+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-8-5 10:55 810 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-8-5 10:54  

DeepFake سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق چىراي ئۆزگەرتىدىغان پروگرامما. 2017-يىلدىن باشلاپ بەزى داڭلىق چولپانلارنىڭ چىرايىنى باشقا رەسىملەرگە كىرىشتۈرۈپ شەھۋانىي رەسىملەرنى ئىشلەپ توردا تارقاتقان.
كېيىن سۈنئىي ئەقىلىي ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ ئاياللارنىڭ رەسىمىدىكى «كىيىمنى سالدۇرۋېتىدىغان» يۇمشاق دېتاللار پەيدا بولغان. خالىغان ئايالنىڭ رەسىمىنى بۇ يۇمشاق دېتالغا كىرگۈزسە سۈنئىي نېرۋا تورى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئاپتوماتىك ھالدا رەسىمنىڭ «كىيىمىنى سالدۇرۇپ» ئايالنىڭ يالىڭاچ بەدىنىنى چىقىرىپ بېرىدىكەن.

640.webp.jpg

كېيىن بۇ ئالگورزىمنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، رەسىملا ئەمەس، خالىغان بىر سىندىكى ئادەمنىڭ چىرايىنى باشقا ئادەمگە ئۆزگەرتەلەيدىغان قىلغان.
بۇنىڭ پروگراممىنىڭ ئەسلى كودى توردا تارقىلىپ، باشقا پروگراممىرلار ئوخشاش تۈردىكى ئالگورىزىمنى ئۆزلۈكسىز ياخشىلىدى. پروگرامما تۈزۈش ئاساسى بارلىكى ئادەم تورغا ئۇلانغان كومپىيۇتېر بولسا DeepFake ئالگورىزىمنى ئىشلىتىپ ساختا سىن ئىشلىيەلەيدىغان بولدى.

ئەسلى سىن
640.gif

مۇشۇ تېخنىكا ئارقىلىق چىراي ئالماشتۇرغان سىن
640 (1).gif

بۇ تېخنىكا نۇرغۇن ئەندىشىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بولۇپمۇ داڭلىق ئەربابلار ۋە چولپانلارنىڭ توردا سىن ۋە رەسىملىرى بار. يامان غەرەزلىك كىشىلەر بۇ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ باشقا مەخسەتتە پايدىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇ سەۋەبتىن كۆپلىگەن دۆلەتلەر DeepFake ئارقىلىق ياسىغان مەزمۇنلارنى تارقىتىشنى چەكلىدى.

لېكىن بۇ ئەپ ئۇچۇق ئاشكارە تارقىتىلمىغان بىلەن بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ، ئادەتتىكى كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىش ۋاستىسىگە ئايلىنىپ قالماقتا.
ئالدىنقى كۈنى رايونىمىزدىكى بىر توردىشىمىز مۇشۇنداق ئەھۋالغا ئۇچىرىغان.

بۇ دوستىمىز زېرىكىپ ئولتۇرسا كىيۇكىيۇدا ناتۇنۇش بىرسى سىنلىق سۆزلىشىش ئەۋەتىپتۇ، كىمدۇ بۇ دەپ ئاپتۇ، قارىسا قارشى تەرەپ كۆرۈنمىگەن، شۇنىڭ بىلەن كامىرانى كەينى تەرەپكە ئالماشتۇرىۋېتىپ تۇرسا بىردەمدىن كېيىن ئۆچۈپ قاپتۇ.
كېيىن بىر ئەپ ئەۋەتىپتىكەن يانفونغا قاچىلاپتۇ.
بىرەر مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن قارشى تەرەپ بۇ دوستىمىزغا بىر ۋىدېئو ئەۋەتىپتۇ. ھەمدە بارلىق ئالاقە ئۇچۇرىڭنى قولغا چۈشۈردۇق، ئەتە ئەتىگەنگىچە 2000 يۈەن بەرمىسەڭ بۇ ۋىدېئونى تونۇشلىرىڭغا ئەۋەتىپ بېرىمىز دەپ تەھدىت ساپتۇ. ۋىدېئوغا قارىسا بۇ دوستىمىز بىلەن بىر قىزنىڭ يالىڭاچ ھالەتتە سىنلىق پاراڭلىشىۋاتقان كۆرۈنۈشكەن.
بۇ ۋىدېئو ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ۋىدېئودىكى ئەرنىڭ چىرايى، يالىڭاچ بەدىنى خۇددى ئۆزنىڭدەكلا، قىزنىڭ بەدىنىمۇ يالىڭاچ ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە پاراڭلىشىۋاتقاندىكى ئۆي بۇ دوستىمىزنىڭ ئۆينىڭ ئۆزى شۇكەن.
بۇ دوستىمىز سەل ئېسىگە كېلىپ ئاۋۇ قاچىلىغان ئەپنى دەرھال يانفوندىن ئۆچۈرۈپ، يانفوننى زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرۇپتۇ. ھەم ئۇنداق ئىشىم بولمىغاندىكىن دەپ پۇلمۇ ئۇرماپتۇ، لېكىن كۆڭلى غەش؛ باشقىلارمۇ بۇنداق ئەھۋالغا دىققەت قىلسۇن دەپ بۇ ئىشنى بىزگە سۆزلەپ بەردى.
شۇڭا ناتۇنۇشلاردىن ئۈندىدار، كىيۇكىيۇدا سىنلىق سۆزلىشىش ئىلتىماسى كەلگەندە دىققەت قىلىڭ، تۇنۇش ئادەم بولمىسا چىرايېڭىزنى كۆرسەتمەيراق سۆزلىشىڭ. بولۇپمۇ قىز-ئاياللارنىڭ ئۇنداق يالىڭاچ رەسىمى، ۋىدېئوسى پەيدا بولۇپ قالسا چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部