+تېما يوللاش
Sebiybeg يوللانغان ۋاقتى:2020-7-27 20:19 761 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
01.jpg   

ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار ؟
ھازىرقى زامان تۇرمۇشى يانفوندىن ئايرىلالمايدۇ، يانفون بولسا زەرەتلەشتىن ئايرىلالمايدۇ.
زەرەتلەش تىلغا ئېلىنسا، بىر قانچە كىچىك ساۋاتقا چوقۇم دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.
02.jpg

1.ئۇزۇن مۇددەت توك قاچىلاش
نۇرغۇن كىشىلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن يانفوننىڭ توكىنى ئىشلىتىپ بولۇپ، ئاندىن بىر كېچە توك قاچىلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمەلىيەتتە يانفونغا ئادەتتە ئىككى سائەتتىن ئۈچ سائەتكىچە توك قاچىلىسىلا بولىدۇ.
بۇنداق قىلغاندا يانفون باتارېيەسى ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى بېسىملىق ھالەتتە ساقلىنىپ، يانفون باتارېيەسىنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ، يانفونغا نىسبەتەن ئۇنىڭمۇ ھاياتى بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇيقۇ ۋاقتىمۇ بولۇشى كېرەك، شۇڭا ئۇدا بىركىچە زەرەتلەشكە بولمايدۇ!
03.jpg

2.ئەسلى يانفونغا سەپلەنگەن زەرەتلىگۈچنى ئىشلەتمەسلىك
كۆپلىگەن تورداشلار بۇنىڭغا دىققەت قىلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەسلى يانفونغا سەپلەنگەن زەرەتلىگۈچنى ئىشلەتمەي ئۈزى بازاردىن سېتىۋالغان، ئەرزان باھالىق ۋە توك ئېقىمى ئوخشاش بولمىغان يانفون زەرەتلىگۈچنى ئىشلىتىدۇ. ئەسلى قاچىلانمىغان زەرەتلىگۈچنىڭ توك ئېقىمى يانفونىڭىزنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قاتتىق دېتاللار بىلەن ماس بولمىغانلىقى ئۈچۈن يانفون باتارېيەسىنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدۇ، ۋە يەنە يانفوننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئېلېكتىرون دېتاللىرىنى بۇزۇۋېتىشى مۇمكىن.
شۇڭلاشقا تورداشلارغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمىزكى ئەسلى يانفونغا سەپلەنگەن زەرەتلىگۈچنى ئىشلىتىڭ ۋە ئوبدان ساقلاڭ. ئەگەر يۇقىتىپ قويغان بولسىڭىز يانفونىڭىزنىڭ سەپلىمىسىگە قاراپ ياخشىراق بولغان توك زەرەتلىگۈچ سېتىۋېلىپ ئېشلىتىڭ، دىمەك كونىلارنىڭ گىپى بۇيىچە « ئەرزان گوشنىڭ شۇرپىسى يوق » .
04.jpg

3.بىر تەرەپتىن ئىشلىتىپ، بىر تەرەپتىن زەرەتلەش
بىر تەرەپتىن زەرەتلەپ يەنە بىر تەرەپتىن يانفون ئىشلىتىش بۇ ياخشى ئەمەسقۇ دەيمەن، بۇنداق قىلىشنىڭ يانفونغا ۋە بىزگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدىغۇ دەيمەن .
يانفونغا توك قاچىلاشقا توغرا كەلسە، تولۇق قاچىلاش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا يانفون باتارېيەسىنى ئاسرىغىلى ۋە ئۈزىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىىنى قۇغدىغىلى بولىدۇ.
بىزنىڭ سىزنى قاتتىق ئاگاھ لاندۇرىمىزكى، يانفوننى بىر تەرەپتىن زەرەتلەپ يەنە بىر تەرەپتىن ئىشلەتمەڭ، ئۈزىڭىزنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىڭىزنى ئاسرىمىسىڭىزمۇ ئامراق يانفونىڭىزنى ئاسىراڭ ! ھى ھى ھى

05.jpg

4.يانفوننى ماششىنىغا چېتىپ قۇيۇپ ماششىنىنى ئوت ئالدۇرش
ھازىر كۆپلىگەن تورداشلار ماششىنىسىغا چىققان ھامان ئالدى بىلەن بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىماي بەلكى ئامراق يانفونىنى توككا چاتىدۇ، ۋە دىققەت قىلماستىنلا ماششىننى ئوت ئالدۇرۇپ يۇرۇپ كىتىدۇ، بۇنداق قىلىش يانفون ئۈچۈن « بولۇپمۇ ئالما يانفونلىرى ئۈچۈن » ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ ، يانفوننىڭ ئېچكى قاتتىق دېتاللىرىغا ئىغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئىغىر بولغاندا يانفون باتارېيەسىنى كاردىن چىقىرىدۇ، ئالما يانفونلىرىدا USB لامپىسىنى كاردىن چىقىرىدۇ، ۋە يانفون ئاق ئالما بولۇپ قىلىش ۋە توكى يەتمەسلىك، قىززىش ئەھۋاللىرى  كۆرىلىدۇ.
شۇڭلاشقا تورداشلارغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمىزكى، ئامراق يانفوىنىڭىزنى ماششىننى ئوت ئالدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن زەرەتلەڭ !

06.png

5.يانفون قىزىپ قالغاندا، ئامال بار توك قاچىلىماسلىق كېرەك.
ئەگەر يانفون توك قاچىلاش جەريانىدا قىزىپ كەتسە، يانفونغا توك قاچىلاشنى توختىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. ھەمدە يانفوننىڭ قىزىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئارقا سۇپىنى تاقىۋىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. يانفوننىڭ قىزىشى يانفوننىڭ باتارېيەسىنى ئەڭ چوڭ زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىمىزگە نىسبەتەن بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، مەسىلەن، توك يولى ماس بولۇپ قېلىپ يانفوننىڭ باتارېيەسى كۆيۈش، پارتىلاش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

خۇش تورداشلارنىڭ يۇقارقى مەزمۇنلار ئارىسىدا خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا تۈزىتىش بىرىشىنى ۋە توغرا چۈشىنىشى ئۈمد قىلىمىز.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部