+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-23 11:32 736 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-7-23 11:24  

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يانفوننىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى كۆپ خىللاشتى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يان تېلېفونلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېقىنقى بىر نەچچە يىللىق تەرەققىياتنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئەگىشىش ئېغىر. بازاردا نېمە مودا بولسا، زاۋۇتلار شۇنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، مەسىلەن، iPhone X چىققاندىن كېيىن، باشقا كارخانىلارمۇ بەس-بەستە «ماڭلاي» ئېكرانلىق يانفوننى بازارغا سالدى. خۇاۋېي ئۈچ كامېرالىق، تۆت كامېرالىق يانفون چىقارغاندىن كېيىن، باشقا كارخانىلارمۇكۆپ خىل كامېرالىق يان تېلېفونلارنى داۋاملىق چىقاردى. بۇ يىل ھەر قايسى كارخانىلار مودىغا ئەگىشىپ يۆنىلىشنى سىمسىز زەرەتلەش تەرەپكە قاراتتى.
95d68d3341c4eaf4246b62bc2223503e.png
نۆۋەتتە، ئالما، خۇاۋېيلا ئەمەس، شياۋمى، OPPO، مېيزۇ، يىجىيا قاتارلىقلار بەس-بەستە سىمسىز زەرەتلەشنى قوللايدىغان يانفونلىرىنى چىقاردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى دېگۈدەك تېز سۈرئەتتە سىمسىز توك قاچىلاشنى قوللادۇ.
لېكىن، گەرچە كارخانىلارنىڭ ھەممىسى سىمسىز زەرەتلەشنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىستېمالچىلار ناھايىتى ئاز ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھازىرقى سىمسىز زەرەتلەش ئىستېمالچىلارنىڭ قولىدا ھەقىقىي ئومۇملاشمىدى، نېمە ئۈچۈن بۇنداق نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ؟ شياۋمىنىڭ CEO سى لېي جۈن يېقىندا بۇنىڭغا جاۋاب بەردى.

8c68714ac4a9e262fd3cfec12b5b71c4.png

سىمسىز توك قاچىلاش سۈرئىتى ئانچە تېز ئەمەس، يەنە بىر تەرەپتىن سىمسىز توك قاچىلاش تەننەرخى بىر قەدەر يۇقىرى. نۆۋەتتە ئاساسلىق يانفون كارخانىلىرىنىڭ سىمسىز توك قاچىلايدىغان يانفونلىرى بولمىسىمۇ، لېكىن نۆۋەتتىكى بازار ئەھۋالدىن قارىغاندا سىمسىز زەرەتلەشنى قوللايدىغان يانفوننىڭ باھاسى 2000 يۈەندىن تۆۋەن ئەمەسلىكىنى، ئاساسىي جەھەتتىن 3000 يۈەندىن يۇقىرى بايراقدار يانفونلار ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.

c5e818f87c8a1f96baa7a53771990d49.png

يەنە ئىككى نۇقتا تېخىمۇ مۇھىم، سىمسىز زەرەتلەش ئۈچۈن يەنە سىمسىز زەرەتلىگۈچ سەپلەش كېرەك، سىمسىز زەرەتلىگۈچنى ئايرىم سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ، باھاسىمۇ ئەرزان ئەمەس، ئېغىرلىقى، ھەجىمى سىملىق زەرەتلىگۈچتىن چوڭ. كىشىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ ئېلىپ يۈرۈشى قولايسىز. يەنە بىر نۇقتا بولسا سىمسىز زەرەتلەش ئارىلىقىنىڭ چەكلىمىسى بار. سىمسىز زەرەتلەيدۇ دېگەن بىلەن يانفوننى سىمسىز زەرەتلىگۈچنىڭ ئۈستىگە قويمىسا توك قاچىلىمايدۇ، قولغا ئالسىلا توك قاچىلاشتىن توختايدۇ. شۇڭا سىمسىز زەرەتلىگۈچ سېتىۋالغانلارمۇ كۆپ ئىشلەتمەيدۇ.
شۇڭا ھازىرقى كېلەڭسىز بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلمىسا، بولۇپمۇ يىراق ئارىلىقتىن زەرەتلەش تېخنىكىسى چىقمىسا سىمىسز زەرەتلەش تەدرىجىي ئەمەلدىن قېلىشى مۇمكىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部