+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-8-4 12:16 1066 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-8-4 11:57  

تۆنۈگۈن ۋىۋو شىركىتى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۆزتارتىم يانفونى vivo S7 نى ئېلان قىلدى.
بۇ يانفوننىڭ ئالدى كامېراسىغا مەخسۇس زاپچاس ۋە ئالگورزىم ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۆزتارتىم رەسىمگە چۈشىدىغان، دوۋيىندا نەقمەيدان تارقىتىدىغانلارغا ياخشى تاللاش بولالايدۇ.

10005630_1596164296375_750x750.png.webp.jpg

vivo S7 نىڭ ئالدىغا 44 مىليون پىكسېللىق ئاساسىي كامېرا + 8 مىليون پىكسېللىق قوشۇمچە كامېرادىن ئىبارەت ئىككى كامېرا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان.
ئالدى كامېراسىغا  1/2.65 دىيۇملۇق ISOCELL Slim GH1 كۆچمە سۈرەت سېنزورى سەپلەنگەن (بۇ سېنزور سامسۇڭنىڭ بايراقدار يانفونلىرىغا ئىشلىتىلگەن). يەككە رېفلېكىسلىق فوتو ئاپپارات (单反机) قا ئىشلىتىلگەن ئاپتوماتىك فوكۇس توغرىلاش تېخنىكىسى PDAF ئىشلىتىلىپ، ئالدى كامېرانىڭ ئىنتايىن تېز فوكۇس توغىرلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.  f/2.0 ئالاھىدە چوڭ نۇر چەمبىرىكى ۋە EIS تىتىرەشتىن ساقلىنىش قۇرۇلمىسى ماسلاشتۇرۇلۇپ،  مۇقىم، ئېنىق تەسۋىر ھاسىل قىلىشنى كۈچلۈك قاتتىق دېتال ئاساسى بىلەن تەمىنلىگەن.

01.jpg

20200803_202154_109.jpg

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە vivo S7 نىڭ ئالدى كامېراسىغا AF-ئاپتوماتىك فوكۇس توغرىلاش موتورى سەپلەنگەن بولۇپ، كامېرا لىنزىسىنى ئالدى-كەينىگە يۆتكەپ، ئاپتوماتىك فوكۇس توغرىلاش ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېقىن كۆرۈنۈش ۋە يىراق مەنزىرىنىڭ ئېنىق كۆرۈنۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، vivo S7 نىڭ ئالدى كامېراسىغا يەنە ئادەم كۆزىنىڭ فوكۇس قوغلىشىش ئىقتىدارى سەپلەنگەن بولۇپ، سۈرەتكە تارتىلغۇچىنىڭ ئورنىنى تېز سۈرئەتتە قۇلۇپلاپ، ھەر ۋاقىت ئېنىق كۆرۈنۈش بىلەن تەمىنلەيدۇ.

02.jpg

vivo S7 نىڭ ئالدى كامېراسى 4K ئېنىقلىقتا 60 فىرام ھالەتتە سىن ئېلىشنى قوللايدۇ. يەنە 4K + EIS دەرىجىدىن تاشقىرى تىترەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى بار، پۈتۈنلەي يېڭى پورترېت تىترەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئالگورىزىمى ئارقىلىق، ئادەمنىڭ ھەرىكەت جەريانىدا پەيدا بولغان تەۋرىنىشىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. ئالدى كامېراسىدا يەنە ئاستىلىتىپ سىنغا ئېلىشنى قوللايدىغان بولۇپ، 240fps ئاستىلىتىپ سىنغا ئالغىلى بولىدۇ.

03.jpg

يەنە بىر كۇنۇپكا گىرىم ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى سۈزۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى بار، سۈزۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى تۇتۇق سۈرەتلەرنى ئېنىق ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بىر كۇنۇپكا Plog ۋە بىر كۇنۇپكا vlog ئىقتىدارىنى قوللايدۇ.
ئالدى كامېراسىغا سەپلەنگەن بۇ سېنزور، ئىقتىدارلار نۇرغۇن يانفوننىڭ كەينى كامېراسىدىمۇ يوق.

04.jpg

كەينى كامېراسىغا 64 مىليون پىكسېللىق + 8 مىليون پىكسېللىق + 2 مىليون پىكسېللىق ئۈچ كامېرا سەپلەنگەن. كەينى كامېراسىغا 1/1.7 دىيۇملۇق GW1 سېنزورى ئىشلىتىلگەن.
vivo S7 گە پۈتۈنلەي يېڭىچە دەرىجىدىن تاشقىرى كېچىلىك مەنزىرە 4.0 ئالگورزىمى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەرقلەندۈرۈپ سۈرەتكە ئېلىش ئىقتىدارى سەپلەنگەن بولۇپ. يەنە ئىككى ياقلىمىلىق نۇرلاندۇرۇش ئىقتىدارى سەپلەنگەن بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا ئالدى-كەينى ئاساسىي سۈرەتكە ئېلىش ئاپپاراتىنى ئېچىپ نۇرلاندۇرۇشقا بولىدۇ، بىر قېتىمدىلا ئالدى كامېرادا ئۆزىنى سۈرەتكە ئېلىش بىلەن ئارقا كۆرۈنۈشنى بىرلەشتۈرەلەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ سۈرەتكە تارتىپ، ئىككى قېتىم نۇرلاندۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.

باشقا سەپلىمىسى: بۇ يانفونغا كۇۋالكوم 765G مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن. NSA/SA قوش مودۇللۇق 5G قوللايدۇ. قېلىنلىقى 7.39mm ، ئېغىرلىقى 170g
ئېكرانى 6.44 دىيۇملۇق AMOLED ئېكران.
باتارىيەسى 4000mAh بولۇپ، 33 ۋاتلىق تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.
NFC قوللايدۇ، ئېكرانى بارماق ئىزى تونۇيدۇ. چىراي تونۇيدۇ.

باھاسى:
8GB+128GB سىغىملىقى 2798 يۈەن.
8GB+256GB سىغىملىقى 3098 يۈەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部