+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-24 11:00 748 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 12 دىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە، خەينەن ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا ئۇزۇن سەپەر 5-ناملىق توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى مارس تەكشۈرگۈچى « تيەنۋېن 1-نومۇر» نى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى،  راكېتا تەخمىنەن 2167 سېكۇنتتىن كېيىن، تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈپ، مارسنى تەكشۈرۈش سەپىرىنى باشلىدى. بۇ قېتىم ئېلىمىز پۈتۈنلەي ئۆز ئالدىغا يولغا قويغان مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى بولۇپ، ئېلىمىز سەييارىلىرىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
« تيەنۋېن 1-نومۇر» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى يەر شارى، مارس يۆتكىلىش ئوربىتىسىدا 7 ئاي ئۇچقاندىن كېيىن، مارس ئەتراپىغا يېتىپ بېرىپ، « تورمۇزلاش» ئارقىلىق مارسنى «تۇتۇش»نى تاماملاپ، مارسنى ئايلىنىش ئوربىتىسىغا كىرىدۇ ھەمدە مۇۋاپىق پەيتتە مارسقا قونۇش، كۆزىتىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى قانات يايدۇرۇپ، مارسنى ئىلمىي تەكشۈرىدۇ.

5f192975a310a8597914612e.jpeg

گەرچە جۇڭگو مارسنى تەكشۈرۈش ساھەسىدە بىرىنجى بولمىسىمۇ، لېكىن باشلىنىش نۇقتىسى ئىنتايىن يۇقىرى. تيەنۋېن 1-نومۇر بۇ قېتىم ئىنسانىيەت ئالەم قاتنىشى تارىخىدىكى بىر تۈرلۈك ئىجادىيەتنى تاماملايدۇ، بىر قېتىملىق قويۇپ بېرىشتە بىرلا ۋاقىتتا «مارسنى ئايلىنىش، قۇنۇش، چارلاش» تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ۋەزىپىنى تاماملايدۇ.
«ئايلىنىش، قۇنۇش، چارلاش» ، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا بىر سۈنئىي ھەمراھنى مارسنى ئايلىنىپ ئۇچۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر قونۇش ئاپپاراتىنى مارسقا قوندۇرۇش ھەمدە بىر مارس ماشىنىسىنى قويۇپ بېرىپ چارلاش ئېلىپ بېرىش دېگەنلىك.

dbf224e85c5e4d0e897944417272c248.jpg

بۇ ئۈچ تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئەمەلىيەتتە نەچچە ئون يىل ئىلگىرىلا باشقا دۆلەت ئىشقا ئاشۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسى نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ تاماملانغان، ھېچقانداق بىر دۆلەت بۇ ئۈچ ۋەزىپىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا ئاشۇرالمىغان، بۇ قېتىمقى ۋەزىپە مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا ئالەم قاتنىشى تارىخىدىكى بىر يېڭى ئابىدە بولۇپ قالىدۇ. شۇنداقلا جۇڭگو ئامېرىكىدىن كېيىن، دۇنيا بويىچە مارسقا قونۇش، چارلاش تېخنىكىسىنى مۇستەقىل ئىگىلىگەن ئىككىنچى دۆلەت بولۇپ قالىدۇ.
2020-يىلى مارسنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى قويۇپ بېرىش دولقۇنى قوزغالدى. 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تۇنجى مارس تەكشۈرۈش ئەسۋابى «ئۈمىد» نى ياپونىيە راكېتاسىدىن قويۇپ بەردى، ئۇ دۇنيادىكى تۇنجى مارس مېتېئورولوگىيە سۈنئىي ھەمراھى ھېسابلىنىدۇ. 23-چېسلا دۆلىتىمىز «تىيەنۋېن 1-نومۇر»نى قويۇپ بەردى.دۇنيادا تۇنجى قېتىم بىر قېتىم قويۇپ بېرىش ئارقىلىق « ئايلىنىش، قونۇش، چارلاش» تىن ئىبارەت ئۈچ ۋەزىپىنى تاماملاشتەك ئۇلۇغ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامېرىكا يېڭى تىپتىكى مارس ماشىنىسى «ئىرادە» نى قويۇپ بېرىدۇ.
ئەلۋەتتە، بۇ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تۇنجى قېتىم مارسقا ئاتلىنىشى ئەمەس.

1000.png

ئىنسانلارنىڭ مارسنى تەكشۈرۈشى 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا باشلانغان، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن يەر شارىدا جەمئىي 44 قېتىم مارس تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا 21 قېتىم، سوۋېت (رۇسىيە) 19 قېتىم، ياپونىيە بىر قېتىم، ياۋروپا ئىككى قېتىم، ھىندىستان بىر قېتىم ئېلىپ بارغان. تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار ياكى قىسمەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار 23 قېتىم، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى تەخمىنەن %53. تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغىنى 19 قېتىم، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى تەخمىنەن %43. مارسنى تەكشۈرۈش ئىنتايىن قىيىن، ئاساسلىق سەۋەبى مارسنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق، مۇھىتى مۇرەككەپ.

640-1.gif

ھازىرغىچە، مارسقا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونغان تەكشۈرۈش ئەسۋابىدىن سەككىزى بار: دېڭىز قاراقچىسى 1-، 2-، «يول ئاچقۇچى» ، « پۇرسەت» ، « جاسارەت» ، « سۇمۇرغ» ، « قىزىقىش» ، « كۆزىتىش» ناملىق مارس تەكشۈرۈش ئەسۋابىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان. بىرىنچى بولۇپ مارسقا قونغىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مارس 3-نومۇرلۇق مارس ماشىنىسى ئىدى، لېكىن ئۇ پەقەت 20 سېكۇنت خىزمەت قىلدى. ھازىر خىزمەت قىلىۋاتقان ئوربىتا ئەسۋابى 6، قونۇش كۆزىتىش ئەسۋابى 2، ئۇلار ئامېرىكىنىڭ « مارس ئودېسسا» ، « مارسنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئەسۋابى» ، « مارس ئاتموسفېراسى ۋە ئۇچۇۋاتقان ماددىلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرگۈچ»؛ ياۋروپانىڭ« مارس تېز پويىزى» ۋە « مىكرو گاز ئوربىتا ئۈسكۈنىسى»؛ ھىندىستاننىڭ « مانگالىيان» قاتارلىقلار.

3-2.gif

ئىنسانلارنىڭ مارسقا قارىتا ئىنچىكە ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىش ئېلىپ بېرىش تارىخىنى 16-ئەسىردىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، دانىيەلىك ئاسترونوم ycho Brahe كوپېنھاگېن ئەتراپىدىكى ۋان ئارىلىدا تۇنجى چوڭ تىپتىكى ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىش بازىسى قۇرۇپ، مارس قاتارلىق سەييارىلەرنى كۆزەتكەن، كېيىن كېپىلىر ۋە گالىلېي تېلېسكوپ قاتارلىق تېخىمۇ نازۇك ئۈسكۈنىلەر بىلەن مارسنى كۆزەتكەن.

2cdb89b8a94b9d4dc77b1863708e75a2_b.jpg

ئىنسانلارنىڭ مارسقا تەكشۈرۈش ئەسۋابى قويۇپ بېرىشى 60 يىل ئىلگىرى باشلانغان، 1960-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى قويۇپ بەرگەن تۇنجى مارسنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.

1.gif

ئالدىنقى كۈنى مۇشۇ ھەقتىكى خەۋەرنى يوللىغاندا بەزى تورداشلار، ئالىملارنىڭ قىلدىغان ئىشى قالمىغانمىدۇ، بىر پاتمان مەبلەغ، تېخنىكا ئىشلىتىپ مارسقا چىقىپ، ئالەم ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ نېمە قىلدىغاندۇ؟ دېگەندەك «سۇئاللارنى» سورىدى.

ئۇنداقتا ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ؟

ئىنسانلار ھازىر ئىگىلىگەن بارلىق بىلىملەر كائىناتنى مۇلاھىزە قىلىش ۋە ئىزدىنىشتىن كەلگەن، كائىنات ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاچقۇچ.
ئىنسانلار جاھىلىيەت دەۋرىدە تۇرغاندا، ئەجدادلىرىمىز سىرلىق يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قارىتا تولۇپ تاشقان قىزىقىشىنى ساقلاپ، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىلمىي چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالغان، لېكىن ئۇلار ئۇ يەردە چەكسىز ئەقىل-پاراسەتنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن. ئاسترونومىيە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى پەنلەرنىڭ بىرى، يىراق قەدىمكى جەمئىيەتتە، قەبىلە ئاقساقاللىرى كىشىلەرگە يۇلتۇزلۇق ئاسمان «مۇقەددەس» قىلىپ تەسۋىرلىگەن. مەيلى شەرق مەدەنىيىتى بولسۇن ياكى غەرب مەدەنىيىتى بولسۇن، ئەپسانىلىرىدە ئاسترونومىيەلىك يۇلتۇزلار ھادىسىسى توغرىسىدىكى تەسۋىرلەر بار، كىشىلەر شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، چەكسىز يۇلتۇزلۇق ئاسماننىڭ چوڭقۇر مەنىسى بار، بىر يۇلتۇزنىڭ ھەرىكىتى ھامان مەلۇم زور ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدىن بېشارەت بېرىدۇ.


ئىنسانلار ئارقىدىنلا ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ، ئۆزگىرىشلەرنى بايقاپ، كالېندار تۈزۈپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا يېتەكچىلىك قىلغان ھەمدە ھەر خىل تىللاردىن پايدىلىنىپ، سانسىزلىغان ھەيۋەتلىك داستانلارنى يازغان. بۇ غايەت زور يۇلتۇزلۇق ئاسمان ۋە سىرلىق ئالەمگە بولغان تەسىرات، ئوي-پىكىرلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى زور دەرىجىدە بېيىتتى، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئىلىم-پەن، سەنئەت، مەدەنىيەت، ئىدىيە تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ.


1997-يىلى ئامېرىكىنىڭ «ساياھەتچى 1-نومۇر» يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 6 مىليارد 400 مىليون كىلومېتىر كېلىدىغان نۇقتىدىن يەر شارىنىڭ بۇ سۈرىتىنى تارتقان.
46299b27d6464ff68321045494b0347a.png

ساياھەتچى 1-نومۇر (Voyager 1) ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئادەمسىز قۇياش سىستېمىسى ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى. ئېغىرلىقى 815 كىلوگرام بولۇپ، 1977-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى قويۇپ بېرىلگەن، 2020-يىلى 6-ئايغىچە يەنىلا نورمال مەشغۇلات قىلغان. ئۇ ئىلگىرى يۇپىتېر ۋە ساتۇرننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئېنىق سۈرىتى بىلەن تەمىنلىگەن تۇنجى ئالەم ئۇچقۇسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى 1979-يىلى يۇپىتېر سىستېمىسىدىن، 1980-يىلى ساتۇرن سىستېمىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، 1980-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاخىرلاشقان. ئۇ يەنە يۇپىتېر، ساتۇرن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ تەپسىلىي سۈرىتىنى تۇنجى بولۇپ تەمىنلىگەن تەكشۈرۈش ئەسۋابى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرغىچە يەر شارىدىن ئەڭ يىراق بولغان سۈنئىي ھەمراھ. 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى « ساياھەتچى 1-نومۇر» قۇياش چەمبىرىكىنى كېسىپ ئۆتكەن ھەمدە يۇلتۇزلار ئارا ۋاسىتىچى ماددىلارغا كىرگەن تۇنجى ئالەم كېمىسى بولۇپ قالدى. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە، ساياھەتچى 1-نومۇر قۇياشتىن 21 مىليارد 100 مىليون كىلومېتىر يىراقلىققا بارغان.

سۈرەتتە يەر شارى خۇددى بىر دانە مىكرو توزانغا ئوخشايدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە يۇقىرى پەن ـ تېخنىكىلىق دەۋردە ياشاۋاتىمىز، لېكىن بىزنىڭ ئالەمگە بولغان تونۇشىمىز ناھايىتى ئاز، يەر شارى كائىناتتا بىر تال ئۇششاق چاڭ-توزان، ئىنسانلار بولسا تېخىمۇ كىچىك. ھەقىقەت ئالدىدا، چەكسىز ئالەم ئالدىدا ئىنسانلارنىڭ بىلىدىغىنى تېخى ھېچنىمە ئەمەس، نامەلۇم نەرسىلەر ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

يەر شارى ئىنسانلارنىڭ ئانا پىلانتى، ئەمما بايلىقلار چەكلىك.
ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئېنېرگىيەنىڭ ئىشلىتىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئىنسانلار ئوتنى ئىشلىتىشنى بىلگەندىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى چوڭ بىر قەدەم ئىلگىرىلىدى، سۇ، كۆمۈر، پار، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، نېفىت، يادرو ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ئېنېرگىيەلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئىنسانلار قەدەممۇ قەدەم پەن ـ تېخنىكا دەۋرىگە قەدەم قويدى. لېكىن، يەر شارىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەسى راستتىنلا تۈگىمەيدىغان، ئىشلەتسىمۇ تۈگىمەيدىغان ئېنېرگىيە ئەمەس، ئەگەر راستتىنلا خوراپ تۈگىسە، يەر شارىدىكى ئىنسانلار قانداق قىلىشى كېرەك؟

1000 (1).png

ھازىرقى تارىخىي باسقۇچتىن قارىغاندا، پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ يۇلتۇزلار ئارا كۆچمەن بۇلۇش تەسەۋۋۇرى رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس، لېكىن پەن-تېخنىكىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى مۆلچەرلەش قىيىن. ئىنسانلارنىڭ يەر شارى ئېكولوگىيە چەمبىرىكىنىڭ چوققىسىغا چىققىنىغا نەچچە مىڭ يىل بولدى، ئىنسانلارنىڭ پەن-تېخنىكا مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى تېخىمۇ قىسقا، يەنى يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئۈچ يۈز نەچچە يىل بولدى، لېكىن بۇ ئۈچ يۈز يىلدىن بۇيان ئىنسانلار ياراتقان مەدەنىيەت نەتىجىلىرى نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىدىن ئېشىپ كەتتى، يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى پەن-تېخنىكا ئۆزگىرىشى تېخىمۇ تېز بولدى. بۇ پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات ئوربىتىسىنىڭ سىزىقلىق ئېشىش بولماستىن، بەلكى كۆرسەتكۈچ تىپىدىكى ئېشىش ئىكەنلىكىنى، كېيىن يەنە بارغانسېرى تېزلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنداقتا، ئىنسانلار نەچچە مىڭ يىلدىن كېيىنكى دەۋرلەردە پلانېتىلار ئارا كۆچمەن بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ، دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولامدۇ؟
ماسك 2024-يىلى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى مارسقا چىقىرىشنى ھەمدە 2050-يىلىدىن بۇرۇن 1 مىليون ئادەمنى مارسقا كۆچۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىنسانلارنى« كۆپ ئۆلچەملىك پىلانېتا تۈرى» گە ئايلاندۇرۇشنى پىلانلىدى.
بۇ قارىماققا فانتازىيەلىك تەسەۋۋۇردەك قىلىدۇ، لېكىن SpaceX نىڭ ھەر قېتىملىق ئالەم قاتنىشى ئابىدىسى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسىدا ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىشى بۇ تەسەۋۋۇرغا بارغانسىرى يېقىنلىشىۋاتىدۇ.

8e940472b7f0fd70a4d596af7e98e805.jpg

ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىنسانلارنى بەزى ئاپەت خاراكتېرلىك ھادىسىلەردىن ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن.

100 مىليون يىللار ئىلگىرى، دىنازاۋۇر بۇ سەييارىنىڭ ھۆكۈمرانى ئىدى، لېكىن دىنازاۋۇرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار پەقەت تاشقاتمىلارنىلا قالدۇرۇپ كەتكەن. دىنازاۋۇرنىڭ يوقىلىشىدىكى سەۋەب بىر كىچىك سەييارىنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇشىدىن بولۇشى مۇمكىن، ئۇنداقتا ئىنسانلارمۇ كەلگۈسىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يۇلتۇزلار ئارا ئاپەتكە ئۇچرىشى مۇمكىن.

ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكىسى ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسى يۈكسەك دەرىجىدە ئۇنىۋېرسال توپلانغان سىستېما، ئۇ ئىنسانلار ئىگىلىگەن ھەرقايسى پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ئالەمگە بولغان ھەر بىر قېتىملىق ئىزدىنىشى بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ھەمكارلىق ھېسابلىنىدۇ، مەسىلەن، ئاپوللو پىلانىغا جەمئى قاتناشقان ئادەم سانى 400 مىڭدىن ئاشىدۇ، 80 نەچچە تەتقىقات ئورنى، 200 نەچچە ئالىي مەكتەپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق كارخانىغا چېتىلىدۇ. بۇ خىل ھەمكارلىق بارلىق پەنلەرگە نىسبەتەن بىر قېتىملىق غايەت زور ئىلگىرى سۈرۈش.

بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر دائىم مۇھاكىمە قىلىدىغان يانفون تېخنىكىسى، ئالاقە تورى تېخنىكىسى، شوپۇرسىز ئاپتوموبىل، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق پەن-تېخنىكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى ئەمەلىيەتتە ئالەم بوشلۇقى پەن-تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن باشلانغان بولۇپ، بۇ تېخنىكىلار تۇرمۇشىمىزنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى. كىشىلەر ئادەتتە مۇھاكىمە قىلىدىغان پەن-تېخنىكا ئادەتتە تېخنىكىنى قوللىنىش قاتلىمىنىڭ تەرەققىياتىغا كىرىدۇ، ھەقىقىي ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكا ئاساسىي جەھەتتىن ئالەم ئۈستىدىكى ئىزدىنىشتىن كېلىدۇ.

مارسنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتى يەر شارى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى 24.6 سائەت، قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىش دەۋرى 687 كۈن، تەخمىنەن ئىككى يەر شارى يىلى بولۇپ، مارسنىڭ تۆت پەسىلدىكى ئۆزگىرىشى يەر شارىنىڭكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش.

مارستا بىرقەدەر شالاڭ ئاتموسفېرا بار، ئاتموسفېرا تەركىبى % 95كاربون (IV) ئوكسىدى، %3 ئازوت گازى، ناھايىتى ئاز ئوكسىگېن ۋە سۇ پارى قاتارلىقلار ھەمدە سۇ بايلىقى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن. ئەڭ مۇھىمى، مارس ئاتموسفېراسىدىمۇ ئۇزۇن قەۋىتى بولۇپ، ئۇ قۇياش نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى سۈمۈرۈپ، مارسنىڭ سىرتقى يۈزىگە جانلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

مارس بىلەن يەر شارىنىڭ مۇھىت جەھەتتە شۇنچە كۆپ ئوخشاشلىقلىرى بولغاچقا، ئۇلار «ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىدىكى كۆچمەنلىرىنىڭ ئالدىن تاللايدىغان جايى» دەپ قارالغان. شۇڭا، ئادەملەر ئايغا چىققاندىن كېيىن، مارس ئىنسانلار چىقماقچى بولغان سەييارىلەرنىڭ ئالدىنقى نىشانى بولۇپ قالدى.

888f9ad7546348bca58638d40f345cc4.jpg

بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان مارسنىڭ ھاۋاسى سوغۇق، قۇرغاق ۋە قاقاس، ئەمما ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى مارس ئۇنداق ئەمەس ئىدى. مەلۇم بولغان سانلىق مەلۇماتلاردا، تەخمىنەن 3 مىليارد 500 مىليون يىل ئىلگىرى، مارسنىڭ مۇھىتى ھازىرقى يەر شارى بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى مەلۇم بولغان، شۇڭا لوگىكا جەھەتتىن ئېيتقاندا، « ئۇنى ئىلگىرى ھاياتلىققا ئىگە بولغان دەپ قاراشقا بولىدۇ» . ئۇنداقتا، نېمە سەۋەبتىن مارس سۇدىن ئايرىلىپ قالدى؟ ئۇ قانداق قىلىپ بىر كۆك رەڭلىك پىلانىتتىن ھازىرقى قاقاس قىزىل پلانېتىغا ئايلىنىپ قالدى؟ ئۇنىڭ ئاتموسفېراسى، مۇھىتى قانداق ئۆزگەرگەن؟ بۇ مەسىلىلەرنىڭ تەتقىقاتى يەر شارىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تونۇشتا ئىنتايىن مۇھىم سېلىشتۇرما ئەھمىيەتكە ئىگە.
شۇڭا، مارستا ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۆزگىرىشى ئۈستىدە ئىزدەنگەندە، يەر شارىدىكى ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۆزگىرىشى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارىنىڭ ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى تەس بولغان ئىككىنچى مارسقا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدۇ.

0da0bac1885a47f7807efbd8b547e05e.png

كائىنات زادى نېمە؟ ئۇ قەيەردىن كەلگەن؟ ئۇ نەگە بارىدۇ؟ ئىنسانلارنىڭ ئالەمدىكى مەۋجۇدلىقىنىڭ قانداق مەنىسى بار؟
ھەربىر ئادەمنىڭ كۆڭلىدە بۇنىڭدەك نۇرغۇن سۇئاللار بار. ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىسى ئالەمنىڭ پەيدا بولۇش مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ، ئالەم ھەققىدە ئۆزلۈكسىز ئىزدەنگەندىلا ئاندىن بۇنداق سۇئاللارنىڭ جاۋابىغا يېقىنلىشىدۇ.
ئىنسانلار مۇستەقىل تۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن تەخمىنەن 2 مىليون يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيىتى تەخمىنەن 10 مىڭ يىل ئىلگىرى باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئىزچىل مۇقىم ھالدا تېزلىشىۋاتىدۇ. ئەگەر ئىنسانلار كېيىنكى بىر مىليون يىلنى داۋاملاشتۇرماقچى بولسا، ئۇنداقتا ئىنسان تەبىئىتىنىڭ تۆۋەن چېكىنى تىرىشىپ ساقلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پەن-تېخنىكىنىڭ يۇقىرى چېكىنى تىرىشىپ بۆسۈپ ئۆتۈشى كېرەك.

1ئادەم ئىنكاس يازدى

begtash ۋاقتى: 2020-7-25 01:24:21
ئاخىرىدىكى چۈشەندۈرۈشنى كۆرگەندىن كىيىن ھەققىي سەۋەبىنى چۈشىنىپ يەتكەندەك بولدۇم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部