+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-7-22 12:18 926 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئېكران بارماق ئىزى تونۇيدىغان يانفون ھازىر كۆپچىلىككە ناتونۇش ئەمەس، 2018-يىلى vivo  تۇنجى ئېكران ئاستىغا بارماق ئىزى سېنزورى سەپلەنگەن يانفوننى چىقارغان.
ئالاھىدە تېخنىكا بولغاچقا، ئېكران ئاستىدىكى بارماق ئىزى پەقەت OLED ئېكراندىلا ئەمەلگە ئاشاتتى، ھازىر LCD ئېكراندىمۇ بارماق ئىزى تونۇيدىغان بولدى، يەنە كېلىپ پۈتۈن ئېكراندا كۆپ نۇقتىدا بارماق ئىزى تونۇيدۇ.

0071Gwkjly1ggxb2sgqb6g30hs0a0npe.gif

تۆنۈگۈن تىيەنما شىركىتى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان دۇنيا بويىچە تۇنجى LCD ئېكران ئاستى كۆپ نۇقتىلىق بارماق ئىزى تونۇش ھەل قىلىش لايىھەسى TED Finger Print نى رەسمىي ئېلان قىلدى، بۇ قىسقارتىلىپ TFP دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بارماق ئىزى سېنزورى ئېكرانغا توپلاشتۇرۋەتكەن بولۇپ، تولۇق ئېكرانلىق كۆپ نۇقتىلىق بارماق ئىزىنى تونۇيدۇ. مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە.
ئېكران ئاستى بارماق ئىزىنى تونۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئېكراننىڭ ئاستىدىكى ئوپتىكىلىق بارماق ئىزى مودېلىدىن پايدىلىنىپ نۇر تارقىتىپ، ئېكرانغا تەگكەن بارماق ئىزىغا چۈشۈرۈپ، ئاندىن پەرقلەندۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا قۇلۇپ ئېچىش تاماملىنىدۇ.

b6ea90da8e024c479fa9cec205c608c0.jpg

بارماق ئىزىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈشتە ئېكراننىڭ يورۇقلۇق ئۆتكۈزۈشىگە قويۇلىدىغان تەلەپ ئىنتايىن يۇقىرى، بۇ جەھەتتە OLED ئېكراننىڭ ئىنتايىن نېپىز، يورۇقلۇق ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئېكران ئاستىدا بارماق ئىزىنى پەرقلەندۈرىدىغان يانفونلارنىڭ ھەممىسىگە OLED ئېكران ئىشلىتىلگەن.
LCD نىڭ ئېكران بىر قەدەر قېلىن، نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى يېتەرلىك بولماسلىق بىلەن چەكلىنىپ قېلىپ، بارماق ئىزى تونۇش ئەمەلگە ئاشمىغان.
تىيەنما شىركىتى ھەل قىلىش لايىھەسىنى تاپتى، ئۇ ئېكران ئاستىدىن بارماق ئىزىنى پەرق ئېتىپلا قالماي، يەنە بارماق ئىزىنى كۆپرەك پەرق ئېتەلەيدىغان بولدى، بارماق ئىزى تونۇيدىغان مەخسۇس بىر ئورۇننى تېپىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئېكراننىڭ ھەر قانداق ئورنىدا بارماق ئىزىنى تونۇتۇپ قۇلۇپنى ئاچقىلى بولىدۇ. ئېكراننى نىپىزلەتكەن بۇلۇپ بارماق ئىزى تونۇيدىغان بۇ LCD ئېكراننىڭ قېلىنلىقى %50 نىپىزلىگەن.

20200720120522_8967.jpg

OLED ئېكران يانفون بازىرىنى قاپلاشقا باشلىغاندىن بۇيان، بەزى كىشىلەر ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىدى. چۈنكى OLED نىڭ كۆرسىتىش ئۈنۈمى بەك ئوچۇق، تويۇنۇش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چاستوتا چاقناش قاتارلىق مەسىلىلەر ناھايىتى ئاسانلا كىشىلەردەچارچاش پەيدا قىلىدۇ، يەنى كۆپچىلىك ئېيتقاندەك ئۇزۇن كۆرسە كۆز چارچايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، OLED ئېكراننىڭ تەننەرخى LCD دىن بولىدۇ، بەزىدە ئېكران چېقىلىپ كېتىپ ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، ياخشىراق OLED ئېكراننى رېمونت قىلىش، ئالماشتۇرۇش ھەققىنىڭ يانفوننىڭ باھاسىغا تەڭلىشىپ قالىدۇ.

d789e2a506914d8da2c6ee20a3de6365.jpg

بۇنىڭغا قارىتا LCD دا يەنە ئۈمىد بار. بۇ قېتىم تىيەنمانىڭ LCD ئېكرانى تېخنىكىسىيەنە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.
نۆۋەتتە تىيەنما LCD ئېكرانى كۆپ نۇقتىلىق بارماق ئىزى تونۇش تېخنىكىسى ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ھازىرلىدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى خۇاۋېي بىلەن شياۋمى تىيەنما ئېكرانىنى ئىشلىتىپ باققان بولغاچقا، يەنە ئالدى بىلەن مۇشۇ ئىككى يانفونغا بۇ تېخنىكا ئالدى بىلەن ئىشلىتىشى مۇمكىن.

0071Gwkjly1ggxb2tzuccg30hs0a04qw.gif

بۇ تېخنىكا  يەنە يانفوندىن باشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال، كومپىيۇتېر قاتارلىقلاردىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە، مەسىلەن، ئەپنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا شىفىرلاشتۇرۇش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، ئاپتوموبىل ھەيدەش تەسىراتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەمدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت، ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە سايمانلىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق داۋالاش ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

2ئادەم ئىنكاس يازدى

tursunxayar ۋاقتى: 2020-7-23 00:09:53
ماۋۇلار يامان يەردىن بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپتىغۇ مانا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部