+تېما يوللاش
esir يوللانغان ۋاقتى:2020-8-9 01:32 1085 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
سونىي: بىزنىڭ ئاپتوموبىل ياسىغۇمىز يوق، ئۇلار بىزنى مەجبۇرلىدى


Attention! SONY: ھەر قايسىڭلار رەتلىك تىزىلىڭلار، ئەمدى مۆجىزىگە شاھىت بولىدىغان پەيت يېتىپ كېلىدۇ!

توغرا، سونىي شىركىتى جۇڭگو تارمىقىنىڭ ئورگان مىكرو بىلوگىدىكى «پىراۋا ئېلىشقا تەييارلاندىڭىزمۇ» دېگەن مۇشۇ نەچچە خەتلىك ئۇچۇر ئۇزۇندىن بۇيان تاراتقۇلارنىڭ مۇلاھىزىسىدە قىزىق نۇقتا بولغان سونىي Vision-S ساپ توكلۇق ئۇقۇم ئاپتوموبىلى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى.



بۇ يىل 1- ئايدا شىمالىي ئامېرىكا CES خەلقئارا ئىستېمال ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىدە سونىي ئورگان تەرەپ بايرىقى ئاستىدىكى تۇنجى ساپ توكلۇق ئۇقۇم ئاپتوموبىل تىپى Vision-S نى رەسمىي ئېلان قىلغان بولۇپ، بىر مەھەل كىشىلەرنىڭ Sony ئاپتوموبىلىغا بولغان سانسىز قىياسلىرىغا تۈرتكە بولغان.

d8ccfb048e5e48049a579cbdfd5df216.jpg

ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ ئارقىسىدىكى كۆرگىلى بولمايدىغان «پەن- تېخنىكا ئويۇنچىسى»

«كەلگۈسى ئون يىلدا كىشىنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئاپتوموبىل ساھەسىدە بارلىققا كېلىشى مۇمكىن.» كۇۋالكومنىڭ CEO سى Steve Mollenkopf ئۈچ يىل بۇرۇنقى گېرمانىيە فرانكفورت خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە بۇ سۆزنى ئېيتقان. ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىلنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئاپتوموبىل تېلېۋىزور، كومپيۇتېر ۋە يانفوندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئۈزۈل- كېسىل ئۆزگەرتىدىغان «تۆتىنچى ئېكران» غا ئايلىنىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ھەر قايسى چوڭ پەن- تېخنىكا  ۋە ئېلېكترون شىركەتلىرىنىڭ ئاپتوموبىل كەسپىگە يۈرۈش قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر دائىم باش بەتتە ئۇچراپ تۇردى. گوگۇل Waymo ئاپتوماتىك ھەيدەش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدى؛ پاناسونىك تېسلا ئاپتوموبىلىنىڭ ئەڭ چوڭ باتارىيە تەمىنلىگۈچىسى؛ بەيدۇ Apollo ئاپتوماتىك ھەيدەش پىلانى؛ خۇاۋېي Hicar ئەقلىي ئادەم- ئاپتوموبىل ئالاقىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسى قاتارلىقلار.
ئەمەلىيەتتە، سامسۇڭ، سونىي، TCL قاتارلىق كارخانىلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىلا ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلغان ئۇچۇر- ئالاقە ۋە كۆڭۈل ئېچىش سىستېمىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئارقىلىق ئاستا- ئاستا ئاپتوموبىل ساھەسىگە كىرگەن. سامسۇڭ ھەتتا 1994- يىلى «سامسۇڭ ئاپتوموبىلى» تارماق تەتقىقات ئورگىنىنى قۇرغان.
ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان 3C رەقەم ۋە ئېلېكتىرون كارخانىلىرى ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن ئاپتوموبىل كەسپىگە سىڭىپ كىرىدىغان پۇرسەتنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ھازىر ئاپتوموبىل ئېلېكترون تەمىنلەش زەنجىرىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم رولچىغا ئايلاندى.

54f3d2d7e23e4642b7aa5d1d68179da4.jpg


بۈگۈنكى كۈندە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالاقە، يېتەكلەش، كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئاپتوماتىك ھەيدەش قاتارلىق ئاپتوموبىل رەقەملىك ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتوموبىل تەدرىجىي ھالدا بىر خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتقا ئايلاندى. ئىلگىرى بۇ كەسىپنىڭ ئارقا سەھنىسىدە ئۈن- تىنسىز رول ئوينىغان پەن- تېخنىكا كارخانىلىرىمۇ پەيدىنپەي تەشەببۇسكار ياكى پاسسىپ ھالدا سەھنىنىڭ ئالدىغا قاراپ ماڭدى. قانداقلا بولمىسۇن، تىرىليون يۈەنلىك بازار ئىستېمال بوشلۇقىغا ئىگە ئاپتوموبىل ساھەسىدە ھېچكىمنىڭ قارشىلىق كۈچى بولمىغان ھالەتتە ئالما، گوگۇل، خۇاۋېي، سامسۇڭ، سايمىنس (SIEMENS) قاتارلىق پەن- تېخنىكا ماگناتلىرى بەس- بەستە ساھەگە سىڭىپ كىرىپ، ئائىلە ئېلېكترى سايمانلىرى، كومپيۇتېر ۋە يانفوندىن كېيىنكى كەسىپ زەنجىرىگە ئايلانماقتا.

سونىينىڭ كېيىنكى نىشانى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىستېمال ئېلېكترون ساھەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك پەسكويغا چۈشۈشى، شۇنداقلا، سونىينىڭ يانفون- ئۇچۇر ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى كەسپىدە ئۈزلۈكسىز «مىخقا ئۈسۈۋېلىشى» نىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يېڭى بازار پۇرسىتى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. ئەمما، ئاپتوموبىل كەسپى شۈبھىسىزكى Sony نىڭ باشقىچە يول تۇتۇپ تىپ ئۆزگەرتىشىدىكى يېڭى چىقىش يولى بۇلۇشى مۇمكىن. Sony دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سېنزور تەمىنلەش سودىگىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماشىنا ئادەم ۋە ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغان سېنزور تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشتا تېخنىكا ئەۋزەللىكى ئىنتايىن كۈچلۈك.

2020- يىلى 1- ئايدا Vision-S ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، Sony ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ دەرۋازىسىنى ئوڭۇشلۇق چەكتى، ھالبۇكى، بۇ ئۇقۇم ئاپتوموبىلىمۇ Sony نىڭ سېنزور ساھەسىدىكى «لاۋدا» لىقىنى تولۇق نامايەن قىلغان: ئاپتوموبىل ئىچىدە 33 دانە ئوخشىمىغان سېنزور، نۇرغۇن كەڭ ئېكرانلىق كۆرسەتكۈچ ئېكرانلار بار بولۇپ، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك سۈرەت، 360 گرادۇس Reality Audio مۇزىكا سىستېمىسى، تولۇق ۋاقىتلىق ئۇلىنىدىغان ئالاقە تورى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بار.

e6cb9180cced430ab02281ab36ac41fc.jpg


سونىينىڭ CEO سى سېچىرو CES2020 يىغىنىدا Vision-S نى تونۇشتۇرغاندا، پۈتۈن يەر شارىدىكى CMOS سۈرەت سېنزورىنىڭ باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سونىينىڭ ئاپتوماتىك ھەيدەش ساھەسىدە بىرەر ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇنداقتا، سونىي شىركىتى باش بولۇپ، nVidia، قارا بۆلجۈرگەن، Bosch، Continental، Genetex، ماگنا قاتارلىق كەسىپ ساھەسىدىكى داڭلىق تەمىنلەش كارخانىلىرى كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ ياسىغان مەھسۇلات قايسى «سونىي قائىدىسى» نى نامايەن قىلدى؟
ئىگىلىنىشىچە، Vision-S پۈتۈنلەي يېڭى لايىھەلەنگەن ساپ توكلۇق سۇپا ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، كەسىپ ئىچىدىكى داڭلىق ۋاكالەتەن ياساش كارخانىسى ماگنا (MAGNA)  ۋاكالەتەن ياساپ چىققان. بېنىز G دەرىجىلىك، BMW 5، Jaguar I-PACE قاتارلىق ئاساسىي ئېقىمدىكى ھەشەمەتلىك ماركىلار قارىمىقىدىكى ئاپتوموبىل تىپلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇ ۋاكالەتەن ئىشلەپچىقارغان نادىر ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ.

953fc3e485f14aa5bfe480437cb8bf21.jpg





Vision-S نىڭ شەكىل چىقىرىش لايىھەسىنى كۆپ چۈشەندۈرۈشنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق،  ئۇ پەقەت Sony نىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان گۈزەللىك قارىشىنى يەنىلا ساقلاپ قالغان. كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، سونىي نېمىلا ياسىسۇن، ئۇنىڭ لايىھەسىنىڭ گۈزەللىكىدىن قۇسۇر تاپقىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ھازىرقى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئاساسىي ئېقىم ئۇسلۇبىغىمۇ ماس كېلىدۇ.

كىشىنى شۈبھىلەندۈرىدىغىنى، سونىي ئورگان تەرەپ شىركەتنىڭ ئاپتوماتىك ھەيدەش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ھەمدە 2020- يىلى ئىچىدە بۇ تېخنىكىنى سىناق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، Vision-S پەقەت تېخنىكىنى كۆرگەزمە قىلىش ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، سونىي تۈركۈملەپ ئاپتوموبىل ياسىمايدۇ.
Vision-S تۈرىنىڭ مەسئۇلى Izumi Kawanishi چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ تۈرتكىسىدە ئاپتوموبىل ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. سونىي Vision-S ئارقىلىق كەسپىي ساھەدىكىلەرگە بۇ شىركەتنىڭ ئاپتوموبىلنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش جەھەتتىكى تۆھپىسىنى، جۈملىدىن ئاپتوماتىك ھەيدەش تېخنىكىسى ۋە ئاپتوموبىل كۆڭۈل ئېچىش سىستېمىسىنى نامايەن قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. سونىي ئاپتوموبىل ياساش سودىگىرىگە ئايلىنالمايدۇ، بەلكى ئاپتوموبىل كەسپى ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولۇشقا تىرىشىدۇ.

3c6a6cc28ed7456b8a54edef63480cee.jpg


ئەمەلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ؟

گەرچە نۇرغۇن پەن- تېخنىكا شىركەتلىرى ئاپتوموبىل كەسپىگە ئىشتەي ساقلاۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھەقىقىي تىپ ئۆزگەرتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ تۈركۈملەپ ئاپتوموبىل ياساش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. خۇددى ئالمىغا ئوخشاش، ئۇلار ئاپتوموبىلغا ئائىت تارماقلارنى قۇرۇپ، ئاپتوماتىك ھەيدەش ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارنى ئېچىۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە مەھسۇلاتنى بازارغا چىقىرالمىدى. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەنگىلىيە يېڭىلىق يارىتىش پەن- تېخنىكا شىركىتى، چاڭ- توزان سۈمۈرگۈچ ماگناتى دايسون ئاپتوموبىل ياساشقا ئاتلىنىپ، 2 مىليارد 500 مىليون فوند سىتېرلىڭ (تەخمىنەن 22 مىليارد 800 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) نى خەجلەپ بولغاندىن كېيىن، ئاخىرقى ھېسابتا «سودا مۇمكىنچىلىكى يوق» دېگەن خۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
گەپ بۇ يەرگە يەتكەندە، Sony نىڭ تېخنىكىغا چىلىققىدە توشقان، كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرغان بۇ ئاپتوموبىلىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئاز- تولا قىياس قىلغىلى بولىدۇ.

ئۇنداقتا، بۇ نېمە ئۈچۈن؟

سونىي: مېنىڭ ئاپتوموبىل ياسىغۇم يوق، ئۇلار ھەممىسى مېنى «مەجبۇرلىغان».

ۋەزىيەت قەھرىماننى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. Sony نىڭ ئاپتوموبىل ياسىشىنىڭ يەنە بىر مۇمكىنچىلىكى، «رەقىبىنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالى» سونىينىڭ توكلۇق قاتناش قوراللىرى ئارقىلىق يۇقىرىغا چىقىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەردى.
سونىينىڭ چوڭ لاگېرى ياپونىيەنى ئېلىپ ئېيتساق، توكلۇق ئاپتوموبىل ئۇزۇن مەزگىل تويوتا باشچىلىقىدىكى لاۋدالارنىڭ پىشىپ يېتىلگەن ئارىلاش ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھەر قايسى ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئىزچىل كۆڭۈلسىز بولدى.

تويوتانىڭ ساپ توكلۇق ئاپتوموبىلغا بولغان تەتقىقات سېلىنمىسى كۈچلۈك ئەمەس. ئۇلارنىڭ قارىشىچە پىشىپ يېتىلگەن، تۆۋەن سەرپىياتلىق دېۋىگاتېللىق ئاپتوموبىل ۋە ئارىلاش ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار يەنە بىر مەزگىلگىچە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدۇ.

خوندا شىركىتىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇنداق دەپ قارىدى: «ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل باتارىيە تېخنىكىسى بوغما ھالەتكە كىردى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توكلۇق ئاپتوموبىلغا بولغان ئېھتىياج زور دەرىجىدە ئاشمايدۇ».

نىسسان گەرچە ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل جەھەتتە بالدۇر تۇتۇش قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ساپ توكلۇق ئاپتوموبىللارنى ئىشلىتىشتە يەنىلا «ئىلھاملاندۇرۇش» نى ئاساس قىلىدۇ ھەمدە ئاپتوموبىلنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، نىسسان يەنە يېڭى ئىزدىنىش يۆنىلىشىگە ئىگە بولىدۇ.

بۇ مەنىدىن، تويوتا، خوندا شىركەتلىرىنىڭ ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل تەتقىقاتى پەقەت كۈنسېرى قاتتىقلىشىۋاتقان بۇلغىما قويۇپ بېرىش قانۇن- نىزاملىرىغا رىئايە قىلىش ئۈچۈندۇر. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسىگە زور كۈچ بىلەن يۈرۈش قىلمايدۇ.

ee7444037b4549ffa0ba530d5292b20e.jpg


ئومۇملاشتۇرغاندا، ياپونىيە تۇپرىقىدا ئاساسلىقى ئارىلاش ھەرىكەتلەندۈرگۈچلۈك ۋە يېقىلغۇ دېۋىگاتېللىق ئاپتوموبىل ئاساس قىلىنغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسى سونىيغا نىسبەتەن بىر قەدەر تېيىز بولۇپ، بۇ سونىينىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى.
ئەڭ يامان بولغىنى، سونىي ماشىنا ياسىمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ كارايىتى چاغلىق. ھۇجۇم قىلمىسا چېكىنسىمۇ، مۇداپىئە قىلسىمۇ بولىدۇ. تارىخنىڭ شىددەتلىك ئېقىمىدا ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ گۈللىنىپ كەلگەن بىر ئالىي دەرىجىلىك پەن- تېخنىكا كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سونىينىڭ چېكىنىش يولى چوقۇم بار.

ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، سونىينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى تېخنىكا جۇغلانمىسى ئاساسىدا، كۆلەملەشكەن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا يۈرۈش قىلمىسىمۇ، SC-1 ۋە Vision-S تىن پايدىلىنىپ تېخنىكا كاپىتالى، زاپچاس تەمىنلەش ياكى قاتتىق- يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئاپتوموبىل بازىرىدىن ئۆزىنىڭ ئۈلۈشىنى سۈپۈرۈۋالىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاپتوموبىل سودىگىرى بولالمىسا، تەمىنلەش زەنجىرىدە نان تېپىپ يېسىمۇ بولىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىستېمالى پارتلاش خاراكتېرلىك ئېشىشنى كۈتۈۋېلىشتىن بۇرۇن، ئالدىن تەييارلىق كۆرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى «مىليون خىل مۇمكىنچىلىك» نى قولغا كەلتۈرۈش سونىينىڭ ھەقىقىي نىشانى.

3c182aa9f3cf45b6a190c40217411c4a.jpg


خاتىمە

سونىي: «ماشىنا ياساشقا نىسبەتەن مەن ئەستايىدىل بولماسلىقىم مۇمكىن، لېكىن سىناپ باقسام بولىدۇ». خۇددى مايۈن ئېيتقاندەك: «غايە يەنىلا بولۇشى كېرەك، ناۋادا ئۇ ئەمەلگە ئېشىپ قالسىچۇ؟»
دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرغاندا، تاللاش ئەلۋەتتە ئىنتايىن مۇھىم، لېكىن قاتنىشىش تېخىمۇ مۇھىم. مەغلۇبىيەتتىن قورقۇپ ئىلگىرىلەشنى توختاتقاندىن كۆرە، باتۇرلۇق سىناپ بېقىش، بۆسۈپ ئۆتۈش كېرەك. يول مانا مۇشۇنداق كېلىپ چىققان ئەمەسمۇ؟


مەنبە: بوستان كومپيۇتېر تېخنىكا سالونى، id: BostanPC
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部