+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-28 11:30 724 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالىپاي خۇابېي ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئىناۋەت ئىستېمالى ھېسابلىنىدۇ، سەرپ قىلغىنى بىزنىڭ ئىناۋىتىمىز، سوممىسىمۇ بىزنىڭ ئىلگىرىكى ئىناۋىتىمىز بويىچە جەملەنگەن، ئەگەر ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە، ئۇزۇن مۇددەت جۇغلانغان ئىناۋەتنى بىراقلا ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندا خۇابېيدىكى بىر قىسىم خېرىدارلار مەركىزى بانكىنىڭ ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلدى.

微信图片_20200728110201.jpg

خۇابېي ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟

بەزىدە ئۇنتۇپ قېلىش ياكى پۇل يىتىشمەسلىك ياكى باشقا سەۋەبلەردىن خۇابېي قايتۇرۇش قەرەلى ئۆتۈپ كېتىدىغان ئىشلار بولىدۇ.
ئالىپاينىڭ خەتەرنى كونترول قىلىش ۋاسىتىسى بار، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئالىپاينىڭ قەرز پۇلنى قايتۇرۇپ كېلىدىغان مۇكەممەل سىستېمىسى، تەييارلىقى بار.

1› خۇابېي تاقىلىپ قالسا پەقەت قەرز قايتۇرۇشقا بولىدۇ، قەرز ئېلىشقا بولمايدۇ.
2› ئۆسۈم قوشۇلىدۇ.
خۇابېي قەرزنى قايتۇردىغان ۋاقتىدا قايتۇرماي قەرەلى ئۈتۈپ كەتسە كۈنلۈك ئۆسۈمى كۆپىيىپ كېتىدۇ.
3› ھەر خىل سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
خۇابېينى ۋاقتىدا قايتۇرمىسا ئالىپايدىكى كۈنجۈت ئىناۋىتىمۇ چۈشۈپ كېتىدۇ، كۈنجۈت ئىناۋىتى ئالىپايدىكى پۈتكۈل ئىناۋىتىڭىزگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندا خۇابېيدىكى بىر قىسىم خېرىدارلار مەركىزى بانكىنىڭ ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلدى. يېقىندا، خۇابېي مۇلازىمەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق مەركىزىي بانكىنىڭ ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىردى. ئالىپاي مۇلازىمەتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر پەقەت بىر قىسىم ئابونتلار مەركىزىي بانكىنىڭ ئىناۋىتىگە كىرگۈزۈلگەن. مەركىزىي بانكىنىڭ ئىناۋىتىگە ئۇلانغان ئابونتلارنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى، خەجلىگەن سوممىسى ۋە قەرز قايتۇرۇش ئەھۋالى ئاي بويىچە بىرلىك قىلىنىپ، مەركىزىي بانكىنىڭ ئىناۋەت سىستېمىسىغا يوللىنىدۇ.
خۇابېي قەرزنى قايتۇرماي، ئىناۋىتىڭىزگە تەسىر يەتسە ياكى سۈيلىسمۇ قايتۇرماي مەركىزى بانكا ئىناۋەت سىستېمىسىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرىپ قالسىڭىز پويىز بېلىتى، ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالالمايسىز؛ كېيىن بانكا قەرزى قىلىپ ئۆي سېتىۋېلىشىڭىزمۇ تەسىرگە ئۇچىرايدۇ.

微信图片_20200728110109.jpg

4› ھەر خىل سۈيلەش
ئالىپايدىكى خۇابېي، جىيېبېي قەرزنى قايتۇرمىسا سۈيلەيدۇ، دەسلەپتە قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئابونتلارغا پۇلنى قايتۇرۇشنى ئەسكەرتىدۇ.
ئەگەر ئۈنۈمى بولمىسا ئالىپاي بىۋاستە تېلېفون قىلىدۇ، ئەگەر تېلېفون قىلسىمۇ قايتۇرمىسا، ئەرز قىلىشى مۇمكىن، ۋاقتى كەلگەندە مەجبۇرىي قەرز قايتۇرىدۇ.

微信图片_20200728110153.jpg

خۇابېينىڭ ۋاقتى ئۈتۈپ كېتىپ تاقىلىپ قالسا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولامدۇ؟
يۇقىرىدا دېيىلگىنى يامان غەرەزدە پۇلنى نېسى قالدۇرغانلارغا قارىتىلغان، قەرز قايتۇرۇشنى ئويلاشمىغانلارغا قارىتىلغان بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى. بەزى تورداشلار خۇابېيدىن قەرز ئېلىپ خەجلىۋېلىپ، ئالىپاينى يانفوندىن ئۈچۈرۋەتسەم قەرزنى قايتۇرۋالالمايدۇ دەپ ئويلايدىكەن؛ ئالىپايدا قەرزىم بارتى، ئالىپايدىن تولۇق چېكىنىپ، باغلىغان يانفون، بانكا كارتىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋېتەي دېگەنتىم قانداق قىلىمەن دەپ سورىغانلارمۇ بار.
ئەگەر راستتىنلا ئېھتىياتسىزلىقتىن ياكى تاسادىپىي بىر قېتىم ئۇنتۇپ قالسا ئاقىۋىتى ئۇنچىۋالا ئېغىر بولمايدۇ، پەقەت ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلسىلا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تولۇقلاش ئۇسۇلىمۇ بار.
ئەگەر خۇابېي قايتۇردىغان ۋاقىتنىڭ بىر قېتىم ئۆتۈپ كەتسە بىر ھەپتە ئىچىدە، يەنى يەتتە كۈن ئىچىدە، ئابونت ئالىپاينى ئاچسا، ۋاقتىنچە ئىشلىتىپ تۇرغىلى بولمايدۇ دېگەن ئەسكەرتىشنى كۆرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سىز قەرزىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىسىز، ئۇنداقتا سىز بىر قېتىمدىلا بۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەن پۇلنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
ھەپتە ئىچىدە قايتۇرۋەتسە %80 تىن ئارتۇق ئابونت دەرھال خۇابېي ئىشلىتىش سوممىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ، ئىناۋىتىگىمۇ تەسىر يەتمەيدۇ.
ئەگەر قەستەن بىر ئايدىن كۆپرەك قەرزنى كەينىگە سۆرىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز بىر قېتىمدىلا قايتۇرۇپ بولسىڭىزمۇ پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى بۇ پوزىتسىيە مەسىلىسى.
بۇنداقتا خۇابېينىڭ سوممىنىڭ قاچان ئەسلىگە كىلىدىغانلىقىغا كەلسەك، بۇنىڭغا ئالىپاينىڭ جاۋابى مۇنداق: سىستېما باھالاپ ئېچىپ بېرىدۇ ياكى ئېچىپ بەرمەيدۇ، ئادەم كۈچى بىلەن ئارىلىشىشقا ئامال يوق. يەنى ھەر قانداق ئادەم ۋاستىسى بىلەن تاقىلىپ قالغان خۇابېينى ئاچقىلى بولمايدۇ.

微信图片_20200728110235.jpg

تورداشلار خۇابېي قەرزنى قانداق قايتۇرمىز دەپ كۆپ سورىدى؛ سىزنىڭ ئالىپاي ھېساباتىڭىزدىكى قالدۇقتا، يۈ ئې باۋدا ياكى ئالىپايغا باغلانغان بانكا كارتىڭىزدا خۇابېي قايتۇرۇشقا يېتەرلىك پۇل بولسىلا سىستېما ئاپتوماتىك تۇتىۋالىدۇ؛ سىزنىڭ مەشغۇلات قىلىپ قايتۇرشىڭىز ھاجەتسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部