+تېما يوللاش
t-burkut يوللانغان ۋاقتى:2020-7-30 20:09 480 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-7-31 10:42  



iPhone 7 ئاق ئالما بولۇش، قايتا قوزغۇلىش،سېستىما يازسا 4013 خاتالىق چىقىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى




timg (5).jpg


1.webp.jpg

بۇ خاتالىق مەلۇم قىلىش كودى iphone7 ئىچىدە ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدۇ، ئەمما يەنىلا قىسمەن رېمونتچىلار رېمونت قىلىش يۆنىلىشىنى بىلمەيدىغان ئەھۋال بار، مەسىلەن  بۇ تېلېڧون بىر قېتىم رىمونىت قىلىنغان لېكىن مەسىلە ھەل بولمىغان.


2.png


دېمەك بۇ تېلېڧوننى ئىككىنچى قېتىم رېمونت قىلىشقا توغرا كەلدى ، 4013 ئالدى بىلەن قاتتىق دىسكا مەسىلىسىنى ئويلاشتۇق، قاتتىق دىسكا مەسىلىسىنى 4013 دەپ خاتا مەلۇم قىلغانمۇ؟ ئەلۋەتتە بۇ مەسلىنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ، ئادەتتە قاتتىق دىسكىدىن كېلىپ چىققان خاتالىق 4013 سېستىما يېزىشنىڭ ھەممىسى سېستىما قاچىلانغاندىكى سىزىق مەلۇم ئورۇنغىچە  ماڭىدۇ. 2-قېتىم رېمونىت قىلىنغانكەن بىز چوقۇم ئالدى بىلەن نۇقتىلىق ئۆلچىنىدىغان ئىككى گۇرۇپپا قارشىلىق قىممىتى كەم بولسا بولمايدۇ.


3.png


بۇ ئىككى گۇرۇپپا PP-1V0-LDO9 ۋە  PP-1V0-SMPS5 نىڭ قارشىلىق قىممىتى نورمال بولماسلىق ئەھۋالىغا ئاساسەن بىزنىڭ رېمونت قىلىش تەجىربىمىز بويىچە ئېيتقاندا، ئاساسىي جەھەتتىن بۇ 4013 خاتالىقىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئەمەس، بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، ھەممىسى ئاساسىي تاختا قەۋىتىنى لايىھەلەش مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پۇت ئورنىنىڭ ئاسان ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان مەسىلە. ئالدى بىلەن  ئاستىدىكى قارشىلىق قىممىتىنى ئۆلچەيمىز تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:


4.png 5.png




قارشىلىق قىممىتى نورمال بولسا، كىچىك توك مەنبەسىنى بىۋاسىتە چۇۋۇپ، كۆپچىلىككە كىچىك ماھارەت (كىچىك توك مەنبەسىنى ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز بولغان ئەھۋال ئاستىدا، رېمونت قىلىش جەريانىدىمۇ قەلەيگە چېقىلماسلىق كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەلەي دۇرىسىنى سەل-پەل جايىغا قويۇپ، ئۆزەك بىلەن ھەر بىر كەپشەر نۇقتىسىنىڭ تەكشى، تۇتىشۋالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، بىردەمدىن كېيىن بىۋاسىتە جايىغا ئورنىتىپ قويسىلا بولىدۇ) ، بۇ خىل ھالەت تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بولىدۇ.


6.png


بىۋاستە ئەسلىدىكى كىچىك توك مەنبەسىنى ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن، قايتا سېستىما يېزىپ سىناپ باقىمىز.


7.png


بۇ كاشىلىنىڭ دەسلەپكى رېمونت قىلىش يۆنىلىشىمۇ خاتا بولدى، مۆلچەرلىنىشىچە، ئالدى بىلەن كىچىك توك مەنبەسىنى قايتا كەپشەرلەپ سېستىما يازساقمۇ   يەنىلا ئوخشاش4013 خاتالىق چىققان بولۇپ، قاتتىق دىسكىنى قايتا ئورنىتىشنى تاللىدۇق، لېكىن يەنىلا مەسىلە ھەل بولمىدى، بۇنداق مەسىلە كۆرۈلگەن  نۇرغۇن تېلېڧوننى كەپشەرلەش ئارقىلىق ھەقىقەتەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، بىر نەچچە كۈن، ھەتتا بىر ئايدىن كېيىن قايتا رېمونت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. توك ئېقىمى جەھەتتىن بۇ كاشىلىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۇسۇلى توك قاچىلىسا توك قاچمايدۇ، قوزغىتىش توكى 550 تىن ئېشىپ كەتسىلا قايتا قوزغىلىدۇ، توك مەنبەسىدىن چۈشۈپ كەتسە نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ.




8.png


مەسىلىنىڭ ئەسلى سەۋەبى: ZXW (تېلېڧوننىڭ قاتتىق دېتال دىئاگىراممىسى ۋە رېمونىت قىلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان ئۈسكۈنە)ئارقىلىق ئاساسىي تاختا قەۋىتىدىن ئىنتايىن ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ، كىچىك توك مەنبەسىنىڭ مېڭىش سىزىقىدا 98- پۇتتىن باشقا، 99 -پۇت 100- پۇت ۋە باشقا پۇت ئورنىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۈزۈلۈپ كېتىش ئەھۋالى بار، يان تېلېفوننى رېمونت قىلىشتا ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ماھىرلىق بىلەن كۆزەتكەندە، ئاندىن مەسىلىنى تېز سۈرئەتتە  ھەل قىلغىلى بولىدۇ.




9.png


دېمەك يۇقاردا ئېيتىپ ئۆتكەن ئورۇنلارنى قايتىدىن كەپشەرلىسەك ئاندىن بۇ تېلېڧوننىڭ يۇقارقى مەسىلىسى تامامەن ھەل بولىدۇ.



يانڧون رېمونىت قىلىشقا ئائىت تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار ئىزدەي سالونىمىزدا


تېمىغا نىسبەتەن قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部