن يانفونلارنىڭ تەۋەلىك كودى ئاساسەن «  CTC يەنى تېلگىراف نۇسخىسىدىكى يانفونلرنىڭ CTC بولىدۇ، CHC بۇ بولسا ئاساسەن كۆچمە ۋە بىرلەشمە دېگەندەك بولىدۇ، يەنە بىرسى TGY بۇ شياڭگاڭ نۇسخىسىدىكى سىستېما بولۇپ، بۇنى چۈشۈرمەسلىكىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى شياڭگاڭ نۇسخىسىدا گۇگۇلنىڭ ئەپلىرى ھەممىسى چىقىدۇ، يەنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ئەپلەرنىڭ ھەممىسى دېمەكچى » مانا ئۈچ خىل بولۇپ ، مۇشۇ كودلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. ئەگەردە يانفونىڭىز باشقا دۆلەتكە ئىشلەپ بېرىلگەن يانفون بولسا « https://www.cnroms.com/ » تورىغا كىرىپ يانفونىڭىزنىڭ تىپ نورىنى تىپىڭدە كەينىدىكى « 区域 يەنى رايون
» تۈرىدىكى كودنى كىرگۈزۈپ چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ .


ئاندىن check update چېكىمىز، ئەگەر بىز چۈشۈرمەكچى بولغان سىستېمىنى نورمال تېپىپ چۈشۈرۈش ھالىتىگە كەلگەن بولسا Download دېگەننى چېكىپ چۈشۈرۈشنى باشلىساق بولىدۇ. ئەگەردە ئۇنداق بولماي ئاستىدىكىدەك خاتالىق ئەسكەرتمىسى بەرگەن بولسا.  

7023343.png

ئابايا مەن سىلەرگە دەپ ئۆتكەن « NET Framework 3.5 » نى قاچىلايمىز. ھەمدە قايتىدىن check update چېكىمىز، ئەمدى قانداق ئۆزگىرىش بولدى؟

817023640.png

خۇش ئەمدى  Download دېگەننى چېكىپ چۈشۈرۈشنى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ.
چۈشۈرۈش سۈرىتى خىلىلا تىز بولۇپ، سىز باشقا تور بېكەتلەردىن ئىزدەپ تېپىپ چۈشۈرۈپ قىلىپ بولغۇچە ، ماۋۇ ئاداش چۈشۈرۈپ بولغان بولىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: بۇ قۇرال سامسۇڭ يانفونلىرىنىڭ ئورگان سىستېمىسى يەنى ئەڭ يېڭى نەشرىنى چۈشۈرۈپ بىرىدۇ، ئەگەر سىزگە بۇرۇنقى نەشرىدىكى سىستېمىلار كېرەك بولسا ، ئىزدەش تورلىرى ئارقىلىق ئىزدەپ چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.

ئەلۋەتتە يەنە 100% ئىش بولمىغاندەك بۇ قۇرالدىمۇ ئاز بىر قىسىم يانفونلارنىڭ سىستېمىسى بولماسلىقى مۇمكىن، ئەگەر تاپالمايۋاتقان بولسىڭىز، بىۋاسىتە مېنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئەھۋالغا قاراپ ھەقسىز ۋە ھەقلىق ياردەمدە بولىمەن . گەپ يۈزدە ياخشى شۇڭا ئالدىن دەۋاتىمەن ھا ھا ھا ...!

ئالاقە : 577723081

ok  سىزگە ئامەت تىلەيمەن ...!

ئەلۋەتتە مەن يازغان تېمىلار ماس قەدەمدە « يانچۇق تېخنىكا ئۇچۇر » سۇپىسىغا يوللىنىدىغان بولۇپ تورداشلارنىڭ قوشۇۋېلىشىنى سورايمەن.

qrcode_for_gh_022527153f97_258.jpg




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部