+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-28 11:30 499 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
قوش يېرىق تەجرىبسى فىزىكىدىكى ئەڭ قىزىقارلىق ۋە ئەڭ مۇھىم تەجرىبىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ تەجرىبە ئارقىلىق زەررىچىلەرنىڭ ھەم زەررىچىلىق ھەم دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىپ بېرىلگەن. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىزىكا ئالىمى رىجارد فېينمەن (Richard Feynman) نىڭ قارىشىچە بۇ تەجرىبە كۋانت مېخانىكىنىڭ يۈرىكى (جەۋھىرى) بولۇپ، ئۇنى كىلاسسىك مېخانىكا بىلەن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەسكەن [1].
بۇ بىر مىكرو دۇنيانى چۈشىنىشتىكى ئاچقۈچلۇق تەجرىبە بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ مىكرو دۇنياغا بولغان قاراشلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى ۋە نۇرغۇن باشقا پەنلەرگىمۇ تەسىر قىلغان.
بۇ تەجرىبىنىڭ سېخىمىسى تۆۋەندىكى 1-رەسىمدە كۆرسىتىلگەن. سول تەرەپتىكىسى زەررىچىلەر مەنبەسى بولۇپ، زەررىچىلەرنى تېز سۈرئەتتە ئېتىپ چىقىرىدۇ. ئوتتۇرىدىكى زەررىچىلەر ئۆتىدىغان قوش يېرىق. ئوڭ تەرەپتە ئېكران بولۇپ، ئۇنىڭدا زەررىچىلەرنىڭ چۈشكەن ئورنى خاتىرىلىنىدۇ.

微信截图_20200728110510.jpg

تەجرىبىدە زەررىچىلەر قوش يېرىققا قاراپ ئېتىلغان ۋە زەررىچىلەرنىڭ تارقىلىشى ئېكراندا كۆزىتىلگەن. ئالىملار زەررىچىلەر ئېكراندا ئىككى تال سىزىق ھاسىل قىلىدۇ دەپ پەرەز قىلغان. ئۇلارنىڭ پەرزىدە خۇددى تۆۋەندىكى 2-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، زەررىچىلەر ئىككى تۈز سىزىق شەكىللەندۈرىدۇ دەپ قارىغان. بۇنى زەررىچە نۇسخسى دەپ تۇرايلى.

微信截图_20200728110730.jpg
2-رەسىم: زەررىچىلەر ئىككى تۈز سىزىق شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ زەررىچە نۇسخىسى دېيىلىدۇ.

ئەمما تەجرىبە نەتىجىسى ئويلىمىغان يەردىن ئېكراندا ئىككى ئەمەس، بەلكى ئىككىدىن ئارتۇق سىزىقلار كۆرۈلگەن. زەررىچىلەرنىڭ ئېكراندىكى تارقىلىشىنى ئاددىي قىلىپ تۆۋەندىكى 3- رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك سىزىش مۇمكىن.
بۇ ئېنگلىز تىلىدا interference pattern دېيىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا ئىنتېرفېرىنسىيە نۇسخسى دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ lnterference دېگەن سۆز دەخلى قىلىش، ئارىلىشىش دېگەندەك مەنىلەردە بولۇپ، بۇ نۇسخا ئىككى دولقۇن مەنبەسىدىن چىققان دولقۇنلارنىڭ ئۆز-ئارا ئارىلىشىش ۋە تەسىر قىلىش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن دەپ قارىلىپ شۇنداق ئىسىم قويۇلغان.

微信截图_20200728110751.jpg

زەررىچىلەرنىڭ ئىنتېرفېرىنسىيە نۇسخسى شەكىللەندۈرۈشى ئالىملارنى ھەيران قالدۇرغان. بۇنداق تارقىلىش نۇرنىڭ ئىككى يېرىقتىن ئۆتۈپ شەكىللەندۈرۈلگەن تارقىلىشىغا ئوخشاش بولۇپ، پەقەت نۇرغا ئوخشاش دولقۇنلۇق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغاندا مۇشۇنداق تارقىلىش شەكىللەندۈرەتتى.
بۇنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن فىرانسۇز فىزىكا ئالىمى لۇئىس دې بروي Louis de Broglie  ئۆزىنىڭ 1925- يىلى يازغان دوكتورلۇق ماقالىسىدە: «بارلىق ماددىلار ھەم زەررىچىلىك ھەم دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە» [2] دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ ماقالىسىنى كۆرگەن تەكشۈرگۈچىلەر قانداق قىلىشنى بىلەلمەي، ئېنىشتىينغا ئەۋەتىپ بەرگەن. ئېنىشتىين بۇ قاراشنى قوللىغان. شۇنىڭ بىلەن دې بروي دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئوڭۇشلۇق ئالغان. بەش يىلدىن كېين، يەنى 1929-يىلى ئۇ بۇ دوكتورلۇق ماقالسى سەۋەبىدىن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ھەمدە دوكتورلۇق ماقالىسى بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى كىشى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ بۇ نەزەرىيەسى ئېنىشتيىننىڭ «نۇر ھەم دولقۇنلۇق ھەم زەررىچىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە» دېگەن نەزەرىيىسنىڭ كېڭەيتىلىشى ئىدى.
دېمەك، زەررىچىلەرنىڭ ھەم دولقۇنلۇق ھەم زەررىچىلىك خۇسۇسىيىت بولغاچقا، ئېكراندا دولقۇنلۇق خۇسۇسىيىتى بويىچە ئىنتېرفېرىنسىيە نۇسخىسى چىققان. ئالىملار زەررىچىلەر نۇرغا ئوخشاش ئۆز- ئارا تەسىر قىلىشىپ ئىنتېرفېرىنسىيە نۇسخسى شەكىللەنگەن بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلىدۇ، ھەم بۇ تەجرىبىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ قايتا ئىشلەيدۇ. بۇ قېتىم ئۇلار زەررىچىلەرنى بىردىن - بىردىن ئاتىدۇ. ئەمما نەتىجىدە يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىنتېرفېرىنسىيە نۇسخىسى چىققان. دېمەك بۇ بويىچە ئىنتېرفېرىنسىيە نۇسخىسى زەررىچىلەر ئۆز-ئارا تەسىر قىلغانلىقتىن شەكىللەنگەن بولماستىن، پەقەت زەررىچىلەرنىڭ دولقۇنلۇق خۇسۇسىيىتى بولغاچقىلا شەكىللەنگەن.

مىكرو دۇنيانىڭ ھەرىكەت قانۇنى بولغان كۋانت مېخانىكىسى شۇنداق قىزىقارلىق دۇنيا، ئىنسانلارنىڭ قىزىقىشى ئۇلارنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ بۇ يېڭى دۇنياغا باشلايتى. ئالىملار داۋاملىق سوئال سورىدى: «زەررىچىلەر دولقۇنلاردەك بۇ يېرىقلاردىن ئۆتكەن بولسا، ئۇلار زادى قانداق ئۆتكەندۇ؟ ھەر بىر زەررىچە قايسى تۆشۈكتىن ئۆتكەندۇ؟» شۇنىڭ بىلەن يېڭى تەجرىبە باشلاندى. بۇ قېتىم ئالىملار ئېكراننىڭ كەينىگە زەررىچىلەرنىڭ قايسى يېرىقتىن ئۆتكەنلىكىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن سەزگۈچى ئاپپارات (سەزگۈچ) قويدى. بۇنىڭ بىلەن ھەر بىر زەررىچىلەرنىڭ قايسى يېرىقتىن ئۆتكەنلىكىنى بىلىش مۇمكىن بولدى.
نەتىجە ھەممە ئادەمنى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇردى. زەررىچىلەرنىڭ قايسى يېرىقتىن ئۆتكەنلىكى خاتىرىلەنگەندە، ئېكراندا ئىنتېرفېرىنسىيە نۇسخىسى يوقالغان، زەررىچە نۇسخىسى شەكىللەنگەن. خۇددى زەررىچىلەر ئىنسانلارنىڭ كۆزىتىۋاتقانلىقى بىلىدىغاندەك، قايسى يېرىقتىن ئۆتكەنلىكى خاتىرىلەنمىگەن ئەھۋالدا زەررىچىلەر ئىنتېرفېرىنسىيە نۇسخىسى شەكىللەندۈردى، لېكىن خاتىرىلەنگەندە بولسا زەررىچە نۇسخىسى شەكىللەندۈردى.
يەنى، ئىنسانلار كۈزەتكەندە زەررىچە نۇسخىسى؛ كۈزەتمىگەندە ئىنتېرفېرىنسىيە نۇسخىسى شەكىللەندۈردى.
(كۆزىتىش نۇرنىڭ دولقۇن ياكى زەرىچە ھالەتتە ئۆتىشىنى بەلگىلەيدۇ، كۆزىتىش رېئاللىقنىڭ قانداق ئىپادىلىنىشىگە ياكى قانداق بولىشىغا تەسىر قىلىدۇ)

ئالىملار بەلكىم سەزگۈچ زەررىچىلەرگە تەسىر قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلغان. 2000-يىلى ئامېرىكا مەرىيلەند ئۇنىۋېرستېتى (Maryland university) ۋە تىكساس A&M ئۇنىۋېرستېتىدىكى يۇن-خۇ كىم قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ «فىزىكا ئوبزورى خەت-چەكلىرى» ژورنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىغا قارىغاندا، بۇ قاراشمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىكەن [3] مەزكۇر ماقالىدە تەسۋىرلەنگەن تەجرىبىدە سەزگۈچلەر ئوخشاش ئىشلەۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، قايسى يېرىقتىن ئۆتكەنلىك ئۇچۇرىنى بىلمىگەندە ئىنتېرفېرىنسىيە نۇسخىسى شەكىللەنگەن، بىلگەندە زەررىچە نۇسخىسى شەكىللەنگەن. ئەنگلىيە سېرىي ئۇنىۋىرسىتېتى نەزەرىيە فىزىكىسى پىروفېسسورى Jim Al-Khalili [4] بىر لىكسىيىدە [5] بۇ نۇقتىدا توختىلىپ چاقچاق ئارىلاش ھالدا :«ئەگەر سىلەر بۇنى ئومۇمي ساۋات ۋە لوگىكا بىلەن چۈشەندۈرەلىسەڭلار ماڭا دەڭلار، نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشسىلەر»دېگەن ئىدى. دېمەك، فىزىك پېنى تېخى بۇ تەجرىبىگە تولۇق جاۋاب تېپىپ بولالمىدى.

پايدىلانغان مەنبەلەر:
  1. [1] Feynman, R.P., Leighton, R.B., and Sands, M. (1965). The Feynman Lectures in Physics Volume 3, Section 1–1, Addison–Wesley.
  2. [2] Louis de Broglie, https://en.wikipedia.org/wiki/Louis_de_Broglie.
  3. [3] Kim, Yoon-Ho; R. Yu, S.P. Kulik, Y.H. Shih and Marlan Scully (2000). "A Delayed Choice Quantum Eraser". Physical Review Letters 84: 1–5. arXiv:quant-ph/9903047. Bibcode:2000PhRvL..84....1K. doi:10.1103/PhysRevLett.84.1.
  4. [4] Jim Al-Khalili, https://en.wikipedia.org/wiki/Jim_Al-Khalili .
  5. [5] Jim Al-Khalili, "Double Slit Experiment explained! by Jim AlKhalili"
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部