+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-31 11:18 920 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-7-31 11:18  

دۆلىتىمىزدىكى ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى ئالدىنقى يېرىم يىللىق 5G سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىندى، ئۇ بولسىمۇ 410 مىڭ 5G ئاساسىي پونكىتى قۇرۇلغان بولۇپ، ھەمدە ھەر ھەپتىدە 15 مىڭ دانە سۈرئەت بىلەن كۆپىيىۋاتىدۇ.

نۆۋەتتە، دۆلەت ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ 130 مىليون 5G يۈرۈشلۈك ئابونېتى بار.
بۇ نەتىجە پۈتۈن يەر شارىدىن قارىغاندا، خېلى مۇنەۋۋەر ھېسابلىنىدۇ، ئىلگىرىلەش سۈرئىتىمۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ، جۇڭگونىڭ 5G سۈرئىتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ دېيىشىدۇ.
ئەمەلىيەتتە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھازىر قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. چۈنكى 5G نى چوقۇم يولغا قويۇش كېرەك، يانفون كارخانىلىرى، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى كارخانىلىرى، جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمى بار، ھەتتا پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدا يېڭىلىق يارىتىش نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، چوقۇم قىلىش كېرەك.

ئەمما 5G نى يولغا قويۇش خەۋەرلىشىش شىركىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، نۆۋەتتە بىر تېگى يوق ھاڭ بولۇپ، 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنلىك بۇنداق زور سېلىنمىنى تىلغا ئالماي تۇرايلى، خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ خېرىدارلاردىن تاپقان پۇلى 5G ئاساسىي پونكىتىنىڭ توك ھەققىگە يەتمەيدۇ.

چۈنكى 5G غا تېخىمۇ يۇقىرى چاستوتىدىكى دولقۇن ئۇزۇنلۇقى، تېخىمۇ يۇقىرى ئىقتىدار ئىشلىتىلگەن، شۇڭا توك سەرپىياتى 4G دىن يۇقىرى.
مەلۇم خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بىر 5G ئاساسىي پونكىتىنىڭ توك سەرپىياتى 3.7KW دىن 3.8KW غىچە بولىدىكەن، ئەمما بىر 4G ئاساسىي پونكىتىنىڭ توك سەرپىياتى 930W بولىدىكەن، ناھايىتى ئېنىقكى، بىر 5G ئاساسىي پونكىتىنىڭ توك سەرپىياتى 4G ئاساسىي پونكىتىنىڭ 3 ھەسسىسىدىن 4 ھەسسىسىگىچە بولىدىكەن.

1000.jpg

5G نىڭ يوللاش ئارىلىقى يېقىن بولغاچقا، 5G ئاساسىي پونكىتىنىڭ سانى 4G ئاساسىي پونكىتىدىن خېلىلا كۆپ بولۇپ، تەخمىنەن 1.5 ھەسسىدىن يۇقىرى بولىدۇ، بىر 5G ئاساسىي پونكىتىنىڭ توك ھەققى 70 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ، مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا، ئوخشاش كۆلەمنى قاپلايدىغان 5G غا كېتىدىغان توك ھەققى 4G نىڭ بەش ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولىدۇ.

توك ھەققى چىقىمىنى ئازايتىش ئۈچۈن، تىجارەت ئورۇنلىرى ھەتتا نۇرغۇن كارخانىلار نۇرغۇن ئاماللارنى ئويلاپ تاپتى، مەسىلەن ئاككۇمۇلياتور سەپلەش دېگەندەك، ئەمما ئاككۇمۇلياتورنىڭ تەننەرخى بەك يۇقىرى.

ئەگەر مەملىكەت بويىچە پىلانلانغان 6 مىليون 5G ئاساسىي پونكىتى قۇرۇلۇپ بولسا، بۇ ئاساسىي پونكىتلارنىڭ بىر يىللىق توك چىقىمىلا 400 مىليارد يۈەن بولۇپ، 4G دەۋرىدىن 300 مىليارد يۈەن يۇقىرى بولىدۇ، ھالبۇكى، ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 2019-يىلىدىكى ساپ پايدىسى 150 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، توك پۇلىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ.

1000 (1).jpg

شۇڭا ھازىر خەۋەرلىشىش شىركىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەمەلىيەتتە ناھايىتى تەس، 5G نى چوقۇم قىلىش كېرەك، لېكىن تاپقان پۇل توك پۇلىنى تۆلەشكە يەتمەيدۇ، توك پۇلىنى ئابونتلارغا چېچىۋەتسە 5جى تورىنىڭ يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرگىلى بولمايدۇ. ئامال قىلىپ تېخىمۇ ياخشى لايىھە تېپىپ، قۇۋۋەت سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىش خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ ئالدىدىكى ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مۇھىم مەسىلە.

来源:腾讯科技

3ئادەم ئىنكاس يازدى

قاسساپ ۋاقتى: 2020-7-31 11:48:37
مىنىڭچە بولغاندا ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە يەنىلا ھاللىق سەۋىيەگە يىتىش.
5Gيۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنىڭ ئەڭ تۈۋىنى يۈز نەچچە يۈەن لېكىن 4Gيۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنىڭ تۈۋىنى يىگىرمە نەچچە تۈۋەن.
نۇرغۇن ئابۇنىتلارغا نىسپەتەن ھەر ئايدا يۈز نەچچە يۈەن تۈلەش  بىرخىل ئىسراپچىلىق ھەم 50 نەچچە يۈەنلىك 4Gيۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەر كۆپ قىسىم ئابۇنىتلارنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالايدۇ.
ئەگەر  كۆپلىگەن ئابۇنىتلارغا 5Gتورنىڭ يۈز نەچچە يۈەنلىك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىممەت يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەرنى ئىشلەتسە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىگە  نىسپەتەن چوڭ پايدا ئېلىپ كىلەلەيدۇ لېكىن يانچۇقتىن ھەر ئايدا ئوتتۇز نەچچە يۈەن چىقىرىش يۈز نەچچە يۈەن چىقىرىش كۆپ ئاساندە.
tursunxayar ۋاقتى: 2020-7-31 18:06:43
5ج ئۈسكۈنىسىنى ياسىغان ۋاقتىدا توك سەرپىياتىنى ئويلاشمىغانمىدۇ
Eliyop ۋاقتى: 2020-8-1 13:07:58
5G نى نوپۇسى زىچ چوڭ شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ ، يىزا بازار ياكى ناھيە بازىرلىرىىغا 4Gدە قۇياۋەرسىمۇ خاپا بولمايتۇق.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部