+تېما يوللاش
t-burkut يوللانغان ۋاقتى:2020-7-29 14:18 702 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-7-29 19:30  

​ئەگەر iPhonex بەك قىزىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟ ئالما iPhonex ئوچۇق ھالەتتە توك قاچىلىمايدۇ، ئېتىك ھالەتتە توك قاچىلايدۇ بۇ مەسىلىنى  ھەل قىلىش چارىسىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.




iPhonex
11.jpg
ئەگەر iPhonex بەك قىزىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟ ئالما iPhonex ئوچۇق ھالەتتە توك قاچىلىمايدۇ، ئېتىك ھالەتتە توك قاچىلايدۇ بۇ مەسىلىنى  ھەل قىلىش چارىسىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.


قىسقىچە مەزمۇنى:

مەن  بىر خېرىداردىن ئېچىلمىغان iPhonex تاپشۇرۇۋالدىم. ئىلگىرى تېلېڧون بەك قىززىپ كىتىپتىكەن.تەكشۈرۈش ئارقىلىق  u2 نىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان مەسىلە ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. شۇنىڭ بىلەن U2 نى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ، تېلېڧون نورمال قوزغالدى ، ئەمما تېلېڧوننى ئاچقاندا توك قاچىلىغىلى بولمايدىغان  ، تېلېڧوننى ئۆچۈرگەندە توك قاچىلىغىلى بولىدىغان ئەھۋال كۆرۈلدى.تورداشلار بۈگۈن بىز بىرلىكتە مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى كۆرۈپ باقايلى.





3.jpg






IPhone X توك قاچىلىمايدۇ ھەمدە تېلېڧوننى قوزغاتقاندا توك قاچىدۇ. USB كونترول لامپىسى U3300 قىززىغان. شۇڭا U3300 نى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ، چوقۇم تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن R3600 نىمۇ ئالماشتۇرۇشىڭىز كېرەك.

تۆۋەندە كۆرسىتىلگەندەك قىسقا توك يولى:



1.webp.jpg





بۇ قارشىلىق(R3600) توك قاچىلاش IC ئىچىدىكى ياردەمچى بۆلەك VBUSI نىڭ كىرگۈزۈش يولىدىكى

قوغداش قارشىلىقى بولۇپ ، ZXW (تېلېڧوننىڭ توك يول خەرىتىسىنى تەمىنلەيدىغان ئۈسكۈنە)دىكى ماس سىخېما دىئاگراممىنى تۆۋەندىكىدەك تېپىڭ:





8.webp.jpg



بۇ لىنىيە توككا چېتىش ئېغىزىدىكى   v5  توك بېسىمىنى A5 پۇتقا كىرگۈزۈپ، ئاندىن توك قاچىلاش     U3600 IC نىڭ ئىچكى توك يولى ئارقىلىق A4 پۇتقا چىقىرىلىدۇ، ئاندىن R3360 ئارقىلىق USB كونترۇل قىلىش لامپىسى U3600 نىڭ G6 پۇتىغا بارىدۇ.



9.webp.jpg








U3600   نىڭ G6 پۇتىنىڭ قارشىلىق قىممىتى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن U3600 قىزىپ كېتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە توك ئېقىمى چوڭىيىپ كېتىدۇ ، بۇ ئاخىرىدا R3600 نىڭ قوغداش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كىتىپ بۇ قارشىلىقنىڭ كۆيۈپ كىتىشىنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. U3600 نىڭ G6  پۇتى قىزىغاندا ،   U3600 نى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن چوقۇم R3360 نى قىسقا تۇتاشتۇرۇش  كېرەك ، بولمىسا تېلېڧون ئېتىلگەندە  توك قاچىلىغىلى بولىدۇ، ئوچۇق ھالەتتە قاچىلانمايدۇ.


4.webp.jpg






خۇلاسە:



تېلېڧون تىپى: iPhone X.



تېلېڧوندىكى مەسىلە: توك قاچىلىماسلىق



U2 كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېقىپ كېتىش U2 نى ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن PP_VBUS1_E75_RVP بۆلىكىدىكى

قارشىلىق  R3360 نى چوقۇم قىسقا تۇتاشتۇرۇش كېرەك ، بولمىسا ئاچقاندا توك قاچىلىمايدۇ ، تاقالغاندا توك قاچىلىغىلى بولىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز سالونىمىزنى قۇشۇۋېلىڭ
qrcode_for_gh_60a1fa2bc855_860.jpg
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部