+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-23 11:32 914 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
15-ئىيۇل شياۋمى تۇنجى قېتىم ئېكولوگىيە زەنجىرىدىكى يېڭى مەھسۇلاتنى دۇنيا بويىچە ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 6 خىل مەھسۇلاتنى خەلقئارا بازارغا سالدى.
微信图片_20200723111350.jpg


1. شىياۋمى بىلەيزۈكى 5

微信图片_20200723111400.jpg

شىياۋمى بىلەيزۈك 5 نىڭ دۆلەت ئىچى نۇسخىسى ئالدىنقى ئايدا ئېلان قىلىنغان. 1.1 دىيۇملۇق رەڭلىك ئېكران سەپلەنگەن. 100 خىل ئېكران كۆرۈنۈشى + ئۇسلۇب تەمىنلەنگەن. 11 خىل كەسپى تەنھەرىكەت مودېلى بار. توكى 14 كۈن يېتىدۇ.
بۇ قېتىمقى خەلقئارا نۇسخىسنىڭ 39.99 ياۋرو (319 يۈەن)، NFC قوللىمايدۇ.

2. شىياۋمى ھەقىقىي سىمسىز تىڭشىغۇچ 2 Basic

微信图片_20200723111403.jpg

ئۇ شياۋمى يېڭىدىن چىقارغان ھەقىقىي سىمسىز تىڭشىغۇچ بولۇپ، ئوڭ، سول تىڭشىغۇچتا ئىككىدىن مىكروفون بار، بىرى شاۋقۇننى پەسەيتىشكە، يەنە بىرى ئاۋاز قوبۇل قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. شياۋمى ھەقىقىي سىمسىز تىڭشىغۇچى 2 Basic بىر قېتىمدا توك قاچىلىسا 5 سائەت ئىشلەتكىلى بولىدۇ، توك قاچىلىغۇچ سەپلىگەندە ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 20 سائەت ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ باھاسى ئوخشاشلا 39.99 ياۋرو (319 يۈەن).

3. شىياۋمى توكلۇق غالتەك 1S/Pro 2

微信图片_20200723111422.jpg

بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا چىقارغان توكلۇق غالتەك ئىككى خىل بولۇپ، دۆلەت ئىچىدە بازارغا سېلىنغان 1S ۋە دۆلەت ئىچىدە بازارغا سېلىنمىغان Pro 2. بۇنىڭ ئىچىدە Pro 2 نىڭ ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 25km/h قا، ئەڭ ئۇزۇن ئارىلىقى 45km غا، يانتۇلۇقى % 20 كە يېتىدۇ. 1S توكلۇق غالتەكنىڭ ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك تېزلىكى ئوخشاشلا 25km/h، لېكىن ئارىلىقى 30km ،  يانتۇلۇقى %14.

شىياۋمى توكلۇق غالتىكى Pro 2 نىڭ باھاسى 499 ياۋرو، 1S نىڭ باھاسى 399 ياۋرو

4. شىياۋمى تېلېۋىزور تاياقچىسى، (TV Stick ، 电视棒 بۇنى نېمە ئاتىساق مۇۋاپىق؟)

微信图片_20200723111425.jpg

شياۋمى تېلېۋىزور تاياقچىسى ھازىر پەقەت چەت ئەل بازىرىدىلا سېتىلىۋاتىدۇ، سەپلىمىسى جەھەتتە، تۆت يادرولۇق ARM A53 قۇرۇلمىلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 1GB RAM لىق ئىچكى ساقلىغۇچ،  8GB ROM سىغىم ۋە Mali-450 GPU سەپلەنگەن؛ Android 9 TV سىستېمىسى قاچىلانغان. كۆك چىش 4.2، قوش چاستوتىلىق Wi-Fi قاتارلىقلارنى قوللايدۇ، تولۇق رازمېرلىق HDMI ۋە microUSB ئۇلاش ئېغىزى بىلەن تەمىنلەيدۇ، دولبى ئاۋاز ئۈنۈمى ۋە DTS نى قوللايدۇ. باھاسى 39.99 ياۋرو (تەخمىنەن 319 يۈەن).
بۇ «تاياقچە» بۇرۇنقى ئەقىلىي ئىقتىدارلىق ئەمەس تېلېۋىزورنى ئەقىلىي ئىقتىدارلىق قىلدىغان ئۈسكۈنە.

5. شىياۋمى 34 دىيۇملۇق ئەگرى يۈزلۈك ئېكران

微信图片_20200723111429.jpg

بۇ ئېكران 4-ئايدا دۆلەت ئىچىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 21:9 نىسبەتتە، ئېنىقلىقى 3440×1440. يورۇقلۇق دەرىجىسى 300 نېتتقا يېتىدۇ. ئېكران يېڭىلىنىش نىسبىتى 144Hz بولۇپ، ئويۇن ئوينىغاندىكى ئۈنۈمى ياخشى. ئۇنىڭ سېتىلىش باھاسى 499 ياۋرو (تەخمىنەن 3979 يۈەن).

6. Redmi 9/9C/9A يانفونى

微信图片_20200723111432.jpg

نۆۋەتتە Redmi 9 يۈرۈشلۈكىنىڭ دۆلەت ئىچىدە پەقەت ئۆلچەملىك نۇسخىسى بار، بۇ قېتىم شياۋمى چەتئەلدە ئۇدا ئۈچ خىل نۇسخىسىنى چىقارغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېكران رازمېرى ئوخشاشلا 6.53 دىيۇم، لېكىن بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئىچكى ساقلىغۇچ، كامېرا قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە Redmi 9 باھاسى 149 ياۋرو (1189 يۈەن) ، Redmi 9C نىڭ باھاسى 119 ياۋرو ( 949 يۈەن) ، Redmi 9A نىڭ باھاسى 99 ياۋرو (789 يۈەن).

خۇۋېي چەتئەلدە قىيىنچىلىققا ئۇچرۋاتقان بۇنداق ۋاقىتتا شىياۋمىنىڭ بىراقلا بىر نەچچە مەھسۇلاتنى خەلقئارا بازارغا سېلىشى ياخشى ئەھۋال.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部