+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-25 12:24 910 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
7-ئاينىڭ 23-كۈنى خۇاشۇ شىركىتى توردا مەھسۇلات قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى تىپتىكى ئويۇن يانفونى − ROG ئويۇن يانفونى 3 نى رەسمىي ئېلان قىلدى، ئويۇن جەھەتتە تېڭشۈن بىلەن ھەمكارلاشقان.

DSC02251.jpg

خۇاشۇ ROG دېگەن ئىسىم بەزى تورداشلارغا تۇنۇشلۇق ئەمەس.
خۇاشۇ 华硕 ASUS دۇنيادىكى داڭلىق كومپىيۇتېر ياساش كارخانىسى. بۇ شىركەت ياسىغان خۇاشۇ ماركىلىق كومپىيۇتېر ئاساسىي تاختىسى، سىنكارتا بەك داڭلىق. كومپىيۇتېر قاتتىق دېتاللىرى بىلەن ھەپلىشىدىغانلار ياخشى بىلىدۇ. باش شىتابى جۇڭگو تەيۋەندە. خۇاشۇ شىركىتى 2014-يىلدىن باشلاپ يانفون چىقىرۋاتىدۇ.

ROG ئويۇن يانفونى 3 نىڭ ئاساسىي سەپلىمىسى:
بۇ يانفونغا ھازىرقى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بايراقدار بىر تەرەپ قىلغۇچ كۇۋالكوم + 865 سەپلەنگەن. ئاساسىي چاستوتىسى 3.1GHz (تېزلىكى)،  5G قوللايدۇ.  ئىچكى ساقلىغۇچقا LPDDR5 ئىشلىتىلگەن، ئەڭ يۇقىرسىنىڭ سىغىمى 16GB؛ ساقلىغۇچقا UFS3.1 ئىشلىتىلگەن، ئەڭ يۇقىرسىنىڭ سىغىمى 512GB ، ئوقۇش يېزىش تېزلىكى 2.9GB/s گە چىقىدۇ.

21.jpg

ئېكرانى 6.59 دىيۇملۇق AMOLED ئېكران، ئېنىقلىقى 2340×1080. ئېكران يېڭىلىنىش چاستوتىسى 144Hz.

DSC02199.jpg

باتارىيەسى 6000 مىللىيئامپىر بولۇپ، 30W لىق تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.
بۇ سەپلىمە بىلەن ئەڭ يۇقىرى سەپلىمىدە دېيىشكە بولىدۇ.

DSC02213.jpg

لايىھە جەھەتتە بەلگە خاراكتېرلىك ئۇسلۇبنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، پۈتۈن يانفون نىسبىتى ئورۇق، ئۇزۇن، كەينىدە يەنە نۇر چىقىرالايدىغان چىرىغى بار.
بۇلتۇرقى ROG ئويۇن يانفونلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، يانفون گەۋدىسى تېخىمۇ ئىنىچكە تەڭشەلگەن. ئالدىنقى ئەۋلاد ئويۇن يانفونىدىكى ئۇچۇق رەڭ ۋە ئەگرى سىزىقنى سۇسلاشتۇرغان. باشقىچە ئېيتقاندا، بۇرۇنقىدەك ئالا-بۇلىماچ ئەمەس.




ئوڭ يان تەرەپتىكى AirTriggers كۇنۇپكىسى كۆپەيتىلىپ بۇرۇنقى  2+2 تۆت چەكمە كونترول كۇنۇپكىسىدىن ئالتىگە كۆپەيتكەن. ئويۇن ئوينىغاندا تېخىمۇ قولايلىق، راھەت كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

DSC02223.jpg

يەنە بىر يان تەرىپىگە سىرتقى ئۇلاش ئېغىزى چىقىرىلغان بولۇپ، يانفوننى شامالدۇرغۇچ، تۇتقۇچ ياكى توكقا ئۇلىغىلى بولىدۇ. يانفون ئويۇنىنى ئېكراننى توغرىسغا تۇتۇپ ئوينىغاندا، بىر تەرەپتىن ئوينىغاچ يەنە بىر تەرەپتىن توك قاچىلاشقا بولىدۇ.

DSC02258.jpg

ئىسسىقلىق تارقىتىش جەھەتتە چوڭ ھەجىملىك ئىسسىقلىق تارقىتىش ياپراقچىسى، گىرافت ئالكېن ماتېرىيالىدىن باشقا يەنە مەخسۇس سىرتتىن ئۇلىندىغان ئىسسىقلىق تارقىتىش شامالدۇرغۇچى سەپلەنگەن.

123-1.png

DSC02211.jpg

5G مۇھىتىدا 30 مىنۇت ئويۇن ئوينىغاندىن كېيىن تېمپراتۇرىسىنى ئۆلچىگەندە 40 سېلتسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا چىققان.

20200723T170502.jpg

ئويۇن جەھەتتە تېڭشۈن ئويۇنى بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىشىپ Solar Core 3.0 ئويۇن ماتورى سەپلىگەن. تېڭشۈننىڭ ئۈچ چوڭ ئويۇننىڭ 18 خىل مۇرەككەپ مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئويۇن ئويناش جەھەتتىكى راۋانلىق، مۇقىملىقنى بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرگەن.

34.gif

0.gif

رەسىم تارتىش جەھەتتە، ئاساسى كامېراسى 64 مىليون پىكسېل (IMX686) + يەنە 13 مىليون پىكسېللىق كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا + 5 مىليون پىكسېللىق مىكرو ئارىلىق كامېراسى قاتارلىق ئۈچ كامېرادىن تۈزۈلگەن. ئالدى كامېراسى 24 مىليون پىكسېل.

DSC02189.jpg

تۆت مىكروفون، قوش ئىسىترېئو ئاۋازلىق ياڭراتقۇ سەپلەنگەن. 4Wi-Fi ئانتېناسى بار بولۇپ، Wi-Fi 6 قوللايدۇ.

بۇ يانفوننىڭ بەش خىل نۇسخىسى بار بولۇپ:
كۇۋالكوم 865 سەپلەنگەن ئادەتتىكى نۇسخىسنىڭ 12+128G سىغىملىقى 3999 يۈەن.
باشقا تۆت خىلىغا كۇۋالكوم  +865 سەپلەنگەن
12+128G سىغىملىقى 4299 يۈەن.
12+256G سىغىملىقى 4699 يۈەن.
12+512G سىغىملىقى 6999 يۈەن.
16+512G سىغىملىقى 7999 يۈەن.

سەپلىمە، ئىقتىدارىغا نىسبەتەن باھاسىنى مۇۋاپىق دېيىشكە بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部