+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-8-1 11:33 906 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تېخنىكا تېز خەۋەرلىرى

مىكروسوفت TikTok نىڭ ئامېرىكىدىكى كەسپىنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىۋاتىدۇ.

1000.jpg

بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاۋغۇست سەھەردە خەۋەر قىلىنىشىچە، فوكس سودا سۇپىسى ئالاھىدە ئىپادە بىلدۈرۈپ، مىكروسوفت ھازىر TikTok (دوۋيىننىڭ خەلقئارا نۇسخىسى)نىڭ ئامېرىكىدىكى كەسپىنى سېتىۋېلىشنى مەسلىھەتلىشىۋاتىدۇ دېدى. فوكس سودا مۇنبىرىدىكى Charles Gasparino بىلدۈرۈشىچە، بۇ خەۋەر مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلاردىن كەلگەن بولۇپ، TikTok ياكى مىكروسوفتنىڭ باھاسىنى تېخى تاپشۇرۇپ ئالمىغان.

خۇاۋېي چىلىن ئۆزىكىنىڭ «مال ئۈزۈلۈپ» قالغانلىقى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتى

24161301502592.jpg

خۇاۋېي خەيسى ئۆزىكى «چەكلەش»كە ئۇچرىغاندىن كېيىن، خۇاۋېيمۇ لىيەنفاكې ئۆزىكى سەپلەنگەن يانفونلارنى بازارغا سېلىشقا باشلىدى، يېقىندا خۇاۋېي شىركىتى لىيەنفاكې تيەنجى 5G ئۆزەكلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون-خۇاۋېي مەيماڭ 9 نى بازارغا سالدى، بۇنىڭ بىلەن خۇاۋېي قىسقىغىنە  بىر ئاي ئىچىدە، چاڭشياڭ Z، چاڭشياڭ 20 P، روڭياۋ Play4، روڭياۋ X10 Max، روڭياۋ 30 ياشلىق نۇسخىسى ھەمدە مەيماڭ 9 دىن ئىبارەت ئالتە خىل تىپتىكى لىيەنفاكې تىيەنجى 800 بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يافوننى بازارغا سالدى.  9-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن كېيىن، خۇاۋېي خەيسى ۋاكالىتەن ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئۆزەك مەھسۇلاتلىرىنى داۋاملىق ئىشلەپچىقىرالمايدۇ، بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، خۇاۋېي چىلىن بىر تەرەپ قىلغۇچىسىدا «يېتىشمەسلىك» ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ، بۇ نۇقتا خۇاۋېي تەرەپنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەندەك قىلىدۇ، بەزى تورداشلار خۇاۋېي ئىگە تەرەپ سودا شەھەرچىسىدە خۇاۋېي بوبرا كېيىكى 990 ئۆزىكى سەپلەنگەن يانفوننىڭ تەشۋىقاتىدا كۆزنى چاقنىتىدىغان بىر قاتار چوڭ قىزىل خەتلەر پەيدا بولدى، يەنى: « كەم ئۇچرايدىغان بوبرا كېيىك 990 ئۆزەك»

شياۋمى ھىندىستاندا ئەرز قىلىندى.
ئالاقىدار ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون تېخنىكا پاتېنتىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ گۇمان قىلىنغانلىقتىن شىياۋمى ھىندىستاندا ئەرز قىلىندى.
كۆچمە ۋە كۆرۈنمە چاستوتا تەتقىقات قىلىش ۋە ئېچىش شىركىتى InterDigital ھىندىستاندا شياۋمى شىركىتىنى ئەرز قىلدى، شياۋمى 3G/4G تورىنىڭ ئىقتىدارىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ھەمدە كۆرۈنمە چاستوتىدا كود يېشىشكە چېتىشلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون پاتېنتىغا چېتىشلىق دېدى.

5f24ae45b15ec056360eed3c_1024.jpg

نۆۋەتتە InterDigital شياۋمى شىركىتىنىڭ ھىندىستاندا پاتېنتىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى ئۈچۈن تۆلەم تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سوت مەھكىمىسىنىڭ چەكلەش بۇيرۇقى ئارقىلىق شياۋمىنىڭ پاتېنتقا دەخلى-تەرۇز قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى.
شياۋمى ھازىر ھىندىستان بازىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ماركىسى بولۇپ، تەخمىنەن %29 بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى سامسۇڭ.  

ئامازون SpaceX قا جەڭ ئېلان قىلدى.

07f8c5a4dac94d4790863c8838c4d832.png

ئامازون 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ سۈنئىي ھەمراھ كەڭ بەلباغلىق تورى بەرپا قىلىپ، SpaceX نىڭ « يۇلتۇز زەنجىرى» گە جەڭ ئېلان قىلماقچى.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە خەۋەرلىشىش كومىتېتى تولۇق قوللىغان بېلەت تاشلاش نەتىجىسى بىلەن ئامازوننىڭ تۆۋەن ئوربىتىلىق سۈنئىي ھەمراھ ئالەم بوشلۇقى ئالاقە تورى پىلانىنى رەسمىي تەستىقلىدى، ئارقىدىنلا ئامازون 10 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ بۇ تورنى قۇرۇپ، ئېلون ماسك قارمىقىدىكى ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئىزدىنىش تېخنىكا شىركىتى SpaceX نىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە تورى بىلەن رىقابەتلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئالما سائىتى Apple Watch Series 6 كە قاندىكى ئوكسىگېننى ئۆلچەش سېنزورى ئىشلىتىلىدۇ.

1116477tafoz2vuz5t5o2s.jpg

DigiTimes نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، Apple Watch Series 6 بۇ يىل كېچىكىپرەك بازارغا سېلىنغاندىكەن، ئۇنىڭ ئىقتىدار تىزىملىكىگە قاندىكى ئوكسىگېننى ئۆلچەش ئىقتىدارى قوشۇلغان. خەۋەردار كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، Apple Watch 6 غا بىيولوگىيەلىك سېنزور سەپلىنىدىكەن، بۇ ئارقىلىق ئۇيقۇ ئەھۋالىنى ئۆلچىگىلى، قاندىكى ئوكسىگېننى ئۆلچىگىلى، تومۇرنىڭ سوقۇشى، يۈرەك سوقۇشى ۋە يۈرەك دالانچە تىترەشنى ئۆلچىگىلى بولىدىكەن، يەنە MEMS نى ئاساس قىلغان تېزلەتكۈچ ۋە گىروسكوپ قوشۇلىدىكەن، بۇلارنىڭ بىلەن يېڭى ئالما سائىتىنىڭ ئۆلچەش ئېنىقلىق دەرىجىسى تاقىغىلى بولىدىغان ئۈسكۈنىلەر ئىچىدە داۋاملىق ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن.

ئالمىنىڭ كىرىمى %10 تىن ئېشىپ، پاي چېكى باھاسىدا يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، دۇنيا بويىچە بازار قىممىتى ئەڭ چوڭ شىركەتلىك ئورنىغا قايتىپ كەلدى

222.jpg

بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىنىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ پاي باھاسى جۈمە كۈنى %10.47 ئۆرلەپ، بازار يېپىشتىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان، ئەڭ يۇقىرى باھا 425.66 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
ئالما شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى ھازىر 1 تىرىليون 840 مىليارد دوللارغا يېتىپ دۇنيا بويىچە بازار قىممىتى ئەڭ چوڭ شىركەت بولۇپ قالدى.

来源: 新浪科技,腾讯科技
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部