+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-8-11 09:36 674 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يېقىندا «مىكروسوفت جۇڭگونى Windows ۋە باشقا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدۇ» دېگەندەك خەۋەر تارقىلىپ مۇنازىرە قوزغىدى.
بۇنىڭغا مىكروسوفت مۇلازىمەت كېلىشىمىنى يېڭىلىغانلىقى سەۋەب بولغان. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مىكروسوفتقا چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرسە، مىكروسوفت Windows مۇلازىمىتىنى داۋاملىق قوللىماسلىقى مۇمكىن ھەمدە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ھەرقانداق ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، پەقەت ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇنىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىدۇ.

بۇ خەۋەرگە قارىتا تۆنۈگۈن مىكروسوفت شىركىتى شىنلاڭ پەن-تېخنىكا شىركىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، يېقىندا بەزى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىنىڭ مىكروسوفتنىڭ مۇلازىمەت ماددىلىرىنى يەر شارى خاراكتېرلىك يېڭىلىدى دېگەن پىتنە-پاساتلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، بىزنىڭ جۇڭگو ئابونتلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋەدىمىز قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، دېدى.

c76b5ab93b0482c9fe274e305f54274b.jpg

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يېڭىلاش كېلىشىمىنىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، كۈچكە ئىگە ۋاقتى 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىكەن. بىر قىسىم تاراتقۇلار « مىكروسوفتنىڭ يېڭى باياناتى» نى نەقىل كەلتۈرۈپ: « ئەگەر جۇڭگونى Windows بىلەن تەمىنلەشنى توختاتساق مەسئۇل بولمايمىز» دېدى دەپ خەۋەر تارقاتتى.

شىنلاڭ پەن-تېخنىكىسىنىڭ مىكروسوفت ئورگان تەرەپتىن بايقىشىچە، مىكروسوفت مۇلازىمەت كېلىشىمىدىكى مەسئۇلىيەتنى چەكلەش تۈرى ئىچىدە، ھەقىقەتەن «مىكروسوفت مۇۋاپىق كونترول قىلىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن ئەھۋاللار (مەسىلەن، خىزمەتچىلەر بىلەن كارخانا ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرا، تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ، ئۇرۇش ياكى ئاپەت، يامان غەرەزدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، تاسادىپىي ھادىسىلەر ياكى تەتبىقلىنىدىغان ھەر قانداق قانۇن ياكى ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىغا رىئايە قىلىش) سەۋەبىدىن، مىكروسوفت ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالمىسا ياكى كېچىكتۈرسە، مىكروسوفت بۇنىڭغا قارىتا ھەر قانداق مەسئۇلىيەت ياكى مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. مىكروسوفت بۇ ۋەقەلەرنىڭ تەسىرىنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە تەسىرگە ئۇچرىمىغان مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ» دېگەن ماددا بار.
بۇنىڭدىن باشقا، مىكروسوفتنىڭ بۇ قېتىم يېڭىلىغان مۇلازىمەت كېلىشىمىدە 14 تۈرلۈك يېڭى مەزمۇن بار، لېكىن كۆپىنچىسى ئالاقىدار كەسىپ لىنىيەسى مەزمۇنى نىزامىنى بولۇپ، « Windows مۇلازىمىتىنى توختىتىش» دېگەندەك بايانلار يوق.
بۇنداق كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىشلارنىڭ مەسئۇلىيىتى باشقا ھەر قانداق توختام، كېلىشىمدە ئېنىق يېزىلىدۇ.
شۇڭا، ئاتالمىش« مىكروسوفت ئالاھىدە مۇلازىمەت كېلىشىمىنى يېڭىلاش ئارقىلىق جۇڭگونى تەمىنلەشنى رەت قىلدى» دېگەن قاراش خاتا. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ ئىشلىتىش كېلىشىمى مىكروسوفتقا ئوخشاش بولۇپ، دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا رىئايە قىلىدۇ.

ئەگەر مىكروسوفت راستلا مۇلازىمەتنى «توختاتسا» قانداق تەسىرى بولىدۇ؟
ئەگەر كەلگۈسىدە ئامېرىكا مىكروسوفتقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ جۇڭگونى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىنى چەكلىسە، قانداق تەسىر پەيدا قىلىدۇ؟

بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، بەزى تورداشلار كۆپچىلىك بەك قورقۇپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ ماقالە ئېلان قىلغان، چۈنكى مىكروسوفتنىڭ جۇڭگونى «تەمىنلەشتىن توختىتىش» نىڭ تەسىرى ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ.
مىكروسوفتنىڭ كىرىم قۇرۇلمىسى ئاساسلىقى ئاممىۋى بۇلۇت Azure ۋە  Office قا مۇناسىۋەتلىك بۇلۇت مۇلازىمىتى ھەمدە Windows مەھسۇلاتلىرى ئىكەن. ئەگەر مىكروسوفت «تەمىنلەشتىن توختىسا» ئاممىۋى بۇلۇت Azure ئۈزۈل-كېسىل تاقىلىدۇ، لېكىن Azure جۇڭگودا ئاساسلىق تەمىنلىگۈچى سودىگەر بولمىغاچقا، تەسىرى ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، Office ۋە Windows «ھەقسىز ئوغرى نەشىر» دەۋرىگە قايتىپ كېلىدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەرگە بولغان تەسىرى تېخىمۇ كىچىك بولىدۇ.
Azure بۇلۇت مۇلازىمىتى جۇڭگودا كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ. گەرچە 2014-يىلىدىن باشلاپ Azure رەسمىي ھالدا جۇڭگوغا كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق ئالى يۈن، تېڭشۈن يۈن قاتارلىق يەرلىك بۇلۇت مۇلازىمىتىنىڭ رەقىبى بولالمىدى.
لېكىن، مىكروسوفت Windows ۋە Office مەھسۇلاتلىرى جۇڭگودا ئاساسىي ئېقىم بولۇپ قالدى.
2020-يىلى 5-ئايدىكى بىر پارچە بەيدۇ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودىكى Windows 10 سىستېمىسىنىڭ بازار ئۈلۈشى %33 كە يەتكەن، Windows 7 سىستېمىسىنىڭ بازار ئۈلۈشى %48.24 بولغان. يەنى Windows10 ۋە Windows7 جەمئىي %80 تىن ئارتۇق بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلەيدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، مىكروسوفتنىڭ ئىشخانا يۇمشاق دېتالى Office يۈرۈشلۈكى جۇڭگودىمۇ ئوخشاشلا ئاساسلىق بازارنى ئىگىلىگەن، 2019-يىلى office365 كە مۇشتەرى بولغان كارخانا 166 مىليونغا، شەخسىي مۇشتەرى بولغان ئابۇنىت تەخمىنەن 34 مىليون 800 مىڭغا يەتكەن ھەم سىجىل ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن.
شۇڭا مىكروسوفت جۇڭگونى «تەمىنلەشتىن توختىسا» تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغىنى Windows يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى ۋە Office يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەتكۈچىلىرى. ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر ھەقىقىي Windows ۋە Office مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئىلگىرىكى«ھەقسىز ئوغرى نەشر» دەۋرىگە قايتىپ كېلىشى مۇمكىن.
2019-يىلى ئامېرىكا خۇاۋېينى «ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكى» گە كىرگۈزگەچكە، خۇاۋېي بىر مەزگىل ئۆزى ئىشلەپچىقارغان خاتىرە كومپيۇتېرغا Windows سىستېمىسىنى ئالدىن قاچىلاشقا ئامالسىز قالغان، پەقەت ئوچۇق مەنبەلىك Linux سىستېمىسىنىلا قاچىلىغان. لېكىن ئىشلەتكۈچىلەر سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۆزى Windows سىستېمىسىنى قاچىلىسا بولىدۇ، شۇڭا شەخسكە نىسبەتەن تەسىرى چوڭ بولمايدۇ.

4501-ixreehn5610535.jpg

لېكىن، مىكروسوفت ئەگەر «جۇڭگونى تەمىنلەشتىن توختاتسا»، ئەڭ چوڭ زەربىگە ئۇچرىغىنى كارخانا بولىدۇ.
ئىلگىرى مىكروسوفتنىڭ ئوغرىلىقچە نەشر قىلىشقا زەربە بېرىش ۋاسىتىسى ئاساسلىقى كارخانا دەرىجىلىك خېرىدارلارغا قارىتىلغان ئىدى، چۈنكى بۇ خىل خېرىدارلار توپىنىڭ كۆلىمى چوڭ بولۇپ، ھوقۇقىنى قوغداش تەننەرخى ئادەتتىكى شەخسلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ تۆۋەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەخسنىڭ ئوغرى نەشرنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇشى مىكروسوفت شىركىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر خىل «مەھسۇلاتنى تەشۋىق قىلىش» ئۇسۇلى بولۇپ، ئابونتلارنىڭ ئوغرى نەشر بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇشقا رازىكى، رىقابەتچىلەرنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىشنى خالىمايدۇ.
شۇڭا، كارخانا خېرىدارلىرى ھەقىقى نەشىردىكى Windows مەھسۇلاتلىرى، Office مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئەگەر ئوغرى نەشىرىنى ئىشلەتسە مىكروسوفتنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ. شەخىسلەر بىلەن جېق كارى يوق.
ئەگەر مىكروسوفت Office يۈرۈشلۈك ئىشخانا يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلەتكىلى بولمىسا، كارخانا خېرىدارلىرى باشقا سەپلىمە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ، مەسىلەن، جىنشەن WPS يۇمشاق دېتالى؛ مەشغۇلات سىستېمىسى جەھەتتە، ئۇچۇق مەنبەلىك Linux سىستېمىسىنى ياكى ئالما مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

بەزى دۆلەتلەر باشقا مەشغۇلات سىستېمىسىغا يۈرۈش قىلدى.
ئەمەلىيەتتە مىكروسوفتنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى جەھەتتىكى «مونوپوللۇق» غا قارىتا، ھەرقايسى دۆلەتلەر سەپلىمە لايىھە ئۈستىدە ئىزدەندى.
كورېيە ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت ۋە جامائەت ئاپپاراتلىرىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى Linux ئاساسىدىكى ئوچۇق مەنبەلىك مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئالماشتۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 2026- يىلى تاماملىنىدىكەن.
2020- يىلى 5- ئايدا، گېرمانىيە مىيۇنخېن Windows سىستېمىسىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، تەدرىجىي ھالدا Linux نى ئىشلىتىشكە باشلىدى.
2018-يىلىدىكى رۇسىيە «خەۋەرلەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بارلىق ئىشخانا كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان Astra Linux سىستېمىسىغا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلغان.
ئەگەر مىكروسوفت جۇڭگونى «تەمىنلەشتىن توختاتسا»، ھەقىقەتەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلىدۇ، لېكىن بۇمۇ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق پۇرسەت. پەقەت تېزدىن ئۆز ئالدىغا مەشغۇلات قىلىش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلغاندىلا، ئاندىن باشقىلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچرىمايدۇ.
شۇڭا، سودا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مىكروسوفتنىڭ جۇڭگونى «تەمىنلەشتىن توختىتىش» ئېھتىماللىقى ئانچە چوڭ ئەمەس. نېمىلا دېگەن بىلەن پايدىسى زور بازاردىن ۋاز كېچىش ئاقىلانە تاللاش ئەمەس.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部