+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-8-10 12:04 685 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەقىلىي ئىقتىدارلىق يانفون بارلىققا كېلىپ تەرەققىي قىلغان 10 نەچچە يىلدىن بۇيان بەزى كەسىپلەرنى شاللىۋەتتى، بەزى كەسىپلەرنى نىمجان ھالەتكە ئەكىلىپ قويدى.

1. گېزىت.
بۇرۇن بىزنىڭ نېمىگە تايىنىپ ئۇچۇرغا ئېرىشكەنلىكىمىز ئېسىڭىزدە بارمۇ؟ ئەلۋەتتە گېزىت، رادىيو ۋە تېلېۋىزوردىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تاراتقۇغا تايىناتتۇق. ھازىر يانفون گېزىتنى بىر تەرەپ قىلىۋەتتى. بىز ئۇچۇرنى يانفوندا كۆرىمىز، ھازىر ھېچكىم ئۆزلىكىدىن گېزىت زاكاز قىلمايدۇ.
微信截图_20200810113122.jpg

2. MP3 ۋە MP4
MP3 ۋە MP4 لەر بىر ۋاقىتتا مودا بولغان. MP3 قويغۇچ يېڭى چىققاندا بىر تونۇشۇمنىڭ 32mb لىق MP3 قويغۇچنى 730 يۈەنگە سېتىۋالغىنى ئېسىمدە. ئەقىلىي ئىقتىدارلىق يانفوندا بۇنداق ئىقتىدار بولغاندىكىن MP3 ، MP4 قويغۇچلارنى تارىخقا ئايلاندۇرۋەتتى.
$(KGrHqYOKpkFJsyPK904BSd3rINFQw___32.JPG

3. سىملىق تېلفون
سىملىق تېلفون يېڭى چىققاندا ئاز ساندىكى ئادەملەر ئورنىتالايدىغان ئەتىۋەرلىق نەرسە ئىدى. ئادەتتىكى خىزمەتچىنىڭ ئىش ھەققى 400 يۈەن ۋاقىتتا بىر سىملىق تېلفوننى 3000 يۈەنگە ئورنىتاتتى. يانفون چىققاندىن كېيىن سىملىق تېلفوننى ھەقسىز ئورنىتىدىغان بولدى؛ ھازىر ھەقسىز ئورنىتىپ بەرسىمۇ ئورنىتىدىغان، ئىشلىتىدىغان ئادەمنىڭ تايىنى يوق. پەقەت ئىدار-ئورگانلاردا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.
7c1ed21b0ef41bd5db0089275ada81cb38db3d95.jpg

4. رەقەملىك فوتو ئاپپارات
رەقەملىك فوتو ئاپپارات بىر مەھەل خېلى ئومۇملاشقان؛ ساياھەتكە چىققاندا نۇرغۇن ئادەمنىڭ قولىدا رەقەملىك فوتو ئاپپارات كۆرگىلى بولاتتى. يانفوننىڭ رەسىم تارتىش ئىقتىدارى، كامېراسىنىڭ ئۆزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، رەقەملىك فوتو ئاپپارات بارا-بارا ئىشلىتىلىشتىن قالدى. ئەلۋەتتە كەسپى فوتوگرافلار يەنىلا رەقەملىك فوتو ئاپپارات ئىشلىتىدۇ. ھازىرقى ھەر قانچە نوچى يانفون بولسىمۇ رەسىم سۈپىتى يەككە رېفلېكىسلىق ئاپپارات (单反机) گە يەتمەيدۇ.
OIP.jpg

5. ھەميان. ھازىر سىرتقا چىققاندا ھەميان (نەقپۇل) ئېلىۋالىدىغان ئادەم بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى، كۆپچىلىك سىرتقا چىققاندا يانفون بولسىلا بولىدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ ئەڭ قولايلىق يېرى كۆچمە ھەق تۆلەش، بۇنى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش دېيىشكە بولىدۇ، بىر يانفون بولسىلا ھەميانىنىڭ يېنىدا بار-يوقلىقىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ھەمياننى پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتتى.
T2BA59XiXXXXXXXXXX_!!723269286.jpg

6. كىتاب
يانفون كىتابنى قانداق بىر تەرەپ قىلىۋېتەلەيدۇ؟ ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ناھايىتى قولايلىق، كىچىككىنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوندا نەچچە ئون مىڭ پارچە كىتاب كۆرگىلى بولىدۇ، ۋاقىت ئورۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرىمايدۇ. يەنە تېخى كۆپۈنچىلىرى ھەقسىز ياكى ئىنتايىن ئەرزران. ئېلېكتىرونلۇق كىتاب كۆرۈپ كۆز چارچىسا ئاۋازلىق كىتابلارنى ئاڭلىسىمۇ بولىدۇ، بىر تەرەپتىن ئىش قىلىپ بىر تەرەپتىن ئاڭلاشقا بولىدۇ.
-PQT-awzunex9183271.jpg

بۇنىڭدىن باشقا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون پۈتۈن جەمئىيەتكە بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ بانكا، تاكسى كەسپى قاتارلىقلارغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ، يەنە سىرتتىن زاكاس قىلىشقا ئوخشاش بۇنداق كەسىپلەرنىڭ ھەممىسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش يولىدا ئېلىپ كەلگەن گۈللىنىش. بۇ كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى شۈبھىسىزكى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ئورنىغا جەڭ ئېلان قىلدى.
965e492b99108e944d46d890ea5302c0.jpg

سىزچە يانفون يەنە قايسى كەسىپلەرنى يوقىتىۋېتىدۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部