+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-8-7 11:14 1743 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-8-7 11:01  

Windows 10 دىكى Your Phone دېتالى ئارقىلىق كومپىيۇتېردا ئاندرويد يانفوننى ئۇلاپ تېلېفون ئۇرۇش، يانفوندىكى ناخشا مۇزىكىلارنى قويۇش خېلى بۇرۇنلا ئەمەلگە ئېشىپ بولغان. يېقىندا بۇ دېتالنىڭ ئىقتىدارىنى يەنە بىر دەرىجە كۆتۈرۈپ، يانفوندىكى ئەپلەرنى كومپىيۇتېر ئىشلەتكىلى بولىدىغان قىلدى.

36b7eac826324c498ef522a3fe65a626.jpg

نۆۋەتتە ئەڭ يېڭى (Windows 10 Insider Preview Build (20185 نەشرىدە، Your phone دا ئەپلەرنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىكى كۆرسىتىش شەكلىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ھازىر سامسۇڭ ئابونتلىرى يانفونغا قاچىلانغان ئەپلەرنىڭ تىزىملىكىنى كومپىيۇتېردا كۆرەلەيدۇ ھەمدە ئۇلارنى چېكىپ يېڭى بىر كۆزنەككە ئاچالايدۇ. ئەپلەرنى نامى بويىچە ئىزدەشكە بولىدۇ، ئىشلەتكۈچىلەر يەنە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئالتە خىل ئەپنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئۈستىگە مىخلاپ قويسا بولىدۇ.

0e873c5973bf4e0aa9cc7ce6e172e948.gif

976ac70707584e4d9731810cda58dd48.gif

يەنە كېلىپ بىرلا ۋاقىتتا كۆپ خىل ئەپنى ئېچىشنى قوللايدۇ. مىكروسوفت بىلەن سامسۇڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ئاخىرىدا ۋىندوۋس 10 غا كۆپ كۆزنەكتە يانفوندىكى ئەپلەرنى ئېچىشنى قوللاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن. دەسلەپتە يېڭى چىققان Galaxy Note 20 بۇ ئىقتىدارنى قوللايدۇ، مىكروسوفت سامسۇڭ بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۈسكۈنىلەردە بۇ ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2ئادەم ئىنكاس يازدى

kichikoghul ۋاقتى: 2020-8-16 15:24:25
پەقەت تورغا ئۇلىمىغان كومپىيوتېرنى ئاكتىپلاش قورالى بىلەن ئاكتىپلىغىلى بولامدۇ؟ مەن تور يوق مۇھىتتا ئىشلىتىۋاتقان بىر كومپىيوتېر بار ئىدى. ئاۋال ئوڧىس 2010 ئاكتىپلاشنى تەلەپ قىلىپ ئاساسىي ئىقتىدارلىرى تاقىلىپ قالدى، ئاندىن يەنە ۋىندوۋس 7 نىڭ ئۈسرەل يۈزىمۇ قارا ئېكىران بولۇپ قالدى. باشقا كومپىيوتېردىن توردىن چۈشۈرۈپ بارماق دېسكىغا كۆچۈرۋالغان ئاكتىپلاش قورالى بىلەن ۋىندوۋس ۋە ئوڧىسنى ئاكتىپلىغىلى بولامدۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部