+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-8-13 12:12 1028 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
شياۋمى 10 يىللىق خاتىرە نۇسخىسىغا ئالاھىدە چاستوتىلىق كۇۋالكوم 865 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، ئەن تۇتۇنىڭ نومۇر قويىشىدا 689 مىڭ نومۇرغا ئېرىشىپ، ھازىر ئەڭ يۇقىرى نومۇر قويۇلغان يانفون بولۇپ قالغان، ئىلگىرى كۇۋالكوم +865 سەپلەنگەن ليەنشياڭ قۇتقازغۇچى ئويۇن يانفونى 640 مىڭ نومۇرغا ئېرىشكەن.
ئۇنداقتا يانفونىڭ باشقا ئىقتىدارىنى كۆزدە تۇتمىغاندا مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ دەرىجىسى قانداق؟ئەن تۇتۇ 2020-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى (ئالمىدىن باشقا) يانفونلارنىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىقتىدار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ تىزىملىكتە پەقەت كۇۋالكوم، لىيەنفاكى، خۇاۋېينىڭلا بار. بۇنىڭدىن قارىغاندا لىيەنفاكې بىر تەرەپ قىلغۇچى باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان.

cb82f33691bb421a90f93e98b1f3ec97.jpg

1. كۇۋالكوم 865، ئېرىشكەن نومۇرى 400 مىڭ

كۇۋالكوم 865 كە 5G ئاساسىي بەلباغ توپلاشتۇرۇلمىغان، ئۇ بىر خىل نوقۇل بىر تەرەپ قىلغۇچ، 5G ئاساسىي بەلبېغى سەۋەبىدىن قىزىپ كېتىشنى ئويلاشمىسىمۇ بولىدۇ، CPU ۋە GPU دىن ئىبارەت ئىككى سانلىق مەلۇماتتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۇۋالكوم ئۆزى تەتقىق قىلغان Adreno 650 GPU نىڭ ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، نومۇرى مۇقىم ھالدا ARM G76 ۋە G77 دىن ئېشىپ كەتكەن، ئويۇندىكى ئىپادىسىمۇ ئەڭ ياخشى بولغان. CPU غا تىيەنجى 1000Plus قا ئوخشاش ARM A77 رامكىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، تېخنولوگىيەلىك ياساش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئىككىنچى ئورۇندىكى تىيەنجى 1000Plus بىلەن بولغان پەرق چوڭايتىلغان.
كۇۋالكوم 865 ھەقىقەتەن ئاندرويدتىكى ئەڭ كۈچلۈك مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئەگەر تېخىمۇ كۈچلۈك دېيىلسە، ئۇ بولسىمۇ چاستوتىسى ئاشۇرۇلغان كۇۋالكوم 865. (شىياۋمى 10 خاتىرە نۇسخىسىغا مۇشۇنداق چاستوتىسى ئاشۇرۇلغىنى سەپلەنگەن ئوخشايدۇ)

2. تىيەنجى 1000Plus، ئېرىشكەن نومۇرى 340 مىڭ

a6b3bdf75650426f8a73745a39a9304a.jpg

تىيەنجى 1000Plus نى vivo Z1 تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەن، بۇ يانفون ئەنتۇتۇدا +530 مىڭ نومۇرغا ئېرىشكەن، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنى يالغۇز ئۆلچىگەندە +340 مىڭ نومۇرغا ئېرىشكەن بولۇپ، كۇۋالكوم +855 ۋە چىلىن 990 ئېشىپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. بىراق لىيەنفاكې ئۆزىكى يۇقىرى نومۇر ئالغان بىلەن ئۈنۈمى تۆۋەن بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۆزەكتىن ئايرىلىپ تەتقىق قىلىش بەك ئۇزۇن بولۇش، تېخنىكا جۇغلانمىسى ۋە تەجرىبە يېتەرسىز بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تىيەنجى 1000Plus نىڭ ئەمىلىي كۈچى ئالغان نومۇرىدەك ئەمەلىي كۈچىنى جارى قىلدۇرالمىغان، ھەتتا خۇاۋېينىڭ چىلىن 990 غا يەتمىگەن، ھەر خىل مەسىللەر چىقىپ تۇرغان. ئەمما زاۋۇتنىڭ ئۆزلۈكسىز ياخشىلىشى، بۇندىن كېيىنكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىشى بىلەن لىيەنفاكې ئۆزىكى بارغانسېرى ياخشىلىنىدىكەن.
Redmi K30 يانفونىغا مۇشۇ ئۆزەك سەپلەنگەن.

9205ab5b931a444a9f47e850e1b81196.jpg

3. كۇۋاكوم +855، ئېرىشكەن نومۇرى 320 مىڭ
4. خۇاۋېي چىلىن 990 5G ، ئېرىشكەن نومۇرى 300 مىڭ
5. كۇۋاكوم 855، ئېرىشكەن نومۇرى 300 مىڭ
سىناپدىراگون +855  ئۆتكەنىڭ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلدا بازارغا سالغان بىر تەرەپ قىلغۇچ، شۇنداقلا كۇۋالكومنىڭ 855 نىڭ ئالاھىدە چاستوتىلىق نۇسخىسى، نومۇر پەرقى 20 مىڭ بولۇپ، ئەپسۇس بۇ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ 5G نى قوللىمايدۇ، پات ئارىدا بازاردىن شاللىنىپ كېتىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە بۇ ئۆزەك سەپلەنگەن يانفوننىڭ باھاسى 2000 يۈەنگە چۈشتى، ئىقتىدار-باھا نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى.

6. خۇاۋېي چىلىن 990 ، ئېرىشكەن نومۇرى 300 مىڭ

b7344de29fad4e47ad498c398d456ff8.jpg

خۇاۋېي چىلىن 990 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ 7 نانومىتېرلىق تېخنىكا ئىشلىتىلگەن، قوش يادرولۇق CPU ئىشلىتىلگەن بولۇپ، چاستوتىسى 2.86GHz چىقىدۇ.
ئەمما، خۇاۋېي چەكلەشكە ئۇچىرىغانلىقتىن بۇ بىر تەرەپ قىلغۇچ مۇددەتىن بۇرۇن «پىنسىيەگە» چىقىدىغاندەك قىلىدۇ. 8-ئاينىڭ 7-كۈنى، يۈ چېڭدۇڭ ئاشكارا ھالدا خۇاۋېينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆزىكى چىلىننىڭ مال ئۈزلۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئۆزەك لايىھەلەش شىركىتى مانا مۇشۇنداق ۋەيران بولىدىغان بولدى.
9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، تەيجىدىيەن خۇاۋېيغا ۋاكالىتەن بىر تەرەپ قىلغۇچ ياسىمايدۇ، شۇڭا چىلىن 9000 سەپلەنگەن Mate 40 خۇاۋېينىڭ ئەڭ نادىر بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلەنگەن مەھسۇلاتى بولۇپ قالىدۇ.

f8c4575e3d8346388e9976c4e746aa95.jpg

6372df0765b243eb9f33af61d3c60893.jpg

7. تىيەنجى 1000L، ئېرىشكەن نومۇرى 290 مىڭ
8. چىلىن 980، ئېرىشكەن نومۇرى 250 مىڭ
9. چىلىن 985 ، ئېرىشكەن نومۇرى 250 مىڭ
10. تىيەنجى 820
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部