+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-8-3 12:50 659 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالىپاي خۇابېي تۈركۈمگە بۆلۈپ مەركىزىي بانكا ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىرسە شەخسىي ئىناۋەت خاتىرىسىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

يېقىندا ئالىپاي خۇابېينىڭ بىر قىسىم ئابونتلىرىنىڭ مەركىزىي بانكا ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىرگەنلىك ئۇچۇرى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
ھازىر خۇابېينىڭ مەركىزى بانكا ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈشى بارلىق ئابۇنىتلارنى قاپلىمىغان، بەلكى ئابۇنىتلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن تەدرىجىي، تۈركۈمگە بۆلۈپ كىرگۈزۈلىدۇ. بىراق، ئابونتلارنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى، خۇابېي مەركىزى بانكا ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، قەرز قايتۇرۇش ئەھۋالىنى بانكا بايقاپ، قەرز ئېلىش كەسپىنى بېجىرىشتىكى توسالغۇ بولۇپ قالارمۇ؟

مەركىزىي بانكا تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكا تارماقلىرى يېقىندا توردىكى بىرلەشمە ئىستېمال قەرز پۇلىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقاتتى، بۇنىڭدا، ئاي ئاخىرىدىكى توردىكى بىرلەشمە ئىستېمال قەرز پۇل قالدۇقىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا «جىيې بېي» ۋە«خۇابېي» سانلىق مەلۇماتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇش كېرەك، دېيىلدى. بۇنىڭغا قارىتا، بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: مەركىزىي بانكا توردا بىرلىشىپ قەرز ئېلىش ھەمدە خۇابېينى تۈركۈمگە بۆلۈپ مەركىزىي بانكىنىڭ ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، بىرلەشمە قەرز پۇل خەۋپ-خەتىرىنى كونترول قىلىشنى ئويلاشتى.

thumb_650_305_1596265335715.jpg

نېمىشقا خۇابېي مەركىزىي بانكا ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ؟

ئالىپاي ئابونتلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، 6-ئايدىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن خۇابېي مۇلازىمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان، ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، داۋاملىق تۈردە سىزنى ئەلا سۈپەتلىك خۇابېي مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى جەزملەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن. ئابونتلار مۇلازىمەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە قوشۇلغاندىن كېيىن، ھېساباتنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى، خۇابېي سوممىسى ۋە قەرز قايتۇرۇش ئەھۋالى ئاي بويىچە بىرلىك قىلىپ مەركىزىي بانكا ئىناۋەت سىستېمىسىغا يوللىنىدۇ.

ھازىر خۇابېينىڭ مەركىزىي بانكا ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈشى بارلىق ئابۇنىتىلار توپىنى قاپلىمىغان، بەلكى ئابۇنىتلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن تەدرىجىي، تۈركۈمگە بۆلۈپ كىرگۈزگەن. نۆۋەتتە، بىر قىسىم ئابۇنتلار خۇابېينىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەركىزىي بانكا ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

ئالىپاي تەرەپ بۇ ھەقتە مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: « خۇابېينىڭ ئېچىۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئورتاق مۇلازىمەت قىلىشقا قاتناشتى. ئابونتلارنىڭ ئۆزىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىشى ئۈچۈن، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەكلىپ بېرىشى ۋە يېتەكچىلىكىدە، كېلىشىمنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى»

غەربىي جەنۇب مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى پۇل مۇئامىلە ئىنستىتۇتى رەقەملىك ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى چېن ۋېن مۇخبىرغا تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئالىنىڭ ئاز سوممىلىق قەرز بېرىش ئەندىزىسىدە، مەركىزىي بانكا بىر قىسىم تور ئاز سوممىلىق قەرز بېرىش شىركەتلىرىنىڭ ئىناۋىتىگە ئۇلىنىدىغان بولغاچقا، خۇابېي ئابونتلىرىمۇ ئىناۋەت سىستېمىسىغا ئۇلانسا بولىدۇ، لېكىن ئىناۋەت ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىلا، ئىناۋەت خاتىرىسىنىڭ C ئۇچتىكى ئابۇنىتلارغا بولغان جەلپ قىلىش كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئالىپاينى ۋاكالىتەن تۇتۇپ بەلگىلىك دەرىجىدە قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بىرلەشمە قەرز ئەندىزىسى ئاستىدا، بۇ خېرىدارلار بانكا قەرز بېرىدىغان خېرىدارلار بولۇپ، ئىناۋەت سىستېمىسىغا ئۇلىنىشى مۇقەررەر.
ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەلۇم بىر ئورگاندىن مەركىزىي بانكىنىڭ ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئاساسلىقى ئاپپاراتنىڭ ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ياكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتلىمىدىكى بەزى تەلەپلەر ئاساسىدا كىرگۈزۈلىدۇ، مەسىلەن، يامان غەرەزدە قەرزدىن قېچىش، قەرز قايتۇرماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن كىرگۈزۈلىدۇ.
مەركىزىي بانكىنىڭ ئىناۋەت سىستېمىسىغا ئۇلانغان ئاپپاراتلارغا قارىتا، ئىناۋەت مەركىزى ئۇلاردىن ئۆلچەملىك، ھەقىقىي، ۋاقتىدا، توغرا سانلىق مەلۇمات يوللاشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىناۋەت مەركىزى ئوبيېكتىپ كۆرسىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر ئابونتلار يوللانغان سانلىق مەلۇمات پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ قارىسا، شۇ جايدىكى خەلق بانكىسىنىڭ شۆبە ئاپپاراتىغا ئىناۋەتنى قايتا باھالاش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، نۇرغۇن ئاز سوممىلىق قەرز پۇل شىركىتى مەركىزىي بانكا ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىرگەن، جىڭدۇڭ بەيتىياۋ 2018-يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي بانكا ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىرگەن.

ئالىپاي خۇابېينىڭ مەركىزىي بانكا ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىرىشى شەخسىي ئىناۋەت ۋە بانكا قەرز پۇلىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى كەسپىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ساھەسىدە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەنئەنىۋى بانكا ئىناۋەت كارتىسىدىن باشقا، ئەلى بابا گۇرۇھى قارمىقىدىكى خۇابېي، جىيې بېي، جىڭدۇڭ پۇل مۇئامىلىسى يولغا قويغان جىڭدۇڭ بەيتىياۋ قاتارلىق مۇلازىمەتلەرمۇ ئىستېمالچىلارنىڭ كىرېدىت تاللىشىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

ئىناۋەت سىستېمىسى كەسپىي خادىمى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: خۇابېي، جىڭدۇڭ بەيتىياۋ قاتارلىق ئالاقە تورى سۇپىسى قەرز مەھسۇلاتىنى ئىشلەتكەن بولسا، پەقەت قەرز ئالغان پۇل سانى بەك كۆپ بولمىسىلا ياكى كۆپ ئىشلىتىلمىسە، ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ۋاقتىدا نورمال قەرز قايتۇرسا، يوللىندىغىنى پەقەت سودا ئۇچۇرى بولۇپ، ئاپپارات ھەقىقىي ئەھۋالغا ئاساسەن سانلىق مەلۇماتلارنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىدۇ، ئادەتتە بانكىغا ئىلتىماس قىلغان ئاپتوموبىل قەرزى ۋە ئۆي قەرزى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. ھەر قايسى قەرز بېرىش سۇپىلىرىدىن كۆپ قېتىم قەرز ئالسا، يەنە كېلىپ قەرز پۇل سانى كۆپ بولسا، كېيىنكى كەسىپ بېجىرىشكە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
مەلۇم بانكىنىڭ شەخسىي ئىستېمال كەسپى دىرېكتورى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شەخسىي تەجرىبىمىزدىن قارىغاندا، مۇئامىلىدارنىڭ ئىناۋەتنى تەكشۈرۈش قېتىم سانى، قەرز ئەھۋالى، قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن قېتىم سانى شەخسنىڭ ئىناۋەت ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. «جىڭدۇڭ بەيتىياۋ بىلەن ئالىپاي خۇابېي ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىردى، قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن قەرز ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپلا قالماي، يەنە ئابۇنىت خۇابېي سوممىسىنى ئىشلەتسۇن ياكى ئىشلەتمىسۇن، بانكا تەرىپىدىن قەرزگە كىرگۈزىۋېتىلىشى مۇمكىن»
«ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىرىش خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇردى، بۇ يەردىكى جازالاش ئاساسلىقى ئىناۋەت دوكلاتىدىكى داغ خاتىرىسىدە ئىپادىلىنىدۇ، بۇ خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا، جۈملىدىن رەنىلىك قەرز قاتارلىقلارنىڭ تەستىقلىنىشىغا، شۇنداقلا تەستىقلانغان سومما ۋە ئۆسۈم نىسبىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، لېكىن كونكرېت تەسىرى قانچىلىك، يەنە ھەرقايسى بانكىلارنىڭ خەۋپ كونترول قىلىش مودېلىغا قاراش كېرەك»

38a1afda899e4ef2886cd2796ad1ef2e.jpeg

دېمەك، خۇابېينىڭ مەركىزى بانكا ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىرىشىنى ئالىپاي تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىلغان.
ئادەتتە يېتەرلىك پۇل بولسىمۇ ئالىپاي كۈنجۈت ئىناۋىتى، خۇابېي سوممىسى ئۆسۈپ قالارمىكى دەپ قەستەن خۇابېي ئىشلىتىدىغانلار خېلى كۆپ. بۇنىڭدىن كېيىن خۇابېي ئىشلىتىدىغاندا ئويلىشىدىغان بىر ئىش چىقتى. يەنى، كۈنجۈت ئىناۋىتى، خۇابېي سوممىسى ئۈچۈن زورلاپ ئالىپايغا قەرز بۇلۇپ، ئىناۋەت سىستېمىسىدا بىر قېتىم قەرز ئالدى دېگەن خاتىرە قالدۇرۇپ قويۇشقا ئەرزىمدۇ؟

来源:新浪科技
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部