+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-30 11:52 721 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-7-30 11:41  

27-ئىيۇل كەچتە، تېڭشۈن سوگۇغا دەسلەپكى چەكلىمىسىز سېتىۋېلىش تەكلىپىنى بەردى، ھەر بىر پاينىڭ سېتىۋېلىش باھاسى 9 دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، سوگۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئوبوروت پېيى ۋە تېڭشۈننىڭ ئىلكىدىكى پاي ئەھۋالىغا ئاساسەن ھېسابلىغاندا، تېڭشۈننىڭ سوگۇنى سېتىۋېلىش چىقىمى 14 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ.

微信图片_20200730113113.jpg
بۇ خەۋەر چىقىشى بىلەن سوگو پاي باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى %48 كە يەتتى.

سوگۇنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋاڭ شياۋچۈەن دوستلار چەمبىرىكىدە تېڭشۈنگە رەھمەت ئېيتتى، سوخۇ مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جاڭ چاۋياڭمۇ قوللاش پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى. ئۆزىنىڭ %6.5 پېيىنى پۈتۈنلەي سېتىپلا قالماي، يەنە بېلەت تاشلاش ھوقۇقىنىمۇ بۇ قېتىمقى سودىنى قوللاشقا ئىشلىتىدۇ.

微信图片_20200730113125.jpg

بۇنىڭغا ئاساسەن يەتتە يىلغا سوزۇلغان ئۈچ بۇلۇڭلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
ئىزدەش موتورى PC دەۋرىدىكى ئىستراتېگىيەلىك دەرىجىلىك سودا ئەندىزىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆچمە ئالاقە تورى دەۋرىدە تەدرىجىي ئاجىزلىشىۋاتىدۇ، ھازىرقى سوۋگو بەلكىم ئىككىنچى لىنىيەگىمۇ كىرەلمەسلىكى مۇمكىن. بۇ قېتىم « ئىزدەش» تىن « تېڭشۈنگە» غا ئۆزگىرىش سوگو ئۈچۈن يېڭى ئېقىم پۇرسىتىدىن دېرەك بېرىدۇ، تېڭشۈن ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەم ئىزدەش كەسپىنىڭ مۇكەممەللىكى، ھەم AI بۆلىكىنىڭ تولۇقلىنىشى، ئانا شىركەت سوخۇ ھەقىقىي نەق پۇلغا ئېرىشىپ، يېڭى مۇسابىقە مەيدانى ئېچىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ.

بۇ قېتىمقى سېتىۋېلىشنىڭ باشلانغىنى ئەمەلىيەتتە ئىزدەش بازىرىدىكى يېڭى جەڭ. بۇ يىل 3- ئايدا، زىجىيې تىياۋدوڭ (字节跳动 توۋتىياۋ تورىنىڭ قۇرغۇچىسى) توۋتىياۋ ئىزدەشنى چىقاردى؛ ئۈچ ئايدىن كېيىن، ئەلى بابا يېڭىلىق يارىتىش كەسپىي توپىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىزدەش كەسپىي بۆلۈمى قۇرۇپ، قارىمىقىدا ئىزدەش ئەپنى كېڭەيتتى؛ ئۈندىداردا ئىزدەشمۇ ئۆزىدىكى ئېكولوگىيەنى ئاساس قىلىپ تەسىر دائىرسىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى.
لېكىن بىز ئوخشاش بولمىغان ئەپلەردىن ئوخشاش بولمىغان نىشانلارنى ئىزدەشكە ئادەتلىنىپ قالدۇق، مىكرو بىلوگدا قىزىق نۇقتىلارنى ئىزدەش، تاۋباۋ ئارقىلىق تاۋارلارنى ئىزدەش، دىيەنپىڭدىن مېھمانخانا ئىزدەش... دېگەندەك.
«تېڭشۈننىڭ سوگۇنى يۇتىۋېلىشى» پەقەت بىر باشلىنىش.
سوۋگوۋ كىرگۈزگۈچنىڭ ئاستىغا «پۇقرالار كىرگۈزگۈچى» دېگەن خەت يېزىلغان، بۇ مۇبالىغە ئەمەس، قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ DAU (كۈندىلىك ئاكتىپ ئىشلەتكۈچىلەر سانى) 480 مىليونغا يېتىپ، كۈەيشۇدىن ئېشىپ كەتكەن.
微信图片_20200730113132.jpg

كىرگۈزگۈچ ھەقسىز تۇرسا ئۇنىڭدىن قانداق پۇل تاپىدۇ؟
ئىزدەش PC دەۋرىدىكى ئاساسلىق ئېقىم مىقدارى كىرىش ئېغىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەنىلا مۇھىم بازار دەپ قارالماقتا. سوگومۇ بەيدۇغا يېتىشىۋېلىش، 360 قا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا چوڭ زاۋۇتلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا، سوگو باشتىن-ئاخىر كەسىپنىڭ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 2019-يىللىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بەيدۇدىن ئىزدەش نىسبىتى %67.09 بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلىگەن، سوۋگودىن ئىزدەش نىسبىتى %18.75 بازار ئۈلۈشى بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. 2019-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا، بەيدۇنىڭ تىجارەت كىرىمى 107 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولغان، سوگۇنىڭ تىجارەت كىرىمى ئاران 8 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، بەيدۇنىڭ ئوندىن بىرىگە يەتمىگەن.

كىرگۈزگۈچ + ئىزدەش + تور كۆرگۈ، سوگو كىرىمىنىڭ ئۈچ ئاساسلىق نۇقتىسى، ئىزدەش ئېقىم مىقدارى ۋە كىرىم ئېلىپ كېلىدىغان ئاساسلىق مەھسۇلات بولۇپ، سوگو كىرىمىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئىگىلەيدۇ. كىرىم قۇرۇلمىسى نىسبەتەن يەككە، مەسىلەن، AI، ئەقلىي ئىقتىدارلىق داۋالاش قاتارلىقلار، گەرچە يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى نۇقتىلىق كۈچ چىقىرىش ساھەسى بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا تىجارەت كىرىمى ئېلىپ كەلمىدى، ئەكسىچە تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە تىجارەت تەننەرخى شىركەتنىڭ پايدىسىنى ئاشۇرۇپ بېسىم پەيدا قىلدى.
غايەت زور ئىشلەتكۈچىسىگە ئىگە سوگۇ كىرگۈزگۈچىسى سوگۇ ئىزدەش، تور كۆرگۈگە ئېقىم باشلاپ ئەكىرىدۇ.
ئەمما بۇ تېڭشۈننىڭ دو تىكىشىنىڭ سەۋەبى ئەمەس، گەرچە سوگوۋ كىرگۈزگۈچ ئومۇمىي خەلق ئىشلىتىدىغان قورالغا ئايلانغان بولسىمۇ، قارىماققا ناھايىتى چوڭ بولغان بۇ ئېقىم مىقدارىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش تەس، ئىشلەتكۈچىلەر كىرگۈزگۈچنىڭ ئەپ دېتالىدا ساقلىنىپ قالمايدۇ، ئەمەلىي قىممەت يارىتالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قورالنىڭ خاسلىقى قانچە كۈچلۈك بولسا، بۇ غەلىتە چەمبىرەكتىن چىقىپ كېتىشى شۇنچە تەس.

微信图片_20200730113351.jpg

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تېڭشۈن سوگۇغا پاي قوشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قىممەت يادروسى قوشۇلدى.

سوگو ئىزدەش تورىغا ئۈندىدار سالون سانلىق مەلۇماتى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئابونتلار سوگو ئىزدەش نەتىجىسى بېتىدە ئىزدەش سۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئۈندىدار سالون ۋە بارلىق ماقالىلەرنى كۆرەلەيدۇ. تېڭشۈننىڭ ئېقىم مىقدارى سوگونىڭ بىر چوڭ ئېقىم مەنبەسى بولۇپ قالدى، يەنە بىر تەرىپى بولسا سوگو ئاللىقاچان ئۈندىدار ئىزدەش ئىقتىدارىنىڭ تېخنىكا قوللىغۇچىسى بولۇپ قالدى.

سېتىۋېلىش ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر خىل مۇناسىۋەتنىڭ مۇستەھكەملىكىگە تېخىمۇ ئوخشايدۇ، سوگۇنىڭ ئېقىم مىقدارى كىرىش ئېغىزى تېخىمۇ مۇقىم بولىدۇ، ئەمما تېڭشۈننىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى بەلكىم تېخىمۇ مۇستەھكەم قورغان بولۇشى مۇمكىن.

ھازىر ئەنئەنىۋىي ئىزدەش ساھەسىدە بەيدۇ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئەھۋال بارغانسېرى ئاجىزلىشىۋاتىدۇ، ئەمما سوگو قاتارلىق باشقا رەقىپلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەتۈر ئېشىپ كېتىش پۇرسىتى يوق، چۈنكى ئۇلارمۇ ئاجىزلىشىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئارقىسىدا پۈتكۈل ئىزدەش بازىرى ئۈندىدار، توۋتىيا قاتارلىق ماگناتلار پىلە قۇرتىدەك پارچىلىنىۋاتىدۇ، ئەنئەنىۋى ئىزدەش بازىرى كىچىكلەۋاتىدۇ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىزدەش بازىرى كېڭىيىۋاتىدۇ.

5f2158bfb15ec063a63b5b9b_1024.jpg

خۇددى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ ئىجادچىسى ياڭ زىچاۋ ئېيتقاندەك، تېڭشۈننىڭ بۇ قېتىم سوگونى سېتىۋېلىشىدا، ئاساسلىقى بىر قانچە چوڭ سەۋەب بار: 1. ئۈندىدارنىڭ ئىزدەش مەزمۇنى ئارقىلىق PC نىڭ ئىزدەش ئۈلۈشىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش؛ 2. سېتىۋېلىش ئارقىلىق، يەنىمۇ ئىستراتېگىيەلىك ھالدا ئىزدەش چوڭ بازىرىغا قايتىش؛ 3. PC ۋە ئۈندىدار قوش ئىزدەش موتورى ئارقىلىق مەزمۇن كۆرسىتىش ھېسابلاش ئۇسۇلىغا يەنىمۇ قارشى تۇرۇش.

ئىزدەش ئۈندىدارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جاڭ شياۋلوڭنىڭ سۆزى بويىچە، « ئابۇنىچىلار ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە ئىزدەشتىن ئىبارەت ئىككى يول ئارقىلىق ئېرىشىدۇ» .
چۈنكى يېڭى بىر ئەۋلاد ئىزدەش مۇلازىمىتى ئەپكە كىرگۈزۈلۈپ، دەرىجىدىن تاشقىرى سۇپىنىڭ بىر تۈرلۈك ئۇل قۇرۇلۇشىغا ئايلاندى. بولۇپمۇ كىچىك پىروگرامما ئېكولوگىيەسىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ يۈزلىنىش بارغانسېرى روشەنلەشمەكتە.

5f2158bfb15ec063a63b5b97_1024.jpg

ئۈندىدار ئىزچىل ھالدا ئۆزىنى مەشغۇلات سىستېمىسى دەپ بېكىتىپ كەلدى، ئەمما كىچىك پروگرامما دەل بۇنىڭ ئىچىدىكى APP ئېكولوگىيەسىدۇر. لېكىن، كىچىك پىروگراممىنىڭ ئىشلىتىلىشى بىلەن ئابونىتلارنىڭ سالون ماقالىسىنى كۆرۈشى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل لوگىكا بولۇپ، ئالدىنقىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ ئىزدەش ئاساسىدا، كېيىنكىسى پاسسىپ ئۇچۇر يوللاش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، كىچىك پىروگراممىلىق ئىزدەشنىڭ تەڭشىلىشى بىر پارچە ماقالىنى ئىزدەش بىلەن ئوخشىمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ زور مىقداردىكى ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى تېز سۈرئەتتە ئېرىشىش. شۇڭا، ئابۇنىت مەلۇم بىر كىچىك پىروگراممىنى ئىشلەتمەكچى بولغاندا، تەلەپمۇ ئەڭ تېز ئۇسۇل بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ، ئابۇنىچى تەبىئىي ھالدا ئىزدەشكە تايىنىدۇ. شۇڭا، ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسىنى ئىزدەشنىڭ مۇھىملىقىغا گەپ كەتمەيدۇ.

微信图片_20200730113405.jpg

ئەگەر 10 يىل بۇرۇنقى ئىزدەش بازىرى ئېلان كىرىمىنى تالىشىش ئۈچۈن دېيىلسە، ھازىرقى ماگناتلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىزدەش موتورى ئۆز كەسپى ئۈچۈن ئۆز-ئارا ئېقىم باشلاشتىكى مۇھىم يولغا تېخىمۇ ئوخشايدۇ.
مەسىلەن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىزدەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سۇپىسى ۋە تاۋارلىرىنى دەل جايىدا يوللىغىلى بولىدۇ، ئىزدەش ئارقىلىق شەكىللەنگەن ئىشلىتىش ئادىتىمۇ خېرىدارلارنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىلىق؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ئابۇنىتلار ئىزدەش ئارقىلىق زور مىقداردا سانلىق مەلۇمات پەيدا قىلىپ، بازار ئېھتىياجى نۇقتىسىنى كۆزىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.

چۈنكى كۆچمە ئالاقە تورى ئېلىپ كەلگەن «يېگانە ئارال ئېففېكتى» مۇ ئېكولوگىيەلىك يېپىق ھالقىنى شەكىللەندۈردى، ھەر قېتىملىق ئىزدەشتە ھەمتۈرتكىلىك رول ئوينايدىغىنى سۇپىنىڭ ئېكولوگىيەلىك چەمبىرىكى بولدى. مەسىلەن، سىز تاۋباۋدىن بىرەر تاۋار ئىزدىڭىسىىڭز، كېيىنكى قەدەمدە سىزنى بىۋاسىتە سۇپىدا زاكاز قىلىشقا يېتەكلەيدۇ، ئۇنداقتا بىر قاتار ئەشيا ئوبوروتى، چىقىم قىلىش، تەقسىملەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە كىچىككىنە بىر ئىزدەش رامكىسىدىن كەلگەن.
بىر جۈملە سۆز بىلەن يىغىنچاقلىغاندا: ئىزدەشتىن باشلىنىدۇ، ئاخىرى ئېكولوگىيەگە تەرەققىي قىلىدۇ.
بۇمۇ نېمە ئۈچۈن ئالىپاينىڭ ئىزدەش كەسپىگە كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ، ئۈندىدارنىڭ لوگىكىسىغا ئوخشاش، ئىزدەش ئارقىلىق ئالىپاينىڭ كىچىك پروگرامما ئىقتىدارىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، ئۇنى بىر پۇل تۆلەش قورالى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى يەرلىك تۇرمۇشنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى سۇپىسى قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.

微信图片_20200730113413.jpg

ھازىر يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىزدەش ئۇرۇشى دېگەندىن كۆرە، ئەپتىكى ئىزدەش رامكىسى ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش دېگەن تۈزۈك، بۇنداق تالىشىش پەقەت ماگناتلار ئارىسىدىكى ئىقتىدار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. يېڭىدىن قۇرغاندىن مۇشۇنداق مۇئەييەن ئېقىمى بار ئىزدەش ماتورىنى سېتىۋېلىپ ئۆزىگە قۇشۋېلىش ماگناتلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部