+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-8-2 11:05 1134 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ياپونىيە پەن-تېخنىكا جەھەتتە ئالدىنقى قاتارىدا تۇردىغان دۆلەت. 2019-يىلغىچە ياپونىيەدىن 27 ئادەم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ياۋروپا-ئامېرىكىدىن قالسىلا نوبېل مۇكاپاتىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن دۆلەت بولۇپ قالغان.
مۇشۇنداق بىر كۈچلۈك دۆلەت IT، ئالاقە تېخنىكسى جەھەتتە كەينىدە قېلىۋاتىدۇ. بۇ ياپونىيەنىڭ تېخنىكىسى يەتمىگەنلىكتىن ئەمەس، بىر قەدەم ئالدىغا كەتكەنلىكتىن بولغان.

سونىي شىركىتى ئىشلەپچىقارغان يانفون كامېراسىنىڭ CMOS سېنزورى ئەڭ ياخشى بولۇپ، دۇنيا بازىرىنىڭ يېرىمىنى ئىگىللەيدۇ. ئالما، خۇاۋېي، ئوپپو، ۋىۋو، شىياۋمى... قاتارلىق يانفونلارنىڭ ھەممىسىگە سونىي CMOS سېنزورنى ئىشلىتىدۇ. لېكىن سونىي يانفونلىرىنىڭ سېتىلىشى ياخشى ئەمەس، ھازىر بازاردىن ئاساسەن سونىي يانفونلىرىنى تاپقىلى بولمايدۇ.

110624dtwssvgw7hzhthnn.jpg

ھازىر كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتقان ئىككىلىك كودنى ياپونىيەلىك Masahiro Hara كەشىپ قىلغان. Masahiro Hara ئىككىلىك كودنى كەشىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن 2014-يىلى ياۋروپا كەشپىياتچىلار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. Denso Wave شىركىتى ئىككىلىك كودنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا ئىگە، ئەمما بۇ تېخىنىكىنى ھەقسىز ئىشلىتىشكە ئېچىۋەتكەن، باشقىلار ئىشلەتسە پاتېنت ھەققى ئالمايدۇ. ئۇلار پەقەت ئىككىلىك كود سىكانېرلىغۇچ سېتىشقا تاينىپ پۇل تاپىدۇ.

122723j032olq344lu7h73.jpg

Masahiro Hara ئىككىلىك كودنى ماشنا زاپچاسلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى سىكانېرلاشقا قولايلىق بۇلۇش ئۈچۈن كەشىپ قىلغان بولۇپ، بۈگۈنكىدەك كەڭ ئىشلىتىدىغانلىقىنى، شىددەت بىلەن ئومۇملىشىدىغانلىقى خىيالىغا كىرمىگەن.

بۇ يىل 3-ئايدا، ياپونىيەدىكى بىر قانچە چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى بىرلا ۋاقىتتا 5G خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى. ئامېرىكا، كورىيە ۋە جۇڭگوغا سېلىشتۇرغاندا، ياپونىيەنىڭ 5G خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى بىر يىل كېچىكىپ يولغا قويۇلدى.
ياپونىيە ئىلگىرى ئالاقە تېخنىكىسى ساھەسىدە كۆپ قېتىم دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.
1993-يىلى دۇنيا 2G دەۋرىگە قەدەم قويدى، ياپونىيە ئالدى بىلەن « PDC» تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى ھەمدە بۇ تېخنىكىنىڭ دۇنيا تېخنىكىسىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى، لېكىن نەتىجىدە ياۋروپانىڭ «GSM» تېخنىكىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.
1999-يىلى دۇنيا 3G دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ياپونىيە يەنە ئالدى بىلەن تور بەت كۆرۈش، سۈرەت يەتكۈزۈش ۋە ئېلېكترونلۇق يوللانما يوللاشتەك « i-mode» تېخنىكىسىنى چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا دۇنياۋى ئۆلچەم بولالمىدى.
مەغلۇپ بولۇشنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي: ياپونىيەنىڭ تېخنىكىسى بىر قەدەم ئالدىغا كەتتى. ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئېلېكترونلۇق خەت (e-mail) يوللاشتا ھەممىسى كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان بولۇپ، تېخى يانفون ئارقىلىق ئېلېكترونلۇق خەت يوللاش ئادىتى يوق ئىدى. يانفون ئارىسىدىكى خەت ئالاقىسىدە ئاساسەن قىسقا ئۇچۇر ئىشلىتىلەتتى. iPhone دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، كىشىلەر ئاندىن يانفون ئارقىلىق ئېلېكترونلۇق خەت يوللاشقا باشلىدى.
يەنە بىر سەۋەب شۇكى، i-mode تېخنىكىسى تېخى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماي تۇرۇپلا، 4G تېخنىكىسى باشلاندى. 2012-يىلى 2-ئايدا، SoftBank خەۋەرلىشىش شىركىتى ياپونىيەدە 4G تېخنىكىسىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى.
2G دىن 3G غىچە، يەنە 4G غىچە، ياپونىيە ئالاقە تېخنىكا كارخانىلىرى يېڭى تېخنىكا تەتقىقاتىغا خېلى كۆپ پۇل خەجلىگەن بولسىمۇ، ئەمما مەبلەغنى تولۇق قايتۇرۇۋالالمايلا قالماي، يەنە نۇرغۇن زىيان تارتتى.
نەتىجىدە 5G تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەسىلىسىدە، ياپونىيە كارخانىلىرى ئىشەنچىسىنى يوقاتتى، قىزىقىشىنىمۇ يوقاتتى. « دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولۇش، پايدىغا ئېرىشىش ناتايىن» ، بۇ مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا ياپونىيە ئالاقە تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ پاسسىپ روھىي ھالىتى.
نۆۋەتتە، 5G تېخنىكىسى ساھەسىدە، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسىغا ئامېرىكىدىكى كۇۋالكوم شىركىتى يېتەكچىلىك قىلماقتا. خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى جەھەتتە فىنلاندىيەدىكى نوكىيا شىركىتى، شىۋېتسىيەدىكى ئېرىكسون شىركىتى كۆپ تۈرلۈك پاتېنتقا ئىگە. جۇڭگونىڭ خۇاۋېي شىركىتى كىچىكلەشتۈرۈش ۋە تۆۋەن باھا ئەۋزەللىكى بىلەن دۇنيادىكى %30تىن ئارتۇق بازارنى ئىگىلەپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى ياساش كارخانىسىغا ئايلاندى. 5G پاتېنت ساھەسىدە، كورېيەنىڭ سامسوڭ شىركىتى دۇنيا پاتېنتىنىڭ %8.9 ىنى ئىگىلىگەن، خۇاۋېي شىركىتى %8.3، كۇۋالكوم شىركىتى %7.4 نى ئىگىلىگەن، ياپونىيەنىڭ NTT شىركىتى 6-ئورۇندا بولۇپ، ئاران % 5.5نى ئىگىلىگەن.
ياپونىيە ئېغىر كىرىزىسنى ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن 6G تېخنىكا ساھەسىدە تىرىشىپ، ئالدىغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ.

يېقىندا ياپونىيە NTT گۇرۇھى قارمىقىدىكى ئۈسكۈنە تېخنىكا تەجرىبىخانىسى فوسفاتلاشتۇرۇلغان (InP) بىرىكمە يېرىم ئۆتكۈزگۈچتىن ياسالغان 6G دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۆزەكنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى ھەمدە 300GHz چاستوتا بۆلىكىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك سىمسىز يوللاش تەجرىبىسى ئېلىپ باردى، 16QAM مودۇلياتسىيەلىگەندە 6G لىق چوققا قىممەت سۈرئىتى 100Gbps غا يېتىدۇ.

微信图片_20200801230530.jpg

100Gbps سىمسىز يوللاش سۈرئىتى پەقەت بىر يۈكلىمە دولقۇندىن ئەمەلگە ئاشىدىغان بولغاچقا، كەلگۈسىدە كۆپ يۈكلىمە دولقۇنغا كېڭەيتىلىدۇ ھەمدە MIMO ۋە OAM قاتارلىق بوشلۇقنى تەكرار ئىشلىتىش تېخنىكىسى قوللىنىلىدۇ. بۇ خىل بىرىكىش ئارقىلىق ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك توپلاشتۇرۇلغان توك يولىنىڭ 400Gpbs تىن ئارتۇق چوڭ سىغىملىق سىمسىز يوللاشنى قوللىيالايدىغانلىقىنى، سۈرئىتىنىڭ 5G نىڭ 40 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ.
لېكىن تېز تەتقىق قىلىش تېز ئىشلىتىشكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. يېقىندا ياپونىيە ھۆكۈمىتى 5G مەخسۇس تورى مۇلازىمىتى چاستوتا سىپېكتىرى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماسىنى رەسمىي قوبۇل قىلىشقا باشلىدى.

بۇ تېخنىكىنىڭ مۆلچەرى خەۋەرلىشىش ۋە خەۋەرلىشىش ساھەسىدە ئىشلىتىلمىگەن تېراھېرتىسلىق چاستوتا بۆلەكلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، تەسۋىر ھاسىل قىلىش ۋە سېزىش قاتارلىقلار. NTT مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك توپلاشتۇرۇلغان توك يولى يېڭى مۇلازىمىتى ۋە كەسپىنى ئىشلىتىپ، تېخنىكا تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

يۇقىرى بەلگە نىسبىتى ۋە كۆپ قاتلاملىق تەڭشەش تېخنىكىسى سىمسىز خەۋەرلىشىش سىستېمىسى سىغىمىنى كۆپەيتكەچكە، كەسىپ ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ئۇلترا يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۆزەك تېخنىكا قوزغاتقۇچى كۈچ، بولۇپمۇ تېراھېرتس چاستوتا بۆلىكىدىكى سىمسىز ئالاقە سىستېمىسىدىكى يۇقىرى بەلگە نىسبىتى ۋە كۆپ قاتلاملىق مودۇلياتسىيەلەش جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.

سىمسىز تور ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى ئارقىلىق تارقىلىدۇ. ئېلېكتر دولقۇنى ۋە نۇر دولقۇنى ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىغا تەۋە.
ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۇنىڭ چاستوتىسى بەلگىلەيدۇ. ئوخشىمىغان چاستوتىدىكى ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنىڭ ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىك، ئوخشىمىغان ئىشلىتىش ئورنى بار.
چاستوتا قانچە يۇقىرى بولسا چاستوتا مەنبەسى شۇنچە مول بولىدۇ، چاستوتا مەنبەسى قانچە مول بولسا يەتكۈزدىغان ئۇچۇر شۇنچە كۆپ بولىدۇ، سۈرئىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
چاستوتا مەنبەسىنى پويىز ۋاگونىغا ئوخشاتساق، چاستوتا قانچە يۇقىرى بولسا ۋاگون سانى شۇنچە كۆپ بولىدۇ، بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە توشۇيدىغان يۈكمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى: چاستوتا قانچە يۇقىرى بولسا دولقۇن ئۇزۇنلۇقى شۇنچە قىسقا بولىدۇ، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قانچە قىسقا بولسا يەتكۈزۈش ئارقىلىق شۇنچە قىسقا بولىدۇ. توسالغۇلىدىن ئايلىنىپ ئۆتەلمەيدۇ. چاستوتا قانچە يۇقىرى بولسا سىگنالنىڭ ئاجىزلىشىشى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
4G LTE تورى 1880MHz دىن 2655MHz گىچە دولقۇن بۆلىكىنى ئىشلتىدۇ، يەنى مېگاھېرتىس بۆلىكىنى ئىشلىتىدۇ. 5G تورى  6GHz ۋە 28GHz دولقۇن بۆلىكىنى يەنى گېگاھېرتىسنى ئىشلەتتى. ئەمدى تېخىمۇ يۇقىرى سىمسىز تور تېزلىكىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تېراھېرتس بۆلىكى ئىشلىتىش كېرەك.
1THz=1000GHz يەنى بىر تېراھېرتس مىڭ گېگاھېرتىسقا تەڭ. ھازىر ئالىملار 0.1THz~10THz ئارىلىقىدىكى دولقۇننى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.

OIP.jpg

تېرا ھېرتىس دولقۇن بۆلىكى ئىنتايىن ئالاھىدە، چاستوتا سپېكترىدىن قارىغاندا، تېراھېرتس دولقۇنى پۈتكۈل ئېلېكتروماگنىت دولقۇن سپېكترى ئىچىدە مىكرو دولقۇن بىلەن ئىنفرا قىزىل نۇر دولقۇنى ئارىسىدا تۇرىدۇ؛ ئوپتىكا ساھەسىدىن قارىغاندا، تېراھېرتس دولقۇنى يىراق ئىنفرا قىزىل نۇر دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئېنېرگىيەدىن قارىغاندا، تېراھېرتس دولقۇن بۆلىكىنىڭ ئېنېرگىيىسى ئېلېكترون بىلەن فوتوننىڭ ئارىلىقىدا بولىدۇ.
ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، چاستوتىسى يۇقىرى، ئىمپۇلىس قىسقا، ئۆتۈشچانلىقى كۈچلۈك، ئېنېرگىيىسى ناھايتى كىچىك، ماددا ۋە ئادەم بەدىنىگە بولغان بۇزغۇنچىلىقى بىر قەدەر كىچىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلىدۇ.  تېراھېرتس « كەلگۈسى دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان ئون چوڭ تېخنىكا» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان، ئالىملار تېراھېرتس كەڭ قوللىنىش ئىستىقبالىغا ئىگە دەپ قارايدۇ.
مۇنداقچە ئېيتقاندا تېراھېرتىس ئېلېكتروماگنىت دولقۇن سىپىكتىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى بولۇپ، ئۇنىڭ يۇقىرىسى كۆرۈندىغان نۇر. شۇڭا 6G سىمسىز تورنىڭ يۇقىرى چېكى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

6G خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى 5G تېخنىكىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى بولۇپ ، 5G غا سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ يەتكۈزۈش سىغىمى 100 ھەسسە ئېشىشى مۇمكىن ، تورنىڭ كېچىكىشىمۇ مىللىسېكۇنتتىن مىكرو سېكۇنتقا تۆۋەنلەيدۇ. 6G تېخنىكىسى ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ، ئۇچۇر بوشلۇقى ۋە فىزىكىلىق دۇنيا (ئىنسان ، ماشىنا ۋە نەرسىلەر) دىن ئىبارەت ئۈچ يادرولۇق ئېلېمېنتنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي ، تۆتىنچى ئۆلچەملىك ئېلېمېنت-Genie نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. Genie مەۋھۇم دۇنيا سىستېمىسىدا مەۋجۇت بولۇپ ، ئىنسانلارنىڭ ئىشتىراك قىلماي تۇرۇپ ئالاقە ۋە قارار چىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. 6G تېخنىكىسى سۈنئىي ئەقىل ، گىرۋەك ھېسابلاش ۋە نەرسە تورىنى ئاساس قىلىپ ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قوللىنىشچان پروگراممىلار بىلەن تورنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەۋھۇم رېئاللىق، مەۋھۇم ئابۇنىچى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆچمە ئابۇنىتلارنى كۆپ ۋاسىتە، تورلاشقان پۈتۈن كۈنلۈك مۇلازىمەت ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

2019-يىلى 10-ئايدا، ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى NTT سونىي شىركىتى بىلەن بىرلىكتە، ئامېرىكا ئىنتېل شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ 6G تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. ياپونىيە-ئامېرىكا ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىدىغان بۇ تېخنىكا دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك خەۋەرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئىككى چوڭ تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىدۇ: بىرىنچى، نۇر ئارقىلىق قوزغىتىلىدىغان يېڭى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسى؛ ئىككىنچى، بىر قېتىم توك قاچىلاپ بىر يىل ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون.

微信图片_20200801230553.jpg

ياپونىيەنىڭ نىشانى: 2025-يىلىغا بارغاندا 6G ئاساسلىق تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى تاماملاش؛ 2027-يىلىغا بارغاندا 6G تېخنىكا سىنىقىنى باشلاش؛ 2030-يىلىغا بارغاندا 6G نى رەسمىي ئىشلىتىش.
لېكىن، رېئاللىق ناھايىتى كەسكىن بولۇپ، باشقا دۆلەتلەرمۇ قاراپ تۇرمايدۇ. 5G ساھەسىدە جۇڭگونىڭ خۇاۋېي، ياۋروپانىڭ نوكىيا، ئېرىكسون قاتارلىق شىركەتلىرى خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتىدا دۇنيانىڭ %80 بازىرىغا ئىگە بولدى. شۈبھىسىزكى، بۇ ۋەزىيەت 6G دەۋرىگىچە داۋاملىشىدۇ.
2019-يىلى 11-ئايدا، جۇڭگو پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە دۆلەت 6G تېخنىكا تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە ئومۇمىي مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، 6G تېخنىكا تەتقىقاتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاشنى رەسمىي جاكارلىدى. خۇاۋېيمۇ تەتقىقات ئاپپاراتى قۇرۇپ، يەنە بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى. كورىيە سامسۇڭ بىلەن LG ئېلېكترون بىرلەشمە تەتقىقات مەركىزى قۇردى، ھۆكۈمەت 976 مىليارد ۋون (تەخمىنەن 5 مىليارد 500 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) مەبلەغ چىقاردى. فىنلاندىيە ھۆكۈمىتىمۇ 6G تەتقىقات ئاپپاراتى قۇردى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپمۇ ھۆكۈمەتنىڭ كۇۋالكوم، ئىنتېل قاتارلىق كارخانىلارغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلىپ، 6G تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +2 يىغىش سەۋەبى
abdusamattura + 2 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

1ئادەم ئىنكاس يازدى

热情 ۋاقتى: 2020-8-2 12:05:08
توغرا رېئاللىق ناھايىتى كەسكىن ، باشقا دۆلەتلەرمۇ قاراپ تۇرمايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部