+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-31 11:18 744 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
30-ئىيۇل لېيجۈن مۇنداق بىر مىكروبلوگ يوللاپ يېڭى ئېلان قىلغان Redmi 9A يانفوننىڭ رەسىمىنى قىستۇردى: «دۇنيادا پەقەت بىرلا خىل ھەقىقىي قەھرىمانلىق بار، يەنى ھاياتنىڭ ھەقىقىتىنى بىلگەندىن كېيىن ، يەنىلا ھاياتنى سۆيۈش»

s_6a72b19fb9134b8cad5e3c0f60989a82.png

بۇ جۈملە رومىن روللاننىڭ «مىچېلانگېلونىڭ تەرجىمىھالى» دىن ئېلىنغان. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، رومىن روللان (Romain Rollan)  ‏1866 - يىلى فىرانسىيەنىڭ كرامۇس شەھىرىدە تۇغۇلغان، مۇتەپەككۇر، ئەدىب، تەنقىدىي رېئالىزملىق يازغۇچى، مۇزىكا ئوبزورچىسى، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، 1915 – يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 20 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى فىرانسىيەنىڭ مەشھۇر ئىنسانپەرۋەر يازغۇچىسى.

2018-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى، شياۋمى شياڭگاڭ ئاكسىيە بىرژىسىغا خېرىدار چاقىرىش خېتى تاپشۇرۇپ، شياۋمىنىڭ بازارغا سېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. ئارقىدىن لېي جۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا « شياۋمى كىم، شياۋمى نېمە ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ» دەپ ئوچۇق خەت يازدى.
لېي جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شياۋمى نوقۇل قاتتىق دېتال شىركىتى بولماستىن، بەلكى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق قوزغىتىلىدىغان ئالاقە تورى شىركىتى. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، شياۋمى يانفون، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتتىق دېتال ۋە IT سۇپىسىنى يادرو قىلغان ئىنتېرنېت شىركىتى.
ئۆزگىچە« ئېكولوگىيە زەنجىرى ئەندىزىسى» ئارقىلىق، شياۋمى مەبلەغ سېلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئوخشاش پىكىردىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە تۈرتكە بولۇپ، يانفون كەسپىنى چۆرىدەپ يانفون زاپچاسلىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتتىق دېتال، تۇرمۇش ئىستېمال مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ قەۋەتلىك مەھسۇلات ماترىتساسىنى بەرپا قىلدى. ھازىر، شياۋمى 90 دىن ئارتۇق ئېكولوگىيە زەنجىرىدىكى كارخانىغا مەبلەغ سېلىپ، يۈزدىن ئارتۇق كەسىپنى ئۆزگەرتتى، كەلگۈسىدە بۇ سان تېخىمۇ زورىيىدۇ.

شياۋمىنىڭ بۇرچى «كىشىلەرنىڭ قەلبىگە، ۋە مەھسۇلات باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان» ياخشى مەھسۇلات ياساشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەر بىر كىشىنى پەن-تېخنىكا ئېلىپ كەلگەن گۈزەل تۇرمۇشتىن بەھرىمەن قىلىش.
يېقىندا، شياۋمى Redmi 9A نى ئېلان قىلدى، سېتىلىش باھاسى ئاران 599 يۈەن. لېي جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى، Redmi 9A ئىقتىدارى، سەپلىمىسى ۋە كىشىلەرگە بولغان تەسىرى ئوخشاش دەرىجىدە تەڭداشسىز.

175239cw0kgbs3ojd60pbt.jpg

Redmi 9A  يانفونغا Helio G25 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن. باتارىيەسى 5,000mAh ، ئېكرانى  6.53 دىيۇم، سىغىمى 4GB RAM + 64GB
سىستېمىسىغا Android 10 ئاساسىدىكى MIUI 12 قاچىلانغان.

رومىن روللاننىڭ ئاۋۇ گېپى بىلەن بۇ يانفوننىڭ قانداق باغلىنىشى بار؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部